UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى دۆلەت ئاپپاراتلىرىگوۋۇيۈەن

گوۋۇيۈەن

جۇڭگودىكى دۆلەت ئاپپاراتلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنى دۆلەتنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ ئىجرائىيە ئورگىنى ۋە دۆلەتنىڭ ئالىي مەمۇرىي ئورگىنىدۇر. ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە،1954 - يىلى ئېچىلغان1 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا گوۋۇيۈەن تەسىس قىلىنغان. گوۋۇيۈەن زۇڭلى، مۇئاۋىن زۇڭلىلار، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، مىنىستىرلىكلەرنىڭ مىنىستىرلىرى، كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى، باش مۇپەتتىش ۋە باش كاتىپتىن تەركىب تاپىدۇ. گوۋۇيۈەندە زۇڭلى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. مىنىستىرلىك - كومىتېتلاردا مىنىستىر ۋە مۇدىرلار مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. گوۋۇيۈەن دۆلەتنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى چىقارغان ئاساسىي قانۇن، قانۇن ۋە قارارلارنى ئىجرا قىلىشقا بىر تۇتاش مەسئۇل بولىدۇ، گوۋۇيۈەن تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ: ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي تەدبىرگە ئاساسەن، مەمۇرىي قانۇن - نىزام چىقىرىش، قارار ۋە بۇيرۇقلارنى ئېلان قىلىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا تەكلىپ سۇنۇش؛ مىنىستىرلىك، كومىتېتلارنىڭ ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى بەلگىلەپ، مىنىستىرلىك ۋە كومىتېتلارنىڭ خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش ھەمدە مەملىكەت بويىچە مىنىستىرلىك ۋە كومىتېتلارغا تەۋە بولمىغان مەمۇرىي خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىش؛ مەملىكەت بويىچە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، مەركەز ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى كونكرېت ئايرىشنى بەلگىلەش؛ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، شۇنىڭدەك دۆلەت خام چوتىنى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش؛ ئىقتىسادىي خىزمەتكە ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش؛ مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش؛ خەلق ئىشلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئەدلىيە مەمۇرىيىتى ۋە مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش؛ تاشقى ئىشلارنى باشقۇرۇش؛ چەت ئەللەر بىلەن شەرتنامە ۋە كېلىشىم تۈزۈش؛ دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش؛ مىللەتلەر ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقى ۋە مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش؛ جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ ھەققانىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ۋە مۇھاجىرلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش؛ مىنىستىرلىك، كومىتېتلار ئېلان قىلغان نامۇۋاپىق بۇيرۇق، يوليورۇق ۋە بەلگىلىمىلەرنى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىش؛ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ نامۇۋاپىق قارار ۋە بۇيرۇقلىرىنى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىش؛ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ رايونغا ئايرىلىشىنى تەستىقلاش، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيە، شەھەر، ناھىيىلەرنىڭ تۈزۈلمىسى ۋە رايونغا ئايرىلىشىنى تەستىقلاش؛ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ دائىرىسىدىكى قىسمەن رايونلاردا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈشنى قارار قىلىش؛ مەمۇرىي ئاپپاراتلارنىڭ شتاتىنى بېكىتىش، قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مەمۇرىي خادىملارنى تەيىنلەش - قالدۇرۇش، تەربىيىلەش، باھالاش ۋە مۇكاپاتلاش - جازالاش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى بەرگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزۈش. گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە مۇددىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. زۇڭلى، مۇئاۋىن زۇڭلىلار ۋە دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرىنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىككى نۆۋەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى دۆلەت ئاپپاراتلىرى