مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى
جۇڭگودىكى دۆلەت ئاپپاراتلىرى
مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى − دۆلەت ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزىدىغان ئالىي ئورگان.1949
- يىل10 - ئاينىڭ1 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى، ئۇنىڭغا ماۋ زېدۇڭ رەئىس، جۇ دې، ليۇ شاۋچى، سۇڭ چىڭلىڭ، لى جىشېن، جاڭ لەن، گاۋ گاڭلار مۇئاۋىن رەئىس بولدى. مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى تاشقى جەھەتتە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئىچكى جەھەتتە دۆلەت ھاكىمىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.
مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندا، ئۇنىڭ قارىمىقىدا جېڭۋۇيۈەن (دۆلەت مەمۇرىي كېڭىشى)، خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىق ئاپپاراتلار تەسىس قىلىنغان. جېڭۋۇيۈەن دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي ئىجرائىيە ئورگىنى؛ خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتى دۆلەتنىڭ ھەربىي ئىشلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانلىق ئورگىنى؛ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دۆلەتنىڭ ئالىي سوت ئورگىنى ۋە تەپتىش ئورگىنىدۇر.
مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى تۆۋەندىكى10 خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ:1 . دۆلەتنىڭ قانۇنلىرىنى چىقىرىش ھەمدە ئىزاھلاش، پەرمان چۈشۈرۈش ھەمدە ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىش.2 . دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش فاڭجېنىنى بەلگىلەش.3 . جېڭۋۇيۈەننىڭ دۆلەتنىڭ قانۇن - پەرمانلىرىغا زىت كېلىدىغان قارار ۋە پەرمانلىرىنى بىكار قىلىش ياكى تۈزىتىش.4 . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەللەر بىلەن تۈزۈشكەن شەرتنامە ۋە كېلىشىملىرىنى تەستىقلاش ياكى بىكار قىلىش ۋە ياكى تۈزىتىش.5 . ئۇرۇش ۋە تىنچلىق مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش.6 . دۆلەتنىڭ خام چوت ۋە نەق چوتلىرىنى تەستىقلاش ياكى تۈزىتىش.7 . دۆلەتنىڭ ئومۇمىي كەچۈرۈم ۋە پەۋقۇلئاددە كەچۈرۈم بۇيرۇقىنى ئېلان قىلىش.8 . دۆلەتنىڭ ئوردېن، مېداللىرىنى تۈزۈش ۋە ئېلان قىلىش.9 . ئالاقىدار ھۆكۈمەت خادىملىرىنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش.10 . مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئۇنى ئېچىش.1954
- يىلى ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىگە ئۆزگەرتىلدى.