UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى دۆلەت ئاپپاراتلىرىمەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى

جۇڭگودىكى دۆلەت ئاپپاراتلىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى − جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى. ئۇ دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىش، نېگىزلىك قانۇننى تۈزۈش ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈش؛ دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگىنى، سوت ئورگىنى، تەپتىش ئورگىنى، ھەربىي ئورگىنى مەسئۇللىرىنى سايلاش ۋە بەلگىلەش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ كىشىلەرنى قالدۇرۇۋېتىش ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزەلەيدۇ؛ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى ئۆلچەم قىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى نازارەت قىلىدۇ، دۆلەتنىڭ تۈپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە چوڭ - چوڭ مەسىلىلىرىنى قاراپ چىقىدۇ ۋە قارار قىلىدۇ. دۆلەتنىڭ ئۇرۇش ۋە تىنچلىق مەسىلىسىنى قارار قىلىدۇ. دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگىنى، سوت ئورگىنى، تەپتىش ئورگىنى، ھەربىي ئورگىنى، شۇنىڭدەك باشقا دۆلەت ئورگانلىرى ئۇنىڭ ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ۋە نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي ئاپپاراتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بولۇپ، ئۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ئۇنىڭ (خىزمەت) ھوقۇقى ئاساسلىقى ئاساسىي قانۇننى ئىزاھلاش، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىش؛ قانۇنلارنى ئىزاھلاش، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلىدىغان قانۇنلاردىن باشقا قانۇنلارنى چىقىرىش ۋە تۈزىتىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى قاراپ چىقىش ۋە تەستىقلاش، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىنى نازارەت قىلىش؛ ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن، دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنى بەلگىلەش ۋە تەيىنلەش - قالدۇرۇش، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللەرنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇشنى قارار قىلىش؛ چەت ئەللەر بىلەن تۈزۈشكەن شەرتنامە ۋە مۇھىم كېلىشىملەرنى تەستىقلاش ۋە بىكار قىلىشنى قارار قىلىش؛ ھەربىيلەر ۋە دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ ئۇنۋان تۈزۈمى ۋە باشقا مەخسۇس ئۇنۋان تۈزۈملىرىنى بەلگىلەش؛ پەۋقۇلئاددە كەچۈرۈم قىلىشنى قارار قىلىش؛ ئۇرۇش ھالىتىنى جاكارلاشنى قارار قىلىش؛ مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي سەپەرۋەر قىلىش ياكى قىسمەن سەپەرۋەر قىلىشنى قارار قىلىش؛ مەملىكەت بويىچە ياكى ئايرىم ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈشنى قارار قىلىش، ۋەھاكازا. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا يەنە ئېھتىياجغا قاراپ بىر قاتار مەخسۇس كومىتېتلار قۇرۇلىدۇ، بۇ كومىتېتلار مەلۇم جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.1993 - يىلى8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا جەمئىي سەككىز مەخسۇس كومىتېت قۇرۇلدى. ئۇلار: مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، قانۇن كومىتېتى، ئىچكى ئىشلار - ئەدلىيە كومىتېتى، مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى، مائارىپ - ئىلىم، پەن - مەدەنىيەت، سەھىيە كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى كومىتېتى، مۇھىت ئاسراش كومىتېتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ كومىتېتلار دائىمىي ئاپپارات بولۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.1 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى1954 - يىلى9 - ئايدا بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىن ليۇ شاۋچىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلىدى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى: سۇڭ چىڭلىڭ، لىن بوچۈ، لى جىشېن، جاڭ لەن، لو رۇڭخۇەن، شېن جۈنرۇ، گو مورو، خۇاڭ يەنپېي، پېڭ جېن، لى ۋېيخەن، چېن شۇتۇڭ، دالاي لاما، دەنزېڭ جياسو، سەيپىدىن ئەزىزى، چېڭ چيەن (1958 - يىلى تولۇقلانغان) قاتارلىقلار، باش كاتىپ پېڭ جېن. ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەر بەش يىلدا نۆۋەت ئالماشتۇرىدۇ، ھەر يىلى بىر قېتىم يىغىن ئاچىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى دۆلەت ئاپپاراتلىرى
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى | UyghurWiki | UyghurWiki