UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى دۆلەت ئاپپاراتلىرىمەركىزىي ھەربىي كومىتېت

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت

جۇڭگودىكى دۆلەت ئاپپاراتلىرى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي ھەربىي رەھبەرلىك ئاپپاراتى.1982 - يىلى ماقۇللانغان ئاساسىي قانۇندا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە قۇرۇلغان مەركىزىي ھەربىي كومىتېت پۈتۈن مەملىكەتتىكى قوراللىق كۈچلەرگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. دۆلەت مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، ئۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. پارتىيىنىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى بىلەن دۆلەتنىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى ئەمەلىيەتتە بىر ئاپپارات بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ھەم پارتىيىنىڭ ئارمىيىگە بولغان رەھبەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، ھەم دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئارقىلىق قوراللىق كۈچلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ. مەركىزىي ھەربىي كومىتېت رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسلەر ۋە كومىتېت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇنىڭدا رەئىس مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ھەربىي كومىتېتنىڭ ھەر نۆۋەتلىك رەئىسلىرى: ماۋ زېدۇڭ، خۇا گوفېڭ، دېڭ شياۋپىڭ، جياڭ زېمىن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى دۆلەت ئاپپاراتلىرى
مەركىزىي ھەربىي كومىتېت | UyghurWiki | UyghurWiki