UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى دۆلەت ئاپپاراتلىرىجۇڭگو خەلق سىياسىي كېڭىشى

جۇڭگو خەلق سىياسىي كېڭىشى

جۇڭگودىكى دۆلەت ئاپپاراتلىرى جۇڭگو خەلقى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش مۇساپىسىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىك قىلىدىغان، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، پارتىيىسىز - گۇرۇھسىز دېموكراتىك زاتلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئاز سانلىق مىللەت زاتلىرى ۋە ھەر ساھەدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلاردىن تەركىب تاپقان، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار ۋە چەت ئەلدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى تەشكىل قىلدى. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئېلىمىز خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سەپ تەشكىلاتىدۇر.1949 - يىلى9 - ئايدىن باشلاپ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ1 - نۆۋەتلىك يىغىنىدىن كېيىن، سىياسىي كېڭەش خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزۈپ، مۇھىم تارىخىي رولىنى جارى قىلدۇرغان.1954 - يىلى ئېچىلغان1 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيىلىك ۋەزىپىسىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزۈشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى جاكارلاندى، سىياسىي كېڭەش خەلق دېموكراتىيىسىنىڭ بىرلىك سەپ تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن داۋاملىق ساقلانماقتا ھەمدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش كۈرىشىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى دۆلەت ئاپپاراتى سىستېمىسىدىكى دۆلەت ئورگىنىغا كىرمەيدۇ، ئۇ يەنە ئادەتتىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغىمۇ ئوخشىمايدۇ، ئۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىدۇر. ئۇ «ئۇزاققىچە بىللە تۇرۇش، ئۆزئارا نازارەت قىلىش»، «بىر - بىرىدىن سىر ساقلىماسلىق، بار - يوقنى تەڭ كۆرۈش» فاڭجېنىغا ئاساسەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە پارتىيىسىز - گۇرۇھسىز ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىي ھاياتىدىكى مۇھىم رولىنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ چوڭ - چوڭ سىياسەت - فاڭجېنلىرى، تۈرلۈك قۇرۇلۇش ئىشلىرى ۋە خەلق تۇرمۇشىدىكى چوڭ - چوڭ مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭىشىدۇ ۋە مۇزاكىرە قىلىدۇ ھەمدە تەكلىپ ۋە تەنقىد ئارقىلىق دېموكراتىك نازارەت قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. بۇ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى بەرپا قىلىش، جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ياخشىلاش ۋە كۈچەيتىش، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشىلاش ۋە قوللاش، چوڭ - چوڭ تەدبىرلەرنى دېموكراتىيىلەشتۇرۇش ۋە ئىلمىيلەشتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىنى ئىزچىل تۈردە جۇڭگودىكى ئابرۇيلۇق سىياسىيونلار ئۆتەپ كەلدى. ماۋ زېدۇڭ1 - نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى بولدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى دۆلەت ئاپپاراتلىرى