جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى
جۇڭگودىكى دۆلەت ئاپپاراتلىرى
دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە بىر رەئىس، بىرقانچە مۇئاۋىن رەئىس قويۇلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
دۆلەت رەئىسىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قارارى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا بىنائەن، قانۇنلارنى ئېلان قىلىش، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مۇئاۋىن زۇڭلىلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، مىنىستىرلىكلەرنىڭ مىنىستىرلىرى، كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى، باش مۇپەتتىش ۋە باش كاتىپنى تەيىنلەش - قالدۇرۇش؛ دۆلەت ئوردېنى ۋە شەرەپ نام بېرىش، پەۋقۇلئاددە كەچۈرۈم بۇيرۇقى چۈشۈرۈش، ھەربىي ھالەت بۇيرۇقىنى ئېلان قىلىش، ئۇرۇش ھالىتىنى جاكارلاش، سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چۈشۈرۈش؛ چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللەرنى ئەۋەتىش ۋە قايتۇرۇپ كېلىش، چەت ئەللەر بىلەن تۈزۈشكەن شەرتنامە ۋە مۇھىم كېلىشىملەرنى تەستىقلاش ۋە بىكار قىلىش، دۆلەتكە ۋاكالىتەن چەت ئەل ئەلچىلىرىنى قوبۇل قىلىش.
دۆلەت رەئىسى دۆلەت ئاپپاراتىدا ئالىي ئورۇندا تۇرىدۇ. لېكىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ، ئۇلار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى شەرت، دۆلەت رەئىسىنىڭ پائالىيىتىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى قارار قىلىدۇ. شۇڭا، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت باشلىقى تۈزۈمى كوللېكتىپ تۈزۈمدۇر.1982
- يىلىدىن كېيىن، ئاساسىي قانۇندا دۆلەت رەئىسىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىش بەلگىلەنگەن. مەملىكەت بويىچە قوراللىق كۈچلەرگە دۆلەت تەسىس قىلغان ھەربىي كومىتېت رەھبەرلىك قىلىدۇ، دۆلەت رەئىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى قوراللىق كۈچلەرگە قوماندانلىق قىلمايدۇ؛ ھۆكۈمەت خىزمىتى مەركەزلىك ھالدا گوۋۇيۈەننىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدۇ، دۆلەت رەئىسى ئالىي دۆلەت ئىشلىرى يىغىنى ئاچمايدۇ. دۆلەت رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىككى نۆۋەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. دېمەك، بۇ ئارقىلىق دۆلەت رەئىسىنىڭ باقىمەندىلىكىدىن تۈزۈم جەھەتتە ساقلانغىلى بولىدۇ.