گۇاڭجۇ - شياڭگاڭ ئىشچىلىرىنىڭ چوڭ ئىش تاشلىشى
جۇڭگودىكى ھەرىكەت ۋە چوڭ ئىش تاشلاش
1925 - يىلى6 - ئايدا گۇاڭدۇڭ ۋە شياڭگاڭ ئىشچىلىرى شاڭخەي خەلقىنىڭ «30 - ماي» قانلىق ۋەقەسى تۈپەيلىدىن قوزغىغان جاھانگىرلىككە قارشى كۈرىشىنى قوللاش ئۈچۈن، پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان زور ئىش تاشلاش ھەرىكىتىنى قوزغىدى، بۇ تارىختا «گۇاڭجۇ - شياڭگاڭ ئىشچىلىرىنىڭ چوڭ ئىش تاشلىشى» دەپ ئاتالدى.6
- ئاينىڭ19 - كۈنى كومپارتىيە ئەزاسى سۇ جاۋجېڭ، دېڭ جۇڭشيا قاتارلىقلارنىڭ رەھبەرلىكىدە، شياڭگاڭدىكى100 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى كەڭ كۆلەملىك ئىش تاشلىدى. ئۇزاق ئۆتمەي ئىش تاشلىغانلارنىڭ سانى كۆپىيىپ250 مىڭغا يەتتى. شياڭگاڭ دائىرىلىرى جىددىي تەدبىر قوللىنىپ ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈش ۋە قامال قىلىش ئارقىلىق ئىش تاشلاشقا تاقابىل تۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئىش تاشلىغان ئىشچىلار تېخىمۇ قاتتىق غەزەپكە كېلىپ، ئارقا - ئارقىدىن شياڭگاڭدىن ئايرىلىپ گۇاڭجۇغا قايتتى.6 - ئاينىڭ23 - كۈنى ئىش تاشلاپ گۇاڭجۇغا قايتقان بىر تۈركۈم ئىشچىلار گۇاڭجۇدىكى ئىشچىلار، دېھقانلار، ئوقۇغۇچىلار، خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ100 مىڭ ئادەم چوڭ كۆلەملىك داغدۇغىلىق نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشچىلار قوشۇنى شاميەن كونسېسسىيىسىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى شاجىدىن ئۆتكەندە، ئەنگلىيە، فرانسىيە جاھانگىرلىرىنىڭ دېڭىز ئەسكەرلىرى ئۇلارنى ئوققا تۇتتى ۋە ھەربىي پاراخوت بىلەن توپقا تۇتتى. نەق مەيداندىلا52 ئادەم ئۆلۈپ،170 نەچچە ئادەم ئېغىر يارىلاندى، نۇرغۇن ئادەم يېنىك يارىلىنىشتەك «شاجى پاجىئەسى» يۈز بەردى.
پاجىئە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئىش تاشلىغان ئىشچىلار گۇاڭجۇ - شياڭگاڭدا ئىش تاشلاش ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇپ، بۇنى ئىش تاشلاشنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنى قىلدى. سۇ جاۋجېڭ ئۇيۇشما باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى. ئۇيۇشما2000 دىن ئارتۇق ئادەمدىن تەركىب تاپقان ئىشچىلار تەرتىپ ساقلاش ئەترىتى قۇرۇپ، شياڭگاڭ شاميەن كونسېسسىيىسىنىڭ قاتنىشىنى قامال قىلىپ، شياڭگاڭنىڭ مال مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. شياڭگاڭنىڭ قاتنىشى توختاپ سودا كاسات ھالەتكە چۈشۈپ، شياڭگاڭ ئۆلۈك پورتقا ئايلاندى. گۇاڭجۇ - شياڭگاڭ ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشى بىر يىل تۆت ئاي داۋاملىشىپ،1926 - يىلى10 - ئايدا غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشتى. ئۇ، جاھانگىرلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇپ، جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ غايەت زور كۈچىنى نامايان قىلدى.