ئىككىنچى قېتىملىق ئىنقىلاب
جۇڭگودىكى ھەرىكەت ۋە چوڭ ئىش تاشلاش
يۈەن شىكەي ۋاقىتلىق دازۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن، ئەكسىيەتچىل مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق ئورناتتى.1912 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا گومىنداڭ پارتىيىسى پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، مەسئۇل ئىچكى كابىنېت تەشكىللەش ئارقىلىق يۈەن شىكەينىڭ ھوقۇقىنى چەكلىمەكچى بولدى، بۇ، يۈەن شىكەينىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى.1913 - يىل3 - ئاينىڭ20 - كۈنى يۈەن شىكەي ئادەم ئەۋەتىپ، شاڭخەي ۋوگزالىدا گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى سۇڭ جياۋرېننى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈۋەتتى.4 - ئايدا ئۇ ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، روسىيە، ياپونىيە قاتارلىق بەش دۆلەتنىڭ بانكا ئۆمىكى بىلەن «قېپقالغان ئىشلار ئۈچۈن قەرز ئېلىش توختىمى» نى ئىمزالىدى ھەمدە بۇ پۇلنى ئىنقىلابىي پارتىيىدىكىلەرنى باستۇرۇشتا ھەربىي خىراجەت قىلىپ ئىشلەتمەكچى بولدى.6 - ئايدا يۈەن شىكەي جياڭشى، گۇاڭدۇڭ، ئەنخۇي قاتارلىق ئۈچ ئۆلكىدىكى گومىنداڭغا ئەزا ۋالىيلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، جەنۇبقا يۈرۈش قىلىش پەرمانىنى چۈشۈرۈپ ئىچكى ئۇرۇش قوزغىدى.
سۇن جۇڭشەن «ئىككىنچى قېتىملىق ئىنقىلاب» ئېلىپ، بېرىپ يۈەن شىكەيگە قارشى جازا يۈرۈشى قىلىشنى چاقىرىق قىلدى.7 - ئاينىڭ12 - كۈنى جياڭشى ۋالىيسى لى ليېجۈن جياڭشىدىكى خۇكۇدا مۇستەقىللىق جاكارلاپ «يۈەن شىكەيگە جازا يۈرۈشى قىلىش ئارمىيىسى» تەشكىللەپ، يۈەن شىكەينى جازالاش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى، خۇاڭ شېڭمۇ نەنجىڭدا مۇستەقىللىق جاكارلىدى. ئارقىدىنلا گۇاڭدۇڭ، ئەنخۇي، فۇجيەن، خۇنەن، سىچۇەن قاتارلىق بىرقانچە ئۆلكىلەرمۇ ئارقا - ئارقىدىن مۇستەقىللىق جاكارلىدى. مانا بۇ، «ئىككىنچى قېتىملىق ئىنقىلاب» ئىدى.7 - ئاينىڭ23 - كۈنى يۈەن شىكەي «جازا يۈرۈشى قىلىش بۇيرۇقى» نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، شىمال مىلىتارىستلار ئارمىيىسى جياڭشى بىلەن نەنجىڭغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قوزغىدى.7 - ئاينىڭ25 - كۈنى شىمال مىلىتارىستلار ئارمىيىسى خۇكۇنى ئىشغال قىلدى،8 - ئاينىڭ18 - كۈنى نەنچاڭنى ئىگىلىدى، لى ليېجۈن قېچىپ كەتتى. شىمال مىلىتارىستلار ئارمىيىسى نەنجىڭغا ھۇجۇم قىلغان ۋاقىتتا، خۇاڭ شېڭ نەنجىڭدىن چىقىپ كەتكەنىدى.9 - ئاينىڭ1 - كۈنى شىمالىي مىلىتارىستلار ئارمىيىسى نەنجىڭنى ئىگىلىدى، شۇنىڭ بىلەن «ئىككىنچى قېتىملىق ئىنقىلاب» مەغلۇپ بولدى. يۈەن شىكەي سۇن جۇڭشەننى قولغا ئېلىش بۇيرۇقنى چۈشۈرگەچكە، سۇن جۇڭشەن چەت ئەلگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.