UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى ھەرىكەت ۋە چوڭ ئىش تاشلاشجۇمھۇرىيەتنى قوغداش ھەرىكىتى

جۇمھۇرىيەتنى قوغداش ھەرىكىتى

جۇڭگودىكى ھەرىكەت ۋە چوڭ ئىش تاشلاش 1915 - يىلى يۈەن شىكەي پادىشاھلىق تۈزۈمنى تىرىلدۈرۈش ھەرىكىتىنى جىددىيلەشتۈردى.12 - ئاينىڭ12 - كۈنى ئۇ تەپ تارتماستىن پادىشاھ بولۇشنى «قوبۇل قىلغان» لىقىنى، دۆلەت نامىنى «جۇڭخۇا ئىمپېرىيىسى» گە ئۆزگەرتكەنلىكىنى،1916 - يىلى يېڭى يىل كۈنى تەختتە ئولتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. لياڭ چىچاۋ باشچىلىقىدىكى تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسى «جۇمھۇرىيەتنى قوغداش» بايرىقىنى ئالدى بىلەن كۆتۈرۈپ چىقتى. لياڭ چىچاۋنىڭ دېموكراتىك ئىدىيىگە ئىگە ۋەتەنپەرۋەر ئوقۇغۇچىسى سەي ئېنىڭ رىياسەتچىلىكىدە يۈەن شىكەينىڭ پادىشاھ بولۇشىغا قارشى تۇرۇپ جۇمھۇرىيەتنى قوغداش ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى پارتلىدى.1915 - يىل12 - ئاينىڭ25 - كۈنى سەي ئې، لى ليېجۈن، تاڭ جىياۋلار يۈننەندە مۇستەقىللىق جاكارلىدى. ئۇلار پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە تېلېگرامما يوللاپ، يۈەن شىكەيگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە جۇمھۇرىيەتنى قوغداش ئارمىيىسى تەشكىللىدى.1916 - يىلى يېڭى يىل كۈنى جۇمھۇرىيەتنى قوغداش ئارمىيىسى ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ سىچۇەن، گۇيجۇ، گۇاڭدۇڭ ۋە گۇاڭشىلارغا يۈرۈش قىلىپ، جۇمھۇرىيەتنى قوغداش ئۇرۇشىنى باشلىدى. ئۇزاق ئۆتمەي بۇنىڭغا گۇيجۇ، گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭ، جېجياڭ، شەنشى قاتارلىق ئۆلكىلەر ئارقا - ئارقىدىن ئاۋاز قوشۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مۇستەقىللىق جاكارلىدى. يۈەن شىكەي100 مىڭ كىشىلىك قوشۇن توپلاپ جۇمھۇرىيەتنى قوغداش ئارمىيىسىنى باستۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، بىراق ئەسكەرلەر بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە بولمىغانلىقتىن، كەينى - كەينىدىن مەغلۇپ بولۇپ چېكىندى، ئۇنىڭ ئۆز سىستېمىسىغا قاراشلىق قوماندانلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا غەرىزى بولغاچقا، پادىشاھلىق تۈزۈم ئۈچۈن جېنىنى سېلىپ بېرىشنى خالىمىدى، جاھانگىرلارمۇ ئۇنىڭ يېتىم قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنى قوللىمىدى. ئىچكى - تاشقى قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن، يۈەن شىكەي3 - ئاينىڭ22 - كۈنى پادىشاھلىق تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولدى. بىراق زۇڭتۇڭلۇق ئورنىنى يەنىلا ساقلاپ قالدى.5 - ئايدا غەربىي جەنۇبتىكى مۇستەقىل ئۆلكىلەر گۇاڭدۇڭنىڭ جاۋچىڭ شەھىرىدە جۇمھۇرىيەتنى قوغداش ئارمىيىسى ھەربىي ئىشلار ئىنستىتۇتىنى قۇردى ھەمدە يۈەن شىكەينىڭ زۇڭتۇڭلۇق ئورنىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. سۇن جۇڭشەن «يۈەن شىكەيگە ئىككىنچى قېتىم جازا يۈرۈشى قىلىش خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلىپ، خەلقنى داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.5 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى يۈەن شىكەينىڭ ئىشەنچلىك قوللىغۇچىلىرىدىن سىچۇەن تۇتۇقى بىلەن خۇنەن تۇتۇقىمۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مۇستەقىللىق جاكارلىدى.6 - ئاينىڭ6 - كۈنى يۈەن شىكەي ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۆلۈپ كەتتى.7 - ئايدا جۇمھۇرىيەتنى قوغداش ئارمىيىسى ھەربىي ئىشلار ئىنستىتۇتىمۇ ئۆزلۈكىدىن ئەمەلدىن قالدى، جۇمھۇرىيەتنى قوغداش ھەرىكىتى غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشتى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى ھەرىكەت ۋە چوڭ ئىش تاشلاش