تەيپىڭ تيەنگو ھەرىكىتى
جۇڭگودىكى ھەرىكەت ۋە چوڭ ئىش تاشلاش
تەيپىڭ تيەنگو ھەرىكىتى − جۇڭگو يېقىنقى زامان تارىخىدىكى كۆلىمى زور، تەسىر دائىرىسى چوڭقۇر، فېئودالىزمغا، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى بىر قېتىملىق ئۇلۇغ دېھقانلار ھەرىكىتى، شۇنداقلا بىرقانچە مىڭ يىللاردىن بۇيانقى جۇڭگو دېھقانلار ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى.1851
- يىلى (شيەنفېڭنىڭ تۇنجى يىلى)1 - ئاينىڭ11 - كۈنى خۇڭ شيۇچۈەن گۇاڭشىنىڭ گۇيپىڭ ناھىيىسى جىنتيەن كەنتىدە «تەڭرىگە بەيئەت قىلغۇچىلار» ئۇيۇشمىسىنى تەشكىللەپ قوزغىلاڭ كۆتۈردى، دۆلەت نامى تەيپىڭ تيەنگو بولدى. قوزغىلاڭچى قوشۇن «تەيپىڭ ئارمىيىسى» دەپ ئاتالدى.3 - ئايدا خۇڭ شيۇچۈەن ۋۇدۇڭ يېزىسىدا ئۆزىنى تەڭرى خان دەپ ئاتىدى.9 - ئايدا تەيپىڭ ئارمىيىسى يۇڭئەننى ئالدى. يۇڭئەندە تەڭرى خان خۇڭ شيۇچۈەن ياڭ شيۇچىڭنى شەرقىي ۋاڭ (دۇڭۋاڭ)، شياۋ چاۋگۇينى غەربىي ۋاڭ (شىۋاڭ)، فېڭ يۈنشەننى جەنۇبىي ۋاڭ (نەنۋاڭ)، ۋېي چاڭخۇينى شىمالىي ۋاڭ (بېيۋاڭ)، شى داكەينى يىۋاڭ (ساداقەتمەن ۋاڭ) لىققا تەيىنلەپ، دەسلەپكى قەدەمدە ھاكىمىيەت قۇردى.1852
- يىلى ئەتىيازدا تەيپىڭ ئارمىيىسى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ قاتتىق مۇھاسىرىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، يۇڭئەندىن شىمالغا يۈرۈش قىلدى. فېڭ يۈنشەن بىلەن شياۋ چاۋگۇي ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قۇربان بولدى. يىل ئاخىرىدا تەيپىڭ ئارمىيىسى خەنكۇ، خەنياڭ، ۋۇچاڭلارنى ھۇجۇم بىلەن ئىشغال قىلدى. قوشۇننىڭ ئادەم سانى تېز كۆپىيىپ500 مىڭغا يەتتى.1853 - يىلى ئەتىيازدا تەيپىڭ ئارمىيىسى سۇ ۋە قۇرۇقلۇق ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ شەرقىنى بويلاپ ھۇجۇمغا ئۆتتى ھەمدە غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەپ،3 - ئاينىڭ19 - كۈنى نەنجىڭنى ئىگىلىدى. خۇڭ شيۇچۈەن نەنجىڭنى تيەنجىڭغا ئۆزگەرتىپ، تەيپىڭ تيەنگونىڭ پايتەختى قىلدى. تەيپىڭ تيەنگو «تەيپىڭ تيەنگونىڭ يەر تۈزۈمى» نى جاكارلىدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت «يەر بولسا ئورتاق تېرىش، تاماق بولسا تەڭ يېيىش، كىيىم بولسا تەڭ كىيىش، ھەرقانداق جايدا تەكشىسىزلىك بولماسلىق، ئاچ - يالىڭاچ قالغانلار بولماسلىق» تىن ئىبارەت غايىۋى جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئىدى.
تيەنجىڭ پايتەخت قىلىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، تەيپىڭ ئارمىيىسى ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ شىمالغا ۋە غەربكە جازا يۈرۈشى قىلدى. لىن فېڭشياڭ، لى كەيفاڭلار باشچىلىقىدىكى20 مىڭ كىشىلىك شىمالغا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇن خېنەنگە ھۇجۇم قىلىپ، خۇاڭخېنى كېسىپ ئۆتۈپ سەنشىگە قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئۇدۇل جىلىغا يېتىپ كەلدى. چىڭ سۇلالىسى ئوردىسى قاتتىق ئالاقزادە بولۇپ، قورشاپ يوقىتىشقا قوشۇن ئەۋەتتى. ئىككى يىللىق قانلىق جەڭ ئارقىلىق شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى قوشۇنى تەنھا جەڭ قىلىش، قورال - ياراغ ۋە باشقا ئەشيالارنىڭ كەملىكى تۈپەيلىدىن مەغلۇپ بولۇپ، ئەڭ ئاخىردا ھەممىسى مەردلەرچە قۇربان بولدى. شىمالغا يۈرۈش قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خۇ يىخۇاڭ، لەي خەنيىڭ قاتارلىقلار1000 دىن ئارتۇق جەڭ كېمىسى بىلەن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ غەربىنى بويلاپ غەربكە جازا يۈرۈشى قىلدى. غەربكە جازا يۈرۈشى قىلىش قوشۇنى زېڭ گوفەننىڭ خۇنەن قوشۇنىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلدى.1855 - يىلى شى داكەي غەربكە جازا يۈرۈشى قىلىش قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ، جياڭشىدىكى خۇكۇدا ۋە جيۇجياڭدا خۇنەن قوشۇنىنىڭ سۇ لەشكەرلىرىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. ئۈچ يىلغا يېقىن داۋاملاشقان جازا يۈرۈشى جېڭى ئارقىلىق غەربكە جازا يۈرۈشى قىلىش قوشۇنى خۇبېينىڭ شەرقى ۋە جياڭشى، ئەنخۇي قاتارلىق كەڭ زېمىننى كونترول قىلدى. ئۇزاق ئۆتمەي تەيپىڭ ئارمىيىسى تيەنجىڭنىڭ سىرتىدىكى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ جياڭنەن بارگاھى، جياڭبېي بارگاھىنى تارمار قىلدى، تەيپىڭ تيەنگو ھەربىي ئىشلار جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىش باسقۇچىغا يەتتى.
بىراق دەل مۇشۇ مەزگىلدە، تەيپىڭ تيەنگو رەھبەرلىك گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدا كەسكىن نىزا كېلىپ چىقتى.1856 - يىلى شەرقىي ۋاڭ ياڭ شيۇچىڭ تەڭرى خاندىن ئۆزىگە «خان» ئىمتىيازىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى. خۇڭ شيۇچۈەن شىمالىي ۋاڭ − ۋېي چاڭخۇي ۋە يىۋاڭ − شى داكەيلەرنى تيەنجىڭغا مەسلىھەتلىشىشكە مەخپىي چاقىردى. ۋېي چاڭخۇي دەرھال قوشۇن باشلاپ تيەنجىنگە يېتىپ كېلىپ، ياڭ شيۇچىڭنى ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى20 نەچچە مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، تيەنجىڭدىكى سەركەردە - لەشكەرلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. خۇڭ شيۇچۈەن ۋېي چاڭخۇينى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىككى ئاكىسىنى ۋاڭلىققا تەيىنلەپ، شى داكەينى تىزگىنلىدى،1857 - يىلى شى داكەي100 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ تەيپىڭ تيەنگو بىلەن ئادا - جۇدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن تەيپىڭ ئارمىيىسىنىڭ كۈچى زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ كەتتى.1863 - يىلى شى داكەينىڭ قىسىمى سىچۇەندە دەريادىن ئۆتۈۋاتقاندا چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قېلىپ، پۈتۈنلەي ھالاك بولدى.2
- قېتىملىق ئەييۈن ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەكسيەتچى كۈچلەر تىل بىرىكتۈرۈپ، تەيپىڭ تيەنگو ھەرىكىتىنى بىرلىكتە باستۇردى. خۇڭ شيۇچۈەن چېن يۈيچېڭ، لى شيۇچېڭ قاتارلىق بىر تۈركۈم ياشلارنى ئۆستۈرۈپ قوماندانلىققا تەيىنلەپ، كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى بىر مەھەل مۇقىملاشتۇردى،ئاخىردا دۈشمەن كۈچى قۇدرەتلىك بولغاچقا، ئەنچىڭ، سۇجۇ، خاڭجۇلار ئارقا - ئارقىدىن قولدىن كەتتى. تيەنجىڭ مۇھاسىرىدە قالدى.1864 - يىلى6 - ئايدا خۇڭ شيۇچۈەن كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى.7 - ئاينىڭ19 - كۈنى تيەنجىڭ قولدىن كەتتى. تەيپىڭ تيەنگو ھەرىكىتى14 يىل داۋاملىشىپ18 ئۆلكىگە كېڭىيىپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ۋە چەت ئەل تاجاۋۇزچى كۈچلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، جۇڭگونىڭ كونا شەكىلدىكى دېھقانلار ئۇرۇشىنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزدى.