ۋۇشۈي يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى
جۇڭگودىكى ھەرىكەت ۋە چوڭ ئىش تاشلاش
جۇڭگو1895 - يىلى جۇڭگو - ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ، بۆلۈشۈۋېلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى،5 - ئايدا «جۇڭگو - ياپونىيە سىمونوسېكى شەرتنامىسى» نىڭ ئىمىزالانغانلىق خەۋىرى بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن كاڭ يۇۋېي ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى لياڭ چىچاۋ ھەرقايسى ئۆلكىلەردىن بېيجىڭغا ئىمتىھانغا قاتناشقىلى كەلگەن1300 دىن ئارتۇق ئادەم بىلەن بىرلىشىپ گۇاڭشۈي خانغا مەكتۇپ يوللاپ، ياپونىيە بىلەن سۈلھىلىشىشكە قارشى تۇرۇپ، قانۇن ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلدى. مانا بۇ، «ھۆكۈمەت مەپىسىدە ئولتۇرغۇچىلارنىڭ مەكتۇپ سۇنۇشى» دۇر. بۇ قېتىمقى مەكتۇپ سۇنۇش گەرچە نەتىجە قازىنالمىغان بولسىمۇ، بىراق ۋۇشۈي يىلىدىكى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىنىڭ پەردىسىنى ئېچىپ بەردى.
شۇنىڭدىن كېيىن، كاڭ يۇۋېي، لياڭ چىچاۋ، تەن سىتۇڭ، يەن فۇ قاتارلىق يېڭىلىق تەرەپدارلىرى ئارقا - ئارقىدىن بېيجىڭ، شاڭخەي، چاڭشا، تيەنجىن قاتارلىق جايلاردا ئىلمىي جەمئىيەتلەرنى قۇرۇپ، گېزىت - ژۇرنال چىقىرىپ، مەكتەپ ئېچىپ، يېڭىلىققا كۆچۈش، قانۇن ئۆزگەرتىشنى تەشۋىق قىلدى ھەمدە غەربنىڭ بۇرژۇئا مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇردى. ئەينى چاغدا شاڭخەيدىكى «ۋەزىيەت گېزىتى» ۋە تيەنجىندىكى «مەملىكەت خەۋەرلىرى گېزىتى» نى جەنۇب - شىمال جامائەت پىكرى مۇنازىرىسىدە يېتەكچى ئورۇندا تۇراتتى، چاڭشادىكى ۋەزىيەت مەكتىپى ئەڭ داڭلىق ئىدى. يېڭىلىققا كۆچۈش تەرەپدارلىرى مۇتەئەسسىپلەر گۇرۇھى بىلەن مۇنازىرە جېڭى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ۋەتەننى قۇتقۇزۇشتا چوقۇم قانۇن ئۆزگەرتىش زۆرۈرلۈكى، چەت ئەلدىن ئۆگىنىش، خەلقنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىش، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزۇشتەك سىياسىي قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن، خەلق ھوقۇقىنى كۈچەيتىش ۋە كاپىتالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەلەپ قىلىنغان يېڭىلىققا كۆچۈش، قانۇن ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا قانات يايدى.1898
- يىلى (گۇاڭشۈينىڭ24 - يىلى، دېھقانلار كالېندارى بويىچە ۋۇشۈي يىلى)6 - ئاينىڭ11 - كۈنى گۇاڭشۈي خان «دۆلەت سىياسىتىنى ئوچۇق - ئاشكارا بېكىتىش» پەرمانىنى جاكارلاپ، قانۇن ئۆزگەرتىشنى يولغا قويدى. بۇ، تارىختا «ۋۇشۈي يىلىدىكى قانۇن ئۆزگەرتىش» دەپ ئاتالدى. مۇشۇ كۈندىن باشلاپ9 - ئاينىڭ21 - كۈنىگىچە گۇاڭشۈي خان كاڭ يۇۋېي قاتارلىق يېڭىلىق تەرەپدارلىرىنىڭ پىكرىگە ئاساسەن بىر تۈركۈم كونا قانۇنلارنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىسلاھات ئىقتىسادىي جەھەتتە: دېھقانچىلىق، سودا - سانائەت ئىدارىسى قۇرۇپ، شەخسلەرنى ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش؛ كان ئىشلىرى، تۆمۈريول باش ئىدارىسى تەسىس قىلىپ، تۆمۈريول ياساش، كان بايلىقلىرىنى ئېچىش؛ پوچتا - تېلېگراف ئىدارىسى تەسىس قىلىپ، ئۆتەڭ - راباتلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ مالىيەنى ئىسلاھ قىلىپ، دۆلەت خامچوت، راسچوتىنى پىلانلاش. سىياسىي جەھەتتە: ئەمەلدارلار ۋە پۇقرالارنىڭ مەكتۇپ سۇنۇپ، ئۆز پىكرىنى بايان قىلىشىغا رۇخسەت قىلىش، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلماسلىق؛ گېزىتخانا، ئىلمىي جەمئىيەت تەسىس قىلىشقا يول قويۇپ، مۇئەييەن دەرىجىدە پىكىر بايان قىلىش، نەشرىيات ئەركىنلىكى بېرىش؛ بيۇروكرات ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ئارتۇق خادىملارنى قىسقارتىش مەدەنىيەت، مائارىپ جەھەتتە: ئەمەلدارلىق ئىمتىھان تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، باگۇ (كونىچە) ئىمتىھانىنى بىكار قىلىش، پەن - تېخنىكا ئەسەرلىرى يازغان ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغانلارنى مۇكاپاتلاش؛ بېيجىڭدا پايتەخت ئالىي بىلىم يۇرتىنى تەسىس قىلىپ، ھەرقايسى رايونلاردا ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ئېچىش؛ تەرجىمانلىق ئىدارىسى قۇرۇپ، چەت ئەل كىتابلىرىنى تەرجىمە قىلىش. ھەربىي ئىشلار جەھەتتە: كونا تىپتىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيىنى قىسقارتىپ، يېڭىچە قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيىلىرىنى مەشىق قىلدۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. بۇ ئىسلاھاتلار جۇڭگو كاپىتالىزمىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، غەرب پەن - تېخنىكىسىنىڭ تارقىلىشى ۋە بۇرژۇئا زىيالىيلىرىنىڭ ھاكىمىيەتكە قاتنىشىشىغا پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ بەردى.
بىراق، ۋۇشۈي يىلىدىكى قانۇن ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى باشلىنىشىدىلا سىشى تەيخۇ باشچىلىقىدىكى جاھىللار گۇرۇھىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچراپ، كرىزىسكە دۇچ كەلدى.6 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى، سىشى تەيخۇ گۇاڭشۈي خاننى ئۆزىنىڭ ئىشەنچلىك ئادىمى رۇڭ لۇنى جىلىنىڭ باش ۋالىيلىقىغا تەيىنلەش توغرىسىدا يارلىق چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلاش ئارقىلىق بېيجىڭ بىلەن تيەنجىننى كونترول قىلىپ، شىمالىي دېڭىز ئارمىيىسىنى باشلاپ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا تەييارلاندى.9 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋەزىيەت كەسكىنلىشىپ كەتتى. تەن سىتۇڭ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، مۇھىم ھەربىي كۈچكە ئىگە يۈەن شىكەيدىن خاننى قوغداشنى ئۆتۈندى. يۈەن شىكەي كۆرۈنۈشتە ماقۇل بولغان بولۇپ، ئاستىرتىن رۇڭ لۇغا مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويدى.9 - ئاينىڭ21 - كۈنى سەھەردە سىشى تەيخۇ ۋە رۇڭ لۇ قاتارلىقلار سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، گۇاڭشۈي خاننى نەزەربەند قىلىپ، يېڭىلىققا كۆچۈش تەرەپدارلىرىنى قولغا ئېلىپ، قانۇن ئۆزگەرتىش پەرمانىنى بىكار قىلدى. سىشى تەيخۇ ھاكىمىيەتنى قايتىدىن قولىغا ئالدى. كاڭ يۇۋېي، لياڭ چىچاۋ قاتارلىقلار چەت ئەلگە قېچىپ كەتتى. تەن سىتۇڭ، لىن شۈي، ياڭ رۈي، ياڭ شېنشيۇ، ليۇ گۇاڭدى، كاڭ گۇاڭرېن قاتارلىقلار9 - ئاينىڭ28 - كۈنى بېيجىڭ شەھىرىدىكى سەيشىكۇدا ئۆلتۈرۈلدى. بۇلار تارىختا »ۋۇشۈي يىلىدىكى ئالتە ئەزىمەت« دەپ ئاتالدى.
ۋۇشۈي يىلىدىكى قانۇن ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى جەمئىي103 كۈن داۋاملاشتى. شۇڭلاشقا بۇ ھەرىكەت «100 كۈنلۈك يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ