UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى ھەرىكەت ۋە چوڭ ئىش تاشلاشتۆمۈريولنى قوغداش ھەرىكىتى

تۆمۈريولنى قوغداش ھەرىكىتى

جۇڭگودىكى ھەرىكەت ۋە چوڭ ئىش تاشلاش 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جاھانگىرلارنىڭ جۇڭگونىڭ كان ئىگىلىك ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىگىلىك ھوقۇقنى قايتۇرۇۋېلىش كۈرىشى قانات يايدى.1903 - يىلى سىچۇەن خەلقى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ سىچۇەن - خەنكۇ تۆمۈريولىنى ياساش ھوقۇقىنى ئەنگلىيىگە سېتىپ بەرگەنلىكىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزلۈكىدىن پۇل توپلاپ سىچۇەن - خەنكۇ تۆمۈريولىنى ياسىدى.1904 - يىلى گۇاڭدۇڭ، خۇنەن، خۇبېي ئۈچ ئۆلكە خەلقى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىمزالىغان گۇاڭدۇڭ - خەنكۇ تۆمۈريولنى ياساش ھوقۇقىنى ساتقانلىق توختامنامىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى ۋە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تۆمۈريولنى ياساش ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالدى. بىراق1911 - يىلى5 - ئايغا كەلگەندە، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن تۆمۈريولنىڭ دۆلەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى، خەلق ياساۋاتقان سىچۇەن - خەنكۇ، گۇاڭدۇڭ - خەنكۇ تۆمۈريولىنىڭ ياساش ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا تۆت دۆلەتنىڭ بانكا ئۆمىكى بىلەن تۆمۈريول ياساش قەرز توختامنامىسى ئىمزالىدى ھەمدە سىچۇەن خەلقى توپلىغان تۆمۈريول پۇلىنى يۇتۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن تۆمۈريولنى قوغداش داغدۇغىلىق ھەرىكىتى باشلاندى. تۆمۈريولنى قوغداش ھەرىكىتى سىچۇەن، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ تۆت ئۆلكىدە قانات يايدى. سىچۇەندىكىسى ئەڭ كەسكىن بولدى.6 - ئايدا سىچۇەن - خەنكۇ تۆمۈريولىنىڭ پايچىكلىرى چېڭدۇدا يىغىن ئېچىپ «ئەجنەبىيلەردىن قەرز ئېلىشنى رەت قىلىپ، تۆمۈريولنى قوغداش كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش» نى تەلەپ قىلدى، شۇنداقلا تۆمۈريولنى قوغدىغۇچى يولداشلار ئۇيۇشمىسى تەسىس قىلىپ، پۇديەنجۈننى ئۇيۇشما باشلىقلىقىغا كۆرسەتتى. ھەرقايسى ساھەلەر بازار تاشلاش، دەرس تاشلاش ۋە باجغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قوزغاپ، «يول مەۋجۇت بولسا بىز مەۋجۇت بولىمىز، يول يوقالسا بىزمۇ يوقىلىمىز» دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويدى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى قوشۇن ئەۋەتىپ سىچۇەندىكى تۆمۈريولنى قوغداش ھەرىكىتىنى باستۇردى.9 - ئاينىڭ7 - كۈنى سىچۇەننىڭ باش ۋالىيسى جاۋ ئېرفېڭ تۆمۈريولنى قوغدىغۇچى يولداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى پۇ ديەنجۈن قاتارلىق كىشىلەرنى قولغا ئالدى ھەمدە باش ۋالىي يامۇلى ئىشىكى ئالدىدا تەلەپ قويغۇچى ئاممىدىن ئون نەچچە ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، «چېڭدۇ قانلىق دېلوسى» نى پەيدا قىلدى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەھشىيانە ھەرىكىتى سىچۇەن خەلقىنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىدى. ئىتتىپاقداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتلىرى ئارقىسىدا تۆمۈريولنى قوغداش ھەرىكىتى تېز راۋاجلىنىپ، زور كۆلەملىك قوراللىق قوزغىلاڭغا ئايلاندى. سىچۇەن تۆمۈريولنى قوغدىغۇچى يولداشلار ئۇيۇشمىسى تۆمۈريولنى قوغدىغۇچى يولداشلار قوشۇنىغا ئۆزگەرتىلدى. ئۇلار ئوبلاست، ناھىيىلەرنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۆلكە مەركىزىگە قورشاپ ھۇجۇم قىلدى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئالدىراپ - تېنەپ خۇبېيدىكى چىڭ سۇلالىسى ئارمىيىسىنى سىچۇەنگە يۆتكەپ كېلىپ قوزغىلاڭنى باستۇردى. شۇنىڭ بىلەن ۋۇچاڭ قوزغىلىڭى پارتلىدى. تۆمۈريولنى قوغداش ھەرىكىتى شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ مۇقەددىمىسى بولدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى ھەرىكەت ۋە چوڭ ئىش تاشلاش