UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى ھەرىكەت ۋە چوڭ ئىش تاشلاشبېيجىڭ - خەنكۇ تۆمۈريول ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشى

بېيجىڭ - خەنكۇ تۆمۈريول ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشى

جۇڭگودىكى ھەرىكەت ۋە چوڭ ئىش تاشلاش 1923 - يىل2 - ئاينىڭ1 - كۈنى بېيجىڭ - خەنكۇ تۆمۈريول باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى جېڭجۇدا قۇرۇلۇش يىغىنى ئاچتى. مىلىتارىست ۋۇ پېيفۇ ئەسكەر ئەۋەتىپ يىغىن مەيدانىنى قورشاپ، يىغىن ئېچىشقا يول قويمىدى. ئىشچىلار ۋەكىللىرى قەيسەرلىك بىلەن يىغىن مەيدانىغا بۆسۈپ كىرىپ، بېيجىڭ - خەنكۇ تۆمۈريول باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يىغىن مەيدانى ئەكسىيەتچى ھەربىي ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن بۇزۇپ تاشلاندى. باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خۇبېيدىكى جياڭئەنگە يۆتكىلىپ كېلىپ ئىش بېجىردى ھەمدە2 - ئاينىڭ4 - كۈنى بېيجىڭ - خەنكۇ تۆمۈريول باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئىش تاشلىشىنى قارار قىلدى، شۇنداقلا ئىشچىلارنى «ئەركىنلىك ئۈچۈن، ئىنسانىي ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىش» قا چاقىردى.2 - ئاينىڭ4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن چاڭشىنديەندىن جياڭئەنگىچە بولغان1000 نەچچە كىلومېتىرلىق بېيجىڭ - خەنكۇ تۆمۈريولىدا ھەر خىل ماشىنىلار ئۈچ سائەت ئىچىدە پۈتۈنلەي توختاپ، چوڭ ئىش تاشلاش باشلاندى.3 - كۈنگە كەلگەندە ۋۇخەندىكى ھەرقايسى ئىشچىلار ئۆمەك ۋەكىللىرى ۋە جياڭئەندىكى10 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى چوڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى. شۇ كۈنى جياڭئەندىكى ئەنگلىيە ئەلچىخانىسىدا ئەنگلىيە جاھانگىرلىكى بىلەن مىلىتارىستلار ئىش تاشلىغان ئىشچىلارنى قىرغىن قىلدى.2 - ئاينىڭ7 - كۈنى مىلىتارىست ۋۇ پىيفۇ جاھانگىرلارنىڭ قوللىشى ئاستىدا قوشۇن يۆتكەپ، خەنكۇ، جېڭجۇ، چاڭشىنديەن قاتارلىق جايلاردا ئىش تاشلىغان ئىشچىلارنى غالجىرلارچە قىرغىن قىلدى.50 ئىشچى ئۆلدى، نەچچە يۈز ئىشچى يارىلاندى،40 نەچچە ئىشچى قولغا ئېلىندى. باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى جياڭئەن شۆبە ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى، كومپارتىيە ئەزاسى لىن شياڭچيەن دۈشمەن تەرىپىدىن ۋوگزالدىكى سىمتاناب تۈۋرۈكىگە باغلاپ قويۇلدى، دۈشمەنلەر ئۇنىڭ بەدىنىگە ئارقا - ئارقىدىن قىلىچ ئۇرۇپ، ئىش تاشلاشنى توختىتىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈشكە قىستىدى. لىن شياڭچيەن قەتئىي تىز پۈكمەستىن، »بېشىمىز كەتسە كەتسۇنكى، ئىشقا چۈشمەيمىز!» دەپ توۋلاپ، ئاخىردا مەردلەرچە قۇربان بولدى. ۋۇخەن ئىشچىلار ئۆمىكى بىرلەشمە ئۇيۇشمىسىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى، كومپارتىيە ئەزاسى شى ياڭ دۈشمەن قىلىچى بېشىغا تەڭلەنگەندىمۇ، تەمكىنلىك بىلەن: «سىلەر مەن بىر شى ياڭنى ئۆلتۈرگەن بىلەن، يەنە نەچچە ئون مىڭلىغان شى ياڭلار چىقىدۇ» دېدى. مانا بۇ، تارىختىكى «7 - فېۋرال پاجىئەسى». بۇ قېتىمقى چوڭ ئىش تاشلاش «7 - فېۋرال ئىش تاشلىشى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىنقىلاب كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن،2 - ئاينىڭ9 - كۈنى بېيجىڭ - خەنكۇ تۆمۈريول باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە خۇبېي ئىشچىلار ئۆمىكى بىرلەشمە ئۇيۇشمىسى بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چىقاردى. زور ئىش تاشلاش مەغلۇپ بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن مەملىكەت ئىشچىلىرىنىڭ ھەرىكىتى ۋاقتىنچە پەسكويغا چۈشۈپ قالدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى ھەرىكەت ۋە چوڭ ئىش تاشلاش
بېيجىڭ - خەنكۇ تۆمۈريول ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشى | UyghurWiki | UyghurWiki