شياڭگاڭ دېڭىزچىلىرىنىڭ چوڭ ئىش تاشلىشى
جۇڭگودىكى ھەرىكەت ۋە چوڭ ئىش تاشلاش
1922 - يىلى1 - ئايدا باشلانغان شياڭگاڭ دېڭىزچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشى − جۇڭگو تارىخىدىكى بىرىنچى قېتىملىق ئىشچىلار ھەرىكىتى يۇقىرى دولقۇنىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى.1922
- يىل1 - ئاينىڭ12 - كۈنى شياڭگاڭدىكى جۇڭگو دېڭىزچىلىرى ئەنگلىيە كاپىتالىستلىرىنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيىسى ۋە زۇلۇمىغا چىدىماي، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ بېرىش ۋە ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈپ بېرىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تەلەپلەر رەت قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇلار ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە كەڭ كۆلەمدە ئىش تاشلىدى. ئەنگلىيە جاھانگىرلىكى دېڭىز ئىشچىلىرى ئۇيۇشمىسى ۋە ئىشچىلار تىرانسپورت ئۇيۇشمىسىنى پېچەتلەپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋىۋىسكىسىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، ئىش تاشلىغۇچىلارنىڭ رەھبەرلىرىنى قولغا ئالدى.3 - ئاينىڭ1 - كۈنى شياڭگاڭدىكى100 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى ئىش تاشلاپ، ئاۋات شياڭگاڭنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى. ئەنگلىيە جاھانگىرلىكى قاتتىق ئالاقزادىلىككە چۈشۈپ، دەرھال ئەسكەر يۆتكەپ ئىش تاشلاش ھەرىكىتىنى باستۇردى.3 - ئاينىڭ4 - كۈنى ئىش تاشلىغان زور بىر تۈركۈم ئىشچىلار پىيادە گۇاڭجۇغا قايتىپ، جيۇلۇڭدىكى شاتيەنگە كەلگەندە ئەنگلىيە ھەربىي ۋە ساقچىلىرى ئۇلارغا ئوق چىقىرىپ، ئالتە ئادەم ئۆلۈش، نەچچە يۈز ئادەم يارىلىنىشتەك «شاتيەن پاجىئەسى» نى پەيدا قىلدى. ئىشچىلار كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇردى.3
- ئاينىڭ8 - كۈنى56 كۈنلۈك كۈرەش ئارقىلىق ئەنگلىيە جاھانگىرلىكى ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشكە، دېڭىزچىلار ئۇيۇشمىسى بىلەن ترانسپورت ئىشچىلىرى ئۇيۇشمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋىۋىسكىسىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە، قولغا ئېلىنغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەھبەرلىرىنى قويۇپ بېرىشكە، ئۆلگەنلەرگە نەپىقە بېرىشكە نائىلاج ماقۇل بولدى، شياڭگاڭ دېڭىزچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشى ئاخىر غەلىبە قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.