UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى ھەرىكەت ۋە چوڭ ئىش تاشلاشئوتتۇزىنچى ماي ھەرىكىتى

ئوتتۇزىنچى ماي ھەرىكىتى

جۇڭگودىكى ھەرىكەت ۋە چوڭ ئىش تاشلاش 1925 - يىل5 - ئاينىڭ15 - كۈنى شاڭخەيدىكى ياپونىيە توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنىڭ كاپتالىستى ئىشچىلارنى ۋە كومپارتىيە ئەزاسى گۇ جېڭخۇڭنى ئېتىپ ئۆلتۈردى ھەمدە ئون نەچچە ئىشچىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇردى. بۇ ۋەقە شاڭخەيدىكى ئىشچىلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغاپ، جاھانگىرلىككە قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى - «30 - ماي» ھەرىكىتىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولدى.5 - ئاينىڭ30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يۈن دەييىڭ باشچىلىقىدىكى شاڭخەي ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ قوماندانلىقىدا، شاڭخەيدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ2000 دىن ئارتۇق ۋەتەنپەرۋەر ئوقۇغۇچىسى ئاممىۋى كونسېسسىيە رايونىدا تەشۋىقات ۋەرەقىسى تارقىتىپ، نۇتۇق سۆزلەپ، جاھانگىرلارنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكىتىگە ئېتىراز بىلدۈردى. چۈشتىن كېيىن جاھانگىرلار چارلاپ يۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارنى قولغا ئېلىشقا باشلىدى. نەچچە ئون مىڭلىغان ئامما نەنجىڭ يولىدىكى قاراۋۇلخانا ئىشىكى ئالدىغا يوپورۇلۇپ كېلىپ، قولغا ئېلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئەنگلىيە ساقچىلىرى ئاممىغا ئوق چىقىرىپ، نەق مەيداندىلا ئون نەچچە ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، نەچچە ئونلىغان ئادەمنى يارىلاندۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە سالغان «30 - ماي پاجىئەسى» نى پەيدا قىلدى.5 - ئاينىڭ31 - كۈنى شاڭخەيدىكى ئىشچىلار چۈي چيۇبەي، لى لىسەن، سەي خېسېن، ليۇ شاۋچى قاتارلىقلارنىڭ رەھبەرلىكىدە شاڭخەي باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى قۇردى. لى لىسەن ئۇيۇشما باشلىقى بولدى.6 - ئاينىڭ1 - كۈنى200 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلىدى.7 - كۈنى شاڭخەي خەلقى باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى يادرو قىلغان ئىشچىلار - سودىگەرلەر - ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنى قۇردى.11 - كۈنى200 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم قاتناشقان ئاممىۋى چوڭ يىغىن چاقىرىلىپ، زوراۋانلارنى جازالاش، تۆلەم تۆلەپ بېرىش، كونسۇللارنىڭ كېسىم ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق بارلىق ئارمىيىسىنى چېكىندۈرۈش قاتارلىق17 تۈرلۈك سۆھبەتلىشىش شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئارقىدىنلا بۇنىڭغا بېيجىڭ، گۇاڭجۇ، خاڭجۇ، شياڭگاڭ، ۋۇخەن قاتارلىق بىرمۇنچە شەھەرلەردىكى خەلق ئاممىسى تۇشمۇتۇشتىن ئاۋاز قوشۇپ، نامايىش ئۆتكۈزۈش، ئىش تاشلاش، دەرس تاشلاش، بازار تاشلاش ئارقىلىق جاھانگىرلىككە قارشى پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك دولقۇن قوزغىدى. بۇنىڭ ئىچىدە شياڭگاڭ ۋە گۇاڭجۇدا پارتلىغان شياڭگاڭ، گۇاڭجۇ ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشىنىڭ تەسىرى ئەڭ زور بولدى.9 - ئايدا ئىش تاشلاش ھەرىكەتلىرى ئاستا - ئاستا ئاخىرلاشتى. «30 - ماي» ھەرىكىتى ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋاملىشىپ جاھانگىرلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى ھەرىكەت ۋە چوڭ ئىش تاشلاش