UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى ھەرىكەت ۋە چوڭ ئىش تاشلاشتوققۇزىنچى دېكابىر ھەرىكىتى

توققۇزىنچى دېكابىر ھەرىكىتى

جۇڭگودىكى ھەرىكەت ۋە چوڭ ئىش تاشلاش ياپونىيە جاھانگىرلىكى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىسىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن،1935 - يىلى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ «شىمالىي جۇڭگودىكى بەش ئۆلكە (خېبىي، سەنشى، شەندۇڭ، چاخار، سۈييۈەن) ئاپتونومىيىسى» نى پىلانلاپ، شىمالىي جۇڭگونى ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇۋېلىش غەرىزىدە بولدى. شىمالىي جۇڭگو رايونىنىڭ زېمىنى كەڭ بولغىنى بىلەن، ھەممىلا جاينى مالىمانچىلىق قاپلىغانىدى. جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئېغىر خەۋپكە دۇچ كەلگەن ھايات - ماماتلىق پەيتتە بېيپىڭ (بېيجىڭ) دىكى ئوقۇغۇچىلار قوزغىلىپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى − «9 - دېكابىر» ھەرىكىتىنى قوزغىدى.1935 - يىل12 - ئاينىڭ9 - كۈنى سەھەردە بېيپىڭدىكى ھەرقايسى ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن5 -6 مىڭ كىشى تەرەپ - تەرەپتىن شىنخۇامېنغا يىغىلىپ، گومىنداڭ بېيپىڭ شۆبە كومىتېتىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى خې يىڭچىنغا تەلەپ قويدى. ئوقۇغۇچىلار «كومپارتىيىدىن مۇداپىئەلىنىش ئاپتونومىيە ھەرىكىتى» گە قارشى تۇرۇش، جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتىگە دائىر ئىشلارنىڭ جەريانىنى ئاشكارا ئېلان قىلىش، خالىغانچە ئادەم تۇتماسلىق، يەرلىك زېمىن بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، بارلىق ئىچكى ئۇرۇشنى توختىتىش، پىكىر بايان قىلىش، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تەلەپلەر يولسىزلارچە رەت قىلىندى. شۇڭلاشقا ئوقۇغۇچىلار زور كۆلەملىك نامايىش قىلىپ، يول بويى ياپون جاھانگىرلىكىگە قارشى شوئارلارنى توۋلاپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك مارشىنى ياڭرىتىپ ماڭدى، ئۇلار ساقچىلارنىڭ قامچا، قىلىچ، توقماق، سۇ ناسوسلىرىغا پىسەنت قىلماي قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلىدى. شۇ كۈنى100 نەچچە ئوقۇغۇچى يارىلاندى،30 نەچچە ئوقۇغۇچى قولغا ئېلىندى. شەھەر سىرتىدىكى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، يەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى كۆپلىگەن ھەربىي ۋە ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى. شەھەر سىرتىدىكى ئوقۇغۇچىلار كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا بىر كۈن بوران - چاپقۇنغا بەرداشلىق بېرىپ، شەھەردىكى ھەربىيلەر، ساقچىلار ۋە ئەتراپتىكى شەھەر ئاھالىسىگە نۇتۇق سۆزلىدى،2 - كۈنى بېيپىڭدىكى ئوقۇغۇچىلار ئومۇميۈزلۈك دەرس تاشلىغانلىقىنى جاكارلىدى.12 - ئاينىڭ16 - كۈنى10 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى يەنە بىر قېتىم نامايىش قىلدى. ئوقۇغۇچىلار ۋە20 مىڭدىن ئارتۇق شەھەر ئاھالىسى تيەنچياۋدا يىغىن ئېچىپ، «شەرقىي شىمالدىكى قولدىن كەتكەن زېمىنلارنى قايتۇرۇۋېلىش» قاتارلىق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى قارار لايىھىسىنى ماقۇللىدى. بېيپىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى ناھايىتى تېزلا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قوللىشى ۋە ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. خاڭجۇ، نەنجىڭ، شاڭخەي، ۋۇخەن، چۇڭچىڭ، شىئەن قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئوقۇغۇچىلار ئارقا - ئارقىدىن نامايىش قىلدى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش ساداسى پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىدى. «9 - دېكابىر» ھەرىكىتى — پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ يېڭى يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغىدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى ھەرىكەت ۋە چوڭ ئىش تاشلاش
توققۇزىنچى دېكابىر ھەرىكىتى | UyghurWiki | UyghurWiki