UyghurWiki›جۇڭگودىكى ھەرىكەت ۋە چوڭ ئىش تاشلاش›ئەنيۈەن تۆمۈريول - كان ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلاش ھەرىكىتى
ئەنيۈەن تۆمۈريول - كان ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلاش ھەرىكىتى
جۇڭگودىكى ھەرىكەت ۋە چوڭ ئىش تاشلاش
جياڭشى پىڭشياڭدىكى ئەنيۈەن كۆمۈر كېنى ۋە جۇپىڭ تۆمۈريولى بىرلەشتۈرۈلۈپ ئەنيۈەن تۆمۈريول - كۆمۈر كېنى، دېيىلەتتى. ئەنيۈەن كۆمۈر كېنى ياپونىيە جاھانگىرلىكىنىڭ كونتروللۇقىدىكى دەللال، بيۇروكرات كاپىتالىستلار قۇرغان كارخانا ئىدى. ئىشچىلار ھەر كۈنى14 سائەت جاپالىق ئەمگەك قىلاتتى. ئىش ھەققى ئىنتايىن تۆۋەن ئىدى. كان قۇدۇقىدا بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى بولمىغانلىقتىن، ئىشچىلارنىڭ ھاياتى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس ئىدى. »ئۆسمۈرلۈكتە كىرسەك بىز كانغا، سېۋەت يۈدىمىز قېرىغىچىلىك. ئاغرىپ قالساق شۇئان ھەيدەيدۇ، قەدرىمىز يوق ئۆلسەك ئىتچىلىك.« بۇ قوشاق ئەنيۈەن كۆمۈر كان ئىشچىلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى ئىدى.1922
- يىلى5 - ئايدا ئەنيۈەن كۆمۈر كېنى ۋە جۇپىڭ تۆمۈريولى ئىشچىلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئەنيۈەن تۆمۈريول - كۆمۈركان ئىشچىلار كۇلۇبىنى قۇردى. ئۇ، بۇ يەردىكى ئىشچىلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى ئىدى.1922
- يىلى9 - ئايدا ئەنيۈەن تۆمۈريول - كان ئىشلىرى ئىدارىسى ئىشچىلارنىڭ ئۇزاققىچە كەينىگە سۆرەپ بەرمەي كېلىۋاتقان مائاشلىرىنى تارقىتىپ بېرىشنى رەت قىلىپ، ئىشچىلار كۇلۇبىنى تارقىتىۋېتىش سۇيىقەستىدە بولدى.9 - ئاينىڭ14 - كۈنى لى لىسەن، ليۇ شاۋچى قاتارلىقلارنىڭ رەھبەرلىكىدە20 مىڭغا يېقىن تۆمۈريول - كان ئىشچىلىرى ئىش تاشلىدى. ئىش تاشلاش سىگنالى بېرىلىش بىلەن تەڭ گۈدۈك چېلىنىپ، پويىزلار توختىدى. كان قۇدۇقلىرىنىڭ توك يولى ئۈزۈپ تاشلاندى. ئىشچىلار قوللىرىغا پالتا، بازغان كۆتۈرۈۋېلىپ: «بىزگە ھاياتلىق كېرەك! بىز تاماق يېيىشىمىز كېرەك !»، «ئىلگىرى ئات - ئېشەك بولغان بولساق، ئەمدى ئادەم بولىمىز!» دەپ توۋلىدى. ئىشچىلار كۇلۇبى خىتابنامە ئېلان قىلىپ، تۆمۈريول - كان ئىشلىرى ئىدارىسىگە ئىشچىلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈپ بېرىش ۋە تەمىناتىنى ياخشىلاش قاتارلىق17 تۈرلۈك شەرت قويدى. تۆمۈريول - كان ئىشلىرى ئىدارىسى قاتتىق - يۇمشاق ۋاسىتىلەرنى تەڭ قوللىنىپ ، بىر تەرەپتىن، جەمئىيەت ئەربابلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ماداراچىلىق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، قوراللىق باستۇرىمىز دەپ ئىشچىلارغا تەھدىت سالدى. بىراق بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى كارغا كەلمىگەچكە، ئاخىر ئىشچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدى. ئىشچىلارنىڭ قەتئىي كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە،9 - ئاينىڭ18 - كۈنى تۆمۈريول - كان ئىشلىرى ئىدارىسى ئاخىر تىز پۈكۈپ، ئىشچىلارنىڭ شەرتىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىمقى زور ئىش تاشلاش غەلىبە قازاندى.