ئاساسىي قانۇننى قوغداش ھەرىكىتى
جۇڭگودىكى ھەرىكەت ۋە چوڭ ئىش تاشلاش
1917 - يىلى جاڭ شۈننىڭ پادىشاھلىقنى تىرىلدۈرۈش ھەرىكىتى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن دۇەن چىرۇي دۆلەت ئىشلىرى زۇڭلىلىقىغا تەيىنلىنىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقىنى قايتىدىن قولغا ئالدى. ئۇ «ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇن» بىلەن دۆلەت مەجلىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى رەت قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاساسىي قانۇننى قوغداش ھەرىكىتى پارتلىدى.7
- ئايدا سۇن جۇڭشەن ئىككى ھەربىي پاراخوت بىلەن گۇاڭجۇغا يېتىپ كېلىپ، ئاساسىي قانۇننى قوغداش بايرىقىنى ئالدى بىلەن كۆتۈرۈپ چىقتى ھەمدە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى «ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇن» بىلەن دۆلەت مەجلىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىردى. ئەينى ۋاقىتتا ھەرقايسى ساھە ئەربابلىرى گۇاڭدۇڭدا يىغىن ئېچىپ سۇن جۇڭشەننى قارشى ئېلىپ، ئۇنىڭ بۇ تەشەببۇسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. غەربىي جەنۇب مىلىتارىستلىرىمۇ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇننى قوغداش ھەرىكىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دېڭىز ئارمىيە قوماندانى چېڭ بىگۇاڭ ئاساسىي قانۇننى قوغداش ھەرىكىتىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،1 - فلوتنى باشلاپ شاڭخەيدىن گۇاڭجۇغا كەلدى.8 - ئايدا ئاساسىي قانۇننى قوغداش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرىدىن150 نەچچە كىشى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ گۇاڭجۇغا كېلىپ، پەۋقۇلئاددە دۆلەت مەجلىسى تەشكىل قىلدى.9 - ئاينىڭ بېشىدا پەۋقۇلئاددە دۆلەت مەجلىسى سايلام ئارقىلىق ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇننى قوغداش ھەربىي ھۆكۈمىتىنى قۇردى، سۇن جۇڭشەن دېڭىز - قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىگە دايۈەنشۇەي (باش قوماندان) بولدى. غەربىي جەنۇب مىلىتارىستلىرىدىن تاڭ جىياۋ بىلەن لۇ رۇڭتىڭ يۈەنشۇەي (قوماندان) بولدى. ئاساسىي قانۇننى قوغداش ھەربىي ھۆكۈمىتى دۇەن چىرۇينى ۋەتەن خائىنى دەپ جاكارلاپ، شىمالغا جازا يۈرۈشى قىلدى.10 - ئايدا ئاساسىي قانۇننى قوغداش ئارمىيىسى دۇەن چىرۇي ئارمىيىسى بىلەن خۇنەن، سىچۇەنلەردە كەسكىن جەڭ قىلدى، ئاساسىي قانۇننى قوغداش ئۇرۇشى باشلاندى.
ئۇرۇش مەزگىلىدە جىلى مىلىتارىستلىرىنىڭ كاتتىۋېشى فېڭ گوجاڭ غەربىي جەنۇب مىلىتارىستلىرى دۇەن چىرۇينىڭ كۈچىنى ئاجىزلاتقان ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ سۈلھىلىشىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاساسىي قانۇننى قوغداش ھەربىي ھۆكۈمىتىدىكى غەربىي جەنۇب مىلىتارىستلىرى ئۆزلىرىگە تەئەللۇق زېمىنلارنى قوغداش ئۈچۈن جىلى مىلىتارىستلىرى بىلەن خۇپىيانە تىل بىرىكتۈرۈپ، سۇن جۇڭشەننى چەتكە قاقتى.1918 - يىلى5 - ئايدا لۇ رۇڭتىڭ بىلەن تاڭ جىياۋ پەۋقۇلئاددە دۆلەت مەجلىسىنى كونترول قىلىۋېلىپ، ھەربىي ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىدى ۋە قوماندانلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئورنىغا يەتتە زۇڭسەي تەسىس قىلدى. سۇن جۇڭشەن گەرچە يەتتە زۇڭسەي قاتارىدا بولسىمۇ، بىراق غەربىي جەنۇب مىلىتارىستلىرىنىڭ سىياسەتۋازلىرى ئەمەلىي ھوقۇقنى ئىگىلىۋالدى. سۇن جۇڭشەن «جەنۇب - شىمال مىلىتارىستلىرىنىڭ بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى» ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ ۋەزىپە ئۆتەشنى رەت قىلىپ، گۇاڭجۇدىن شاڭخەيگە كەتتى، سۇن جۇڭشەن كەتكەندىن كېيىن جەنۇب - شىمال مىلىتارىستلىرى سۈلھى يىغىنى ئاچتى، شۇنىڭ بىلەن ئاساسىي قانۇننى قوغداش ھەرىكىتى مەغلۇپ بولدى.