UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى ھەرىكەت ۋە چوڭ ئىش تاشلاشتۆتىنچى ماي ھەرىكىتى

تۆتىنچى ماي ھەرىكىتى

جۇڭگودىكى ھەرىكەت ۋە چوڭ ئىش تاشلاش 1919- يىل5 - ئاينىڭ4 - كۈنى جۇڭگودا جاھانگىرلىككە قارشى كەڭ - كۆلەملىك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكەت — «4 - ماي ھەرىكىتى» پارتلىدى. بۇ ھەرىكەت بېيجىڭدىن باشلىنىپ، تېزدىن پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيدى. ئۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا قارشى ئىنقىلابىي كۈرىشىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ، جۇڭگو يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ پەردىسىنى ئاچتى.1 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن1919 - يىلى ئەتىيازدا، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان ئەنگلىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە «سۈلھى يىغىنى» چاقىردى. بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ ئولجا بۆلۈشۈۋېلىش يىغىنى ئىدى. جۇڭگونىڭ شىمال مىلىتارىستلار ھۆكۈمىتىمۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان دۆلەتلەر قاتارىدا ۋەكىل ئەۋەتىپ، پارىژ «سۈلھى يىغىنى» غا قاتناشتى. جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى «سۈلھى يىغىنى» دا جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودىكى ئالاھىدە ئىمتىيازىنى بىكار قىلىش، شەندۇڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋېلىش، «21 ماددا» نى بىكار قىلىش قاتارلىق ھەققانىي تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بۇ تەلەپلەر رەت قىلىندى. ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر يىغىننى كونترول قىلىۋېلىپ، گېرمانىيىنىڭ شەندۇڭدا ئىگىلىۋالغان ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ياپونىيىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئۆز ئالدىغا بەلگىلىدى. بۇ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق بولۇپلا قالماي، بەلكى جۇڭگونى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان دۆلەتلەر قاتارىغا قويغانلىق ئىدى. شۇنداقتىمۇ شىمال مىلىتارىستلار ھۆكۈمىتى سۈلھى شەرتنامىگە ئىمزا قويماقچى بولدى. بۇ خەۋەر دۆلەت ئىچىگە تارقىلىشى بىلەن پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قاتتىق غەزىپى قوزغالدى. شۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى پارتلىدى.4 - ماي كۈنى بېيجىڭدىكى3000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تيەنئەنمېن ئالدىدا يىغىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى. ئۇلار «ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى قايتۇرۇۋالايلى، ۋەتەن خائىنلىرىنى جازالايلى!»، «شەرتنامىگە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلايلى»، «21 ماددا بىكار قىلىنسۇن» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ، «21 ماددا» نى ئىمزالاشقا قاتناشقان ياپونپەرەس خائىن ساۋ رۇلىن، لۇ زۇڭيۈي ۋە ئىلگىرى ياپونىيىدە ئەلچى بولۇپ تۇرغان جاڭ زۇڭشياڭلارنى جازالاشنى تەلەپ قىلدى. نامايىشچىلار دۇڭجياۋمېن كوچىسىدىكى ئەلچىخانا رايونىغا كەلگەندە، مۇھاپىزەتچى ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇۋېلىندى. ئوقۇغۇچىلار جاۋجيالۇ كوچىسىدىكى ساۋ رۇلىننىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، ساۋ رۇلىننىڭ تۇرالغۇسىنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتتى ھەمدە ساۋ رۇلىننىڭ ئۆيىگە يوشۇرۇنۇۋالغان جاڭ زۇڭشياڭنى قاتتىق دۇمبالىدى. شىمال مىلىتارىستلار ھۆكۈمىتى مۇھاپىزەتچى ساقچىلارنى ئەۋەتىپ باستۇرۇپ،30 نەچچە ئوقۇغۇچىنى قولغا ئالدى. ئەتىسى بېيجىڭدىكى ئوقۇغۇچىلار دەرس تاشلاش شەكلى ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە تېلېگېرامما يوللاپ، خەلقنى قوزغىلىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىردى. ئۇزاق ئۆتمەي پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئارقا - ئارقىدىن كوچىلارغا چىقىپ نامايىش ئۆتكۈزۈپ، بېيجىڭدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاھانگىرلارغا قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈرىشىگە ئاۋاز قوشتى. شەندۇڭنىڭ جىنەن شەھىرىدىكى ھەرقايسى ساھە ئەربابلىرىدىن30 مىڭدىن ئارتۇق كىشى دۆلەتنىڭ ئار - نومۇسىنى يۇيۇش خاتىرىلەش چوڭ يىغىنى ئېچىپ، چىڭداۋنى قايتۇرۋېلىشنى تەلەپ قىلدى.6 - ئاينىڭ3 - كۈنى شىمال مىلىتارىستلار ھۆكۈمىتى بىر تۈركۈم ساقچى ۋە ئاتلىق قوشۇننى ئىشقا سېلىپ بېيجىڭدا ۋەتەنپەرۋەر ئوقۇغۇچىلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ،800 نەچچە ئوقۇغۇچىنى قولغا ئالدى. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مىلىتارىستلار ھۆكۈمىتىنىڭ »ۋاقىتلىق تۈرمە« سىگە ئايلىنىپ قالدى. بۇ زوراۋانلىق ھەرىكەتلەر پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى.6 - ئاينىڭ5 - كۈنىدىن باشلاپ شاڭخەيدىكى60 -70 مىڭ ئىشچى ئارقا - ئارقىدىن ئىش تاشلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى قوللىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شاڭخەيدىكى سودا - سانائەتچىلەرمۇ بازار تاشلىدى. ھەرىكەتنىڭ مەركىزى بېيجىڭدىن شاڭخەيگە يۆتكىلىپ، ئىشچىلار سىنىپى ھەرىكەتنىڭ ئاساسىي كۈچىگە ئايلاندى. ئۇزاق ئۆتمەي پۈتۈن مەملىكەت بويىچە20 نەچچە ئۆلكە،150 نەچچە شەھەردىكى خەلق ئاممىسى جاھانگىرلىككە قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىگە قاتناشتى. پۈتۈن مەملىكەت خەلقنىڭ بېسىمى ئاستىدا، شىمال مىلىتارىستلار ھۆكۈمىتى تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى قويۇۋېتىپ، ساۋ رۇلىن، جاڭ زۇڭشياڭ، لۇ زۇڭيۈي قاتارلىق ۋەتەن خائىنلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاشقا مەجبۇر بولدى ھەمدە پارىژ سۈلھى شەرتنامىسىگە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلدى. «4 - ماي» ھەرىكىتى جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا قارشى ئۈزۈل - كېسىل ئېلىپ بېرىلغان ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى. بۇ ھەرىكەت جۇڭگو كونا دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ ئاخىرلىشىپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى. ئۇ، ماركسىزمنىڭ جۇڭگو ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىدىيە ۋە كادىرلار جەھەتتە تەييارلىق قىلدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى ھەرىكەت ۋە چوڭ ئىش تاشلاش