UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى ھەرىكەت ۋە چوڭ ئىش تاشلاشئاچارچىلىققا، ئىچكى ئۇرۇشقا، زىيانكەشلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى

ئاچارچىلىققا، ئىچكى ئۇرۇشقا، زىيانكەشلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى

جۇڭگودىكى ھەرىكەت ۋە چوڭ ئىش تاشلاش 1947 - يىلى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ئىچكى ئۇرۇش قوزغىغاندىن كېيىن گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلاردا ئىگىلىك ۋەيران بولۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى قىيىنلىشىپ كەتتى.5 - ئايدا شاڭخەيدىكى ئوقۇغۇچىلار «ئاچارچىلىققا، ئىچكى ئۇرۇشقا، زىيانكەشلىككە قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتىنى قوزغىدى ھەمدە تېزدىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ چوڭ - كىچىك شەھەرلىرىگە كېڭىيىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئىككىنچى ئۇرۇش سېپىنى شەكىللەندۈردى.5 - ئاينىڭ4 - كۈنى شاڭخەيدىكى ئوقۇغۇچىلار داغدۇغىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈپ، «بىزگە ھاياتلىق كېرەك، تىنچلىق كېرەك، ئەركىنلىك كېرەك» دېگەن شوئارلارنى توۋلىدى. ئارقىدىنلا بۇنىڭغا نەنجىڭ، خاڭجۇ، بېيپىڭ، تيەنجىن، ۋۇخەن قاتارلىق ئون نەچچە شەھەردىكى ئوقۇغۇچىلار ئارقا - ئارقىدىن ئاۋاز قوشتى.15 - كۈنى شاڭخەيدە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلدى، شۇ كۈنى نەنجىڭدىكى چوڭ - كىچىك مەكتەپلەردىن3000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئۆزلىرى توقۇغان «بىز ئاچلىقتىن ئۆلەي دېدۇق» دېگەن ناخشىنى ئۈنلۈك ئوقۇپ، قوللىرىغا »باي - غوجاملار ھۇزۇرىدا گۆش - شارابلار سېسىپ ياتقان، يوقسۇللارنىڭ جەسەتلىرى يولدا مۇز كەبى قاتقان« دېگەن شېئىر يېزىلغان پلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، مائارىپ مىنىستىرلىكى ۋە مەمۇرىي پالاتاغا بېرىپ تەلەپ قويدى.18 - كۈنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى «جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاش ۋاقىتلىق تەدبىرى» نى ئېلان قىلىپ،10 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈشىگە، ئىش تاشلىشىغا، دەرس تاشلىشىغا، نامايىش ئۆتكۈزۈشىگە قاتتىق چەكلىمە قويۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى «جىددىي بىر تەرەپ قىلىش كېرەك» دەپ داۋراڭ سالدى.19 - كۈنى شاڭخەيدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن7000 دىن ئارتۇق كىشى نامايىش ئۆتكۈزدى ھەمدە تەلەپ قويۇش ئۈچۈن نەنجىڭغا ۋەكىل ئەۋەتتى.20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، نەنجىڭ، شاڭخەي، خاڭجۇ، سۇجۇ قاتارلىق جايلاردىكى6000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى نەنجىڭدا بىرلىشىپ نامايىش ئۆتكۈزدى. ئەكسىيەتچى ھەربىي ۋە ساقچىلار قامچا، توقماقلار بىلەن500 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى يارىلاندۇردى. شۇ كۈنى ئەكسىيەتچى ھەربىي ۋە ساقچىلار تيەنجىندىمۇ ئوقۇغۇچىلارنى قاتتىق ئۇرۇپ ۋە قولغا ئېلىپ، «20 - ماي» قانلىق ۋەقەسىنى پەيدا قىلدى. قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن «ئاچارچىلىققا، ئىچكى ئۇرۇشقا، زىيانكەشلىككە قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتى60 نەچچە شەھەرگە كېڭەيدى، بۇ ھەرىكەت خەلق ئازادلىق ئۇرۇشىغا كۈچلۈك ماسلىشىپ، گومىنداڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى تەۋرەتتى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى ھەرىكەت ۋە چوڭ ئىش تاشلاش