UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى ھەرىكەت ۋە چوڭ ئىش تاشلاشيىخېتۇەن ھەرىكىتى

يىخېتۇەن ھەرىكىتى

جۇڭگودىكى ھەرىكەت ۋە چوڭ ئىش تاشلاش 1899 - يىلى غەرب جاھانگىرلىرى جۇڭگونى بۆلۈشۈۋېلىش غەرىزىدە بولۇۋاتقاندا، يېخىتۇەن ھەرىكىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. يىخېتۇەنچىلەر «ۋەتىنىمىزنى قايتۇرۇۋالايلى! ھوقۇقىمىزنى قايتۇرۇۋالايلى! ھېچقانداق قىيىنچىلىققا بوي بەرمەيمىز. ئەگەر خان چەت ئەللىكلەرگە باش ئەگسە، چەت ئەللىكلەرنى ئۆلتۈرۈپ تۈگەتمىگۈچە توختىمايمىز» دېگەندەك جاھانگىرلىككە قارشى شوئارلارنى توۋلاپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالدى. يىخېتۇەننىڭ ئەسلىي ئىسمى يىخېچۈەن بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە شەندۇڭ، خېنەن، جىلى (ھازىرقى خېبېي) ئەتراپلىرىدا بارلىققا كەلگەن خەلق ئارىسىدىكى مەخپىي تەشكىلات ئىدى. ئۇلار گۇمپا مەشىق قىلىش ۋە باشقىلارغا چامباشچىلىقنى ئۆگىتىش ئارقىلىق چىڭ سۇلالىسىگە قارشى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. يىخېتۇەنچىلەرنىڭ ئاساسلىق قاتناشقۇچىلىرى نامرات دېھقانلار ئىدى.19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى جاھانگىرلار تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، يىخېچۈەنچىلەر كۈرەشنىڭ تىغ ئۇچىنى جاھانگىرلىككە قارىتىشقا باشلىدى. كېيىن يىخېچۈەن نامىنى يىخېتۇەنگە ئۆزگەرتىپ، «چىڭ سۇلالىسىنى يۆلەپ، ئەجنەبىيلەرگە قارشى تۇرۇش» شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاشكارا ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى.1899 - يىلى شەندۇڭنىڭ پىڭيۈەن ناھىيىسىدە يىخېتۇەنچىلەر جۇ خۇڭدېڭنىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتۈردى. ئۇلار چېركاۋلارنى كۆيدۈرۈپ، پوپلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، پارىخور، زومىگەر ئەمەلدارلارنى جازالىدى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئەسكەر ئەۋەتىپ باستۇرغان بولسىمۇ، لېكىن يىخېتۇەنچىلەر شىددەتلىك بورانغا ئوخشاش تېزلىكتە جىلىغا كېڭىيىپ، تيەنجىن، بېيجىڭ رايونلىرىنى قاپلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، سەنشى، ئىچكى موڭغۇل ۋە شەرقىي شىمالدىكى يىخېتۇەن ھەرىكىتىمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.1900 - يىلى4 - ئايدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق تۆت دۆلەتنىڭ ئەلچىلىرى بىرلىشىپ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە نوتا تاپشۇرۇپ، يىخېتۇەنچىلەرنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە يوقىتىشنى بۇيرۇدى. سىشى تەيخۇ يىخېتۇەننىڭ كۈچىنىڭ زورىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ۋەزىيەتنىڭ قىستىشى بىلەن يىخېتۇەندىن پايدىلىنىپ چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئارقىلىق يىخېتۇەنچىلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن يىخېتۇەننى قانۇنلۇق تەشكىلات دەپ ئېتىراپ قىلدى. يىخېتۇەنچىلەر بېيجىڭ ۋە تيەنجىننى تەدرىجىي كونترول قىلدى.1900 - يىل6 - ئاينىڭ10 - كۈنى جۇڭگو خەلقىنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئامېرىكا، ئاۋسترىيە سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسىدىن تەركىب تاپقان تاجاۋۇزچى ئارمىيە داگۇ ئارقىلىق تيەنجىندىن ئۆتۈپ، بېيجىڭغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن يىخېتۇەنچىلەر تيەنجىندىن بېيجىڭغا بارىدىغان تۆمۈريولنى بۇزۇۋېتىپ، لاڭفاڭ ۋە لوفا رايونىدا تاجاۋۇزچى ئارمىيىگە زەربە بېرىپ، ئۇلارنى تيەنجىندىن چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدى. بېيجىڭدا يىخېتۇەنچىلەر دۇڭجياۋمېن كوچىسىدىكى ھەرقايسى دۆلەت ئەلچىخانىلىرىنى قورشىۋېلىپ، شىشىكۇ چېركاۋىغا ھۇجۇم قىلىپ كىردى. تيەنجىندە يىخېتۇەنچىلەر چىڭ سۇلالىسى بىلەن بىرلىشىپ، پويىز ئىستانسىسىغا ۋە فرانسىيە كونسېسسىيىسىگە ھۇجۇم قىلدى.7 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسى تيەنجىنگە ھۇجۇم قىلدى.8 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى يەنە بېيجىڭغا ھۇجۇم قىلىپ كىردى. سىشى تەيخۇ قېچىپ كېتىۋېتىپ، چىڭ سۇلالىسى ئارمىيىسىگە يىخېتۇەنچىلەرنى يوقىتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى ھەمدە سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسىدىن «باستۇرۇشقا ياردەملىشىش» توغرىسىدا شەرمەندىلەرچە ياردەم سورىدى. يىخېتۇەنچىلەر جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى چىڭ سۇلالىسى ئارمىيىسى بىلەن سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ بىرلىشىپ باستۇرۇشى نەتىجىسىدە مەغلۇپ بولدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى ھەرىكەت ۋە چوڭ ئىش تاشلاش
يىخېتۇەن ھەرىكىتى | UyghurWiki | UyghurWiki