UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودا ئۆتكەن سۇلالىلەرئۇلۇغ يۈينىڭ سۇنى تىزگىنلىشى

ئۇلۇغ يۈينىڭ سۇنى تىزگىنلىشى

جۇڭگودا ئۆتكەن سۇلالىلەر قەدىمكىلەر مۇنداق دېگەنىدى: ئەگەر ئۇلۇغ يۈي بولمىغان بولسا بىزنىڭ بۇ زېمىنىمىزدا بېلىقلا مەۋجۇت بولۇپ، ئادەملەر بولمىغان بولاتتى! رىۋايەت قىلىنىشىچە، ياۋ قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ سەردارى بولغاندا، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىدا پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈن ئاپىتى يۈر بەرگەن. ياۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان سۇنى تىزگىنلەش يىغىنىدا، كىشىلەر گۇننى سۇنى تىزگىنلەشكە كۆرسەتكەن. گۇن ئالدىنقىلارنى ئۆرنەك قىلىپ توسما ياساپ سۇنى توسۇش چارىسىنى قوللانغان، لېكىن كەلكۈن سۈيى بەك ئۇلۇغ بولغاچقا، بۈگۈن توسما ياسىسا ئەتىسىلا ئېقىتىپ كەتكەن. گۇن توپتوغرا توققۇز يىل سۇنى تىزگىنلەپ، ئاۋام پۇقرالارنى چارچىتىپ، نۇرغۇن بايلىقنى سەرپ قىلغان بولسىمۇ قىلچە ئۈنۈمى بولمىغان. دەل شۇ چاغدا، شۇن ياۋغا ۋارىسلىق قىلىپ قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ سەردارى بولۇپ، گۇننىڭ كاللىسىنى ئالغان ھەمدە كۆپچىلىكنىڭ پىكرىگە ئاساسەن گۇننىڭ ئوغلى يۈينى كەلكۈننى تىزگىنلەشكە ئەۋەتكەن. يۈي ئۇلۇغ يۈي، شيايۈي دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ دەريا - ئېـقىـنلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئېرىق - ئۆستەڭلەرنى قېزىپ، كەلكۈننى دېڭىزغا باشلاش چارىسى ئارقىلىق سۇنى تىزگىنلىگەن. ئۇ تاغلاردىن ئېشىپ، دەريا - ئېقىنلارنى كېچىپ، تاغ - دەريالارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنلىرىنى تولۇق دېگۈدەك ئايلىنىپ چىقىپ، ھەربىر جايدىكى سۇنى راۋانلاشتۇرۇش چارىسىنى بېكىتكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، كىشىلەرنى باشلاپ تاغلارنى تېشىپ، ئازگاللارنى تىندۇرۇپ، «توققۇز ئېقىن» نى راۋانلاشتۇرۇپ كەلكۈن سۈيىنى دېڭىزغا باشلاپ، ئاخىر سۇ ئاپىتىنى يوقاتقان. سۇنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، ئۇلۇغ يۈي توپتوغرا13 يىل جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەن، تىرناقلىرى، پاقالچىقىنىڭ تۈكلىرىمۇ چۈشۈپ كەتكەن. كىشىلەر ئۇنى كۆرۈپ تەسىرلەنگەنلىكىدىن كۆز يېشى قىلىشقان. سۇنى تىزگىنلىگەن13 يىل جەريانىدا، ئۇلۇغ يۈي ئۆز ئۆيىنىڭ ئالدىدىن ئۈچ قېتىم ئۆتكەن بولسىمۇ، چىن دىلىدىن سېغىنىپ كەتكەن ئايالى ۋە ئوغلىنى كۆرگىلىمۇ كىرمەي، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سۇنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىغا ئاتلانغان. ئۇلۇغ يۈي كەلكۈننى تىزگىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە كىشىلەرنى سۇ، تۇپراقتىن پايدىلىنىپ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، كىشىلەرنى ئۆزئارا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن. كەلكۈن ئاپىتى تۈگىتىلگەندىن كېيىن، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تاۋار ئالماشتۇرۇش زور تەرەققىياتقا ئېرىشكەن. شۇ سەۋەبتىن، ئۇلۇغ يۈي كىشىلەرنىڭ ھۈرمىتىگە سازاۋەر بولغان، ئۇنىڭ ئىقتىدارى ۋە پەزىلىتى شۇننىڭمۇ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن، شۇنىڭ بىلەن شۇن قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ سەردارىلىق ئورنىنى ئۇلۇغ يۈيگە ئۆتۈنۈپ بەرگەن. ئۇلۇغ يۈي ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى قەبىلە ئىتتىپاقى تەشكىلىنى پەيدىنپەي دۆلەت تەشكىلىگە تەرەققىي قىلدۇرغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى21 - ئەسىردە جۇڭگودىكى تۇنجى قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت − شيا سۇلالىسى قۇرۇلغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودا ئۆتكەن سۇلالىلەر