خەن ئىمپېرىيىسى
جۇڭگودا ئۆتكەن سۇلالىلەر
چىن سۇلالىسى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن، ليۇ باڭ بىلەن شياڭ يۈي ھاكىمىيەت تالىشىپ، تۆت يىلغا سوزۇلغان «چۇ - خەن ئۇرۇشى» نى ئېلىپ باردى. ليۇ باڭ شياۋ خې، جاڭ لياڭ، خەن شىن قاتارلىق سىياسىئون، ھەربىي ئالىملارنى ئىشقا قويۇپ، ئۆزىدىن زور دەرىجىدە كۈچلۈك «غەربىي چۇ ھاكىمبېگى» شياڭ يۈينى مەغلۇپ قىلدى، ئاخىردا خىل قوشۇنلىرىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق شياڭ يۈينى گەيشيا (ھازىرقى ئەنخۇيدىكى لىڭبى ناھىيىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى) دا قاتمۇقات مۇھاسىرىگە ئالدى. مانا بۇ مەشھۇر «گەيشيا مۇھاسىرىسى» ئىدى. شياڭ يۈي ئىنتايىن مۈشكۈل ئەھۋالدا قاتمۇقات مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ، ۋۇجياڭ (ھازىرقى ئەنخۇي ئۆلكىسى خېشيەن ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالى) غا قېچىپ بارغاندىن كېيىن ئۆلۈۋالدى.
غەربىي خەن سۇلالىسى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى206 - يىلى قۇرۇلۇپ، چاڭئەن (ھازىرقى شەنشىدىكى شىئەن) نى پايتەخت قىلدى، بۇ ھاكىمىيەت «ئالدىنقى خەن سۇلالىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ سۇلالىدە جەمئىي12 پادىشاھ دەۋر سۈرۈپ، چۇشىنىڭ تۇنجى يىلى (مىلادىيە8 - يىلى) غا كەلگەندە يىمىرىلدى، جەمئىي214 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ زېمىنى شەرقىي جەنۇبتا دېڭىزغا، غەربىي شىمالدا بالقاش كۆلى، پامىر(كۆكئارت) غىچە، غەربىي جەنۇبتا ھازىرقى يۈننەن، گۇاڭشى، ۋيېتنامنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغىچە، شىمالدا چوڭ قۇملۇققىچە، شەرقىي شىمالدا چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسمىغىچە كېڭەيگەنىدى.
غەربىي خەن سۇلالىسى ئاساسىي جەھەتتىن چىن سۇلالىسىنىڭ تۈزۈمىگە ۋارىسلىق قىلدى. غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا «خەلقنى ھاللاندۇرۇش» سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈپ، خەلقنىڭ يۈكى يېنىكلىتىلدى. خەن گاۋزۇدىن كېيىن، خەن ۋېندى بىلەن خەن جىڭدىنىڭ سىياسىي تۆھپىسى ناھايىتى زور بولۇپ، «ۋېندى، جىڭدى يىللىرىدىكى ئادىل سىياسەت» دەۋرى بارلىققا كەلدى. خەن ۋۇدى يەنە تەدبىر قوللىنىپ پادىشاھلىق ھوقۇقى ۋە ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، پۇل تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، پۇل قۇيۇش ھوقۇقىنى مەركەزگە ئۆتكۈزۈۋالدى، تۇز، تۆمۈرنى ھۆكۈمەت باشقۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ مالىيە كىرىمىنى ئاشۇردى.
غەربىي خەن سۇلالىسى سىياسىي جەھەتتە چىن سۇلالىسىنىڭ ۋىلايەت، ناھىيە تۈزۈمىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، بىر قىسىم تۆھپىكار ئەمەلدارلارغا ھەرقايسى جايلارنىڭ بەگلىكىنى سۇيۇرغال قىلىپ بەردى. كېيىن ليۇ باڭ ھەر خىل جىنايى بەتناملار بىلەن بۇ بەگلىكلەرنى پەيدىنپەي بىكار قىلىپ، پەقەت ليۇ فامىلىلىكلەرگىلا بەگلىك مەرتىۋىسى بەردى. ۋېندى، جىڭدى زامانىسىدا، ليۇ فامىلىك سۇيۇرغال بەگلەر بىلەن مەركىزىي ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئۆتكۈرلەشتى، ۋۇ، چۇ قاتارلىق يەتتە بەگلىك ئىسيان كۆتۈردى.
غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا، ھونلار دائىم شىمالدىكى چېگرىلارغا بېسىپ كىرىپ، پاراكەندىچىلىك سالاتتى. خەن ۋۇدى ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، ھونلارغا كەڭ كۆلەمدە قايتۇرما زەربە بەردى، خۇ چۈيبىڭ، ۋېي چىڭ قاتارلىق سەركەردىلەر قوشۇن باشلاپ قۇملۇقنىڭ شىمالىدىكى ھونلارنىڭ خان ئوردىسىغىچە ئىچكىرىلەپ كىردى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھونلارنىڭ تەھدىتى تۈگىتىلدى. خەن ۋۇدى يەنە جاڭ چيەننى غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە ئەۋەتىپ، غەربىي خەن سۇلالىسى بىلەن غەربىي يۇرتتىكى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت ئورنىتىپلا قالماي، يىپەك يولىنى ئاچتى. شۇنىڭدىن باشلاپ جۇڭگونىڭ يىپەك ماللىرى، ساپال، فار - فۇر ۋە لاكلانغان ساپال بۇيۇم قاتارلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى ئۈزۈلمەستىن غەربكە توشۇلدى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپانىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى جۇڭگوغا ئېلىپ كېلىندى، شەرق بىلەن غەربنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيىتى ئالماشتۇرۇلدى.
غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە، جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. ئەينى چاغدا، »ئالماشتۇرۇپ تېرىش، بۆلەكلەرگە ئايرىپ تېرىش، ئوغۇتلاپ تېرىش« قاتارلىق ئىلغار دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىلىرى قوللىنىلدى، ھۆكۈمەتمۇ سۇ ئىنشائات ئىشلىرىغا خېلى ئەھمىيەت بەردى. كانچىلىق ۋە مەدەن تاۋلاش قول ھۈنەرۋەنچىلىكىمۇ تەرەققىي قىلىپ، تۆمۈر بۇيۇملار زور دەرىجىدە كۆپىيىپ، برونزا بۇيۇملارنىڭ ئورنىنى تەدرىجىي ئىگىلەپ، ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش بۇيۇمىغا ئايلاندى. ئەينى چاغدا كىشىلەر گۈللۈك يىپەك بۇيۇملارنى توقۇيالايدىغان، نەپىس سىرلىق بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولغانىدى.
غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە، سىياسىي ۋەزىيەتتە داۋالغۇش يۈز بەردى. چوڭ پومېشچىكلار، چوڭ بيۇروكراتلار جېنىنىڭ بارىچە يەرلەرنى قوشۇۋېلىپ، نۇرغۇن دېھقانلارنى ۋەيرانچىلىققا ئۇچراتتى. پادىشاھ ۋە بيۇروكراتلار يەنىلا ھۇزۇر - ھالاۋەتكە بېرىلدى، ئىجتىمائىي زىددىيەت كەسكىنلەشتى. چۇشىنىڭ تۇنجى يىلى (مىلادىيە8 - يىلى)، ھەرەمئاغىسى ۋاڭ ماڭ (خەن يۈەندىنىڭ ۋاڭ فامىلىلىك خانىشنىڭ جىيەنى) پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ھاكىمىيىتىنى تارتىۋېلىپ پادىشاھ بولۇپ، يېڭى خانىدانلىق قۇردى. مىلادىيە23 - يىلى قىزىل قاشلىقلار، لۇلىنلىقلار قاتارلىق دېھقانلار قوزغىلاڭچى قوشۇنلىرىنىڭ زەربىسىدە ۋاڭ ماڭ ئۆلتۈرۈلدى. پۇرسەتتىن پايدىلانغان ليۇ شيۇ شەرقىي خەن سۇلالىسىنى قۇردى.