UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودا ئۆتكەن سۇلالىلەرئۈچ پادىشاھلىقنىڭ تىركىشىپ تۇرۇشى

ئۈچ پادىشاھلىقنىڭ تىركىشىپ تۇرۇشى

جۇڭگودا ئۆتكەن سۇلالىلەر ۋېي، شۇ، ۋۇ ئۈچ پادىشاھلىقنىڭ تىركىشىپ تۇرۇشى − شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدىكى مىلىتارىستلارنىڭ قوشۇۋېلىش يۈزىسىدىن ئېلىپ بارغان قالايمىقان ئۇرۇشلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان فېئودال بۆلۈنمە ۋەزىيەت. ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىنى ئاۋۋال قۇرۇلغان ۋېي پادىشاھلىقىنىڭ خۇاڭچۇ يىلنامىسىنىڭ تۇنجى يىلى (مىلادىيە220 - يىلى) دىن باشلاپ ھېسابلىساق، ئەڭ ئاخىردا مۇنقەرز بولغان ۋۇ پادىشاھلىقىنىڭ تيەنجى يىلنامىسىنىڭ4 - يىلى (مىلادىيە280 - يىلى) ئاخىرلاشقىچە جەمئىي61 يىل داۋاملاشتى. ئۈچ پادىشاھلىقنىڭ شەكىللىنىش تارىخىنى ئۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا سۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدا، سېرىق ياغلىقلىقلار قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرقايسى جايلاردىكى بۆلۈنمە كۈچلەر ئۇزاققىچە قالايمىقان ئۇرۇش قىلىشتى. ساۋ ساۋ شۈيچاڭنى تايانچ بازا قىلىپ، ھازىرقى خېبېي دائىرىسىدىكى كەڭ زېمىننى ئىگىلىدى ھەمدە خەن شيەندىنى تىزگىنلەش ئارقىلىق تەڭرىقۇتنى ئارىغا ئېلىپ ئۇنىڭ نامىدا بەگلىكلەرگە پەرمان چۈشۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. ئۇ ئۆزى ئىگىلىگەن جايلاردا بوز يەر ئاچتۇرۇپ، لەشكەرلىرىنى يېتەرلىك تەمىناتقا ئىگە قىلدى. مىلادىيە200 - يىلى ساۋ ساۋ بىلەن يۈەن شاۋ گۇەندۇ (ھازىرقى خېنەندىكى جۇڭمۇنىڭ شەرقىي شىمالى) دا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلدى، ساۋ ساۋ ئاز كۈچ بىلەن ئۈستۈن لەشكىرىي كۈچكە ئىگە يۈەن شاۋنى مەغلۇپ قىلىپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى كەڭ رايونلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ كۈچلۈك مىلىتارىستقا ئايلانغانىدى. مىلادىيە208 - يىلى ساۋ ساۋ زور قوشۇننى باشلاپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، جىڭجۇ - شياڭجۇلار (ھازىرقى خۇبېينىڭ جياڭخەن رايونى) نى قولغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم جاينى كونترول قىلدى. ئارقىدىنلا چاڭجياڭ دەرياسىنى بويلاپ يۈرۈش قىلىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى رايونىدىكى سۇن چۈەننىڭ بۆلۈنمە كۈچىنى يوقاتماقچى بولدى، نەتىجىدە، مەشھۇر «چىبى ئۇرۇشى» پارتلىدى. ساۋ ساۋ قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ چېكىندى، سۇن چۈەن - ليۇبېي بىرلەشمە قوشۇنى غەلىبىگە ئېرىشتى. جەڭدىن كېيىن، ساۋ ساۋ شىمالغا چېكىندى، سۇن چۈەن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى رايونلىرىنى داۋاملىق ئىگىلەپلا قالماستىن، بەلكى يەنە چاڭجياڭنىڭ ئوتتۇرا ئېقىن رايونلىرىغا تەرەققىي قىلدى، ليۇ بېي جىڭجۇ، شياڭجۇ ئايماقلىرىدىكى قىسمەن رايونلارغا، كېيىن يەنە يىجۇ (ھازىرقى سىچۇەن) غا ئىگە بولدى. ئۈچ پادىشاھلىقنىڭ تىركىشىپ تۇرۇش ۋەزىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى. مىلادىيە220 - يىلى ساۋ ساۋ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى ساۋ پى خەن شيەندىنى تەختتىن چۈشۈرۈپ ئۆزى پادىشاھ بولۇپ، ۋېي پادىشاھلىقىنى قۇردى، بۇ تارىختا «ساۋ جەمەتىنىڭ ۋېي پادىشاھلىقى» دەپ ئاتالدى، لوياڭ پايتەخت قىلىندى. كېيىنكى يىلى (221 - يىلى) ليۇ بېي ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتاپ، خەن پادىشاھلىقىنى قۇردى، بۇ پادىشاھلىق يەنە «شۇ - خەن پادىشاھلىقى» دەپمۇ ئاتالدى، بۇ ھاكىمىيەت چېڭدۇنى پايتەخت قىلدى.229 - يىلىغا كەلگەندە، سۇن چۈەنمۇ ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتاپ، ۋۇ پادىشاھلىقىنى قۇردى، بۇ پادىشاھلىق يەنە «سۇن جەمەتىنىڭ ۋۇ پادىشاھلىقى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ ھاكىمىيەت جيەنيي (ھازىرقى جياڭسۇدىكى نەنجىڭ) نى پايتەخت قىلدى. ۋېي پادىشاھلىقى ھاكىمىيىتى ساۋ ساۋنىڭ تۆھپىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى ئىگىلىدى، ئۇنىڭ ئىگىلىگەن زېمىنى كەڭ، دۆلەت كۈچى قۇدرەتلىك بولۇپ، ئۈچ پادىشاھلىق ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈكى ئىدى. پادىشاھلىق قۇرۇلغاندىن كېيىن بوز يەر ئېچىش تۈزۈمىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئۆي - ماكانسىزلارنى يىغىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قاقاس يەرلەرنى ئاچقۇزۇپ، شىمالنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. ليۇ بېي جۇگې لياڭنى ۋەزىرلىككە قويۇپ، ئادىل ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزدى، يىجۇ رايونىنىڭ «جەننەت» دېگەن نامى بولۇپ، تۇپرىقى مۇنبەت ئىدى، دۇجياڭ توسمىسى سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق چېڭدۇ تۈزلەڭلىكى سۇغىرىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى تەرەققىي قىلدى. ليۇ بېي ليۇ فامىلىلىكلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان خەن سۇلالىسى ئەنئەنىسىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، جىڭجۇ، يىجۇلاردىكى پومېشچىكلار گۇرۇھىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ليۇ بېي ئۆلگەندىن كېيىن جۇگې لياڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، «شەرقتە ۋۇ پادىشاھلىقى بىلەن بىرلىشىپ، شىمالدا ۋېي پادىشاھلىقىغا جازا يۈرۈشى قىلىش» سىياسىتىنى يۈرگۈزدى، گەرچە يىلمۇيىل جەڭ قىلغان بولسىمۇ، ئاخىرقى ھېسابتا دۆلەت كۈچى ئاجىز بولغاچقا، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلمىدى. ۋۇ پادىشاھلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن تاشقى جەھەتتە شۇ - خەن پادىشاھلىقى بىلەن بىرلىشىپ، ۋېي پادىشاھلىقىغا بىرلىكتە قارشى تۇردى، ئىچكى جەھەتتە چوڭ پومېشچىكلارنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەپ، جەنۇبنى ئېچىشنى تېزلىتىپ، تەسىر كۈچىنى لىڭنەن رايونى ۋە مېنجۇڭ رايونلىرىغىچە كېڭەيتتى. ۋۇ پادىشاھلىقى ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا، جياڭنەن (چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى) رايونىنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيىتى خېلى تېز تەرەققىي قىلىپ، كېيىنكى دەۋردىكى گۈللىنىشكە ئاساس سالدى. ۋېي پادىشاھلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ھاكىمىيەت ئۇلۇغ سانغۇن سىما يىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. مىلادىيە263 - يىلى، سىما جەمەتى گۇرۇھىدىكىلەر شۇ - خەن پادىشاھلىقىنى يوقاتتى. شۇ - خەن پادىشاھلىقى43 يىل مەۋجۇت بولۇپ، ئىككى پادىشاھ دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى.265 - يىلى، سىما يەن ۋېي پادىشاھلىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتاپ، جىن سۇلالىسىنى قۇردى، بۇ تارىختا غەربىي جىن سۇلالىسى دەپ ئاتالدى. ۋېي پادىشاھلىقى46 يىل مەۋجۇت بولۇپ، بەش پادىشاھ دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى. مىلادىيە280 - يىلى غەربىي جىن سۇلالىسى ۋۇ پادىشاھلىقىنى يوقىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈردى. ۋۇ پادىشاھلىقى52 يىل مەۋجۇت بولۇپ، تۆت پادىشاھ دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى. ئەگەر ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىنى غەربىي جىن سۇلالىسى قۇرۇلغان ۋاقىتقىچە ھېسابلىغاندا تەخمىنەن45 يىل داۋاملاشقان بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودا ئۆتكەن سۇلالىلەر