UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودا ئۆتكەن سۇلالىلەرجىن ئىمپېرىيىسى

جىن ئىمپېرىيىسى

جۇڭگودا ئۆتكەن سۇلالىلەر مىلادىيە4 - ئەسىرنىڭ باشلىرى، غەربىي جىن سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئېغىر كرىزىسقا دۇچ كەلگەندە، ئەسلىدە شياپى (ھازىرقى جياڭسۇدىكى سۇچيەننىڭ غەربىي شىمالى) نى ساقلاپ تۇرۇۋاتقان لاڭيا بېگى سىما رۈي307 - يىلى جەنۇبتىكى جيەنكاڭ (ھازىرقى جياڭسۇدىكى نەنجىڭ) غا كېلىپ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىنى ساقلاپ تۇرۇپ، ئوردىنى جەنۇبقا كۆچۈرۈشكە تەييارلاندى. غەربىي جىن سۇلالىسى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىنكى2 - يىلى سىما رۈي جيەنكاڭدا سىما جەمەتىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قايتىدىن قۇردى، بۇ تارىختا «شەرقىي جىن سۇلالىسى» دەپ ئاتالدى. شەرقىي جىن سۇلالىسى11 پادىشاھ دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈپ،104 يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. شەرقىي جىن سۇلالىسى جيەنكاڭنى پايتەخت قىلغاندىن كېيىن، شىمالدىكى جايلار ئېغىر بۆلۈنمىچىلىك ھالىتىگە چۈشۈپ قالدى. غەربىي جىن سۇلالىسى مۇنقەرز بولغاندىن تارتىپ439 - يىلى شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلۈشىگىچە بولغان100 نەچچە يىل مابەينىدە، جۇڭگونىڭ شىمالىدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ھونلار، كېشلار، دىلار، چاڭلار، سىيانپىيلاردىن ئىبارەت بەش ئاز سانلىق مىللەت ۋە خەنزۇلار16 بۆلۈنمە ھاكىمىيەت قۇرۇپ، «بەش غۇز،16 پادىشاھلىق» دەپ ئاتالدى. شەرقىي جىن سۇلالىسى ۋە16 پادىشاھلىق دەۋرى ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدىن كېيىنكى يەنە بىر چوڭ بۆلۈنمىچىلىك دەۋرىدۇر. شەرقىي جىن سۇلالىسى ھاكىمىيىتى شىمالنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن، شىمالغا ئىككى قېتىم يۈرۈش قىلدى. بىرى، دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى زۇدىنىڭ شىمالغا يۈرۈش قىلىشى، يەنە بىرى، ئوتتۇرا مەزگىلدىكى خۇەن ۋېننىڭ شىمالغا يۈرۈش قىلىشى ئىدى. ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراش سەۋەبىدىن، شىمالغا يۈرۈشنىڭ ھەر ئىككىسى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. شەرقىي جىن سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئوردا ھاكىمىيىتى جەنۇبقا كۆچۈپ كەلگەن چوڭ ئېسىلزادىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى، ۋاڭ، يۈي، خۇەن، شيېدىن ئىبارەت تۆت چوڭ جەمەت80 يىل نۆۋەت بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى. شەرقىي جىن سۇلالىسى ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتلەر ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىدى، يەنە بىرنەچچە قېتىم يەرلىك ئېسىلزادىلەرنىڭ ئوردىغا قارشى توپىلىڭى يۈز بەردى. شۇڭا، شەرقىي جىن سۇلالىسى ھاكىمىيىتى زەئىپ ھاكىمىيەت ئىدى. مىلادىيە376 - يىلى دىلار قۇرغان ئالدىنقى چىن ھاكىمىيىتى شىمالنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قۇدرەتلىك بىر ھاكىمىيەت قۇردى. چىن پادىشاھى فۇ جيەن پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە،383 - يىلى پادىشاھلىقتىكى بارلىق قوشۇننى سەپەرۋەر قىلىپ، مىليون كىشىلىك قوشۇن نامىدا، جەنۇبتىكى شەرقىي جىن سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلدى. شەرقىي جىن سۇلالىسىنىڭ ۋەزىرى شيې ئەننىڭ ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى، شيې شۈەن قاتارلىق سەركەردىلەرنىڭ ماھىرلىق بىلەن قوماندانلىق قىلىشى ئارقىسىدا، شەرقىي جىن سۇلالىسى80 مىڭ كىشىلىك ئازغىنە كۈچ بىلەن كۆپنى يېڭىپ، فېيشۇي ئۇرۇشىدا ئالدىنقى چىن پادىشاھلىقىنىڭ نەچچە100 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى. فېيشۇي ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئالدىنقى چىن ھاكىمىيىتى تېزلىكتە زاۋاللىققا يۈز تۇتتى، شىمال يەنە مالىمانچىلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالدى. شەرقىي جىن سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە، شىمالدىكى بىر قىسىم پۇقرالار ئۇرۇشنىڭ بالايىئاپىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۈزلۈكسىز جەنۇبقا كۆچۈپ، جەنۇبنى زور مىقداردىكى ئەمگەك كۈچى بىلەن تولۇقلىدى. شەرقىي جىن ھاكىمىيىتىمۇ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا پايدىلىق بىرقاتار سىياسەتلەرنى يولغا قويدى، مەسىلەن، بوز يەر ئېچىشنى قانات يايدۇرۇپ، يۇرت - ماكانسىز پۇقرالارنى ئورۇنلاشتۇردى ۋە سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشلىرىنى ئېلىپ باردى، نەتىجىدە، جەنۇب ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى. شەرقىي جىن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، سۇن ئېن، لۇ شۈن رەھبەرلىكىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىدى، قوزغىلاڭ12 يىل داۋام قىلدى. ليۇ يۈي سۇن ئېن، لۇ شۈن قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشتا تۆھپە يارىتىپ، لەشكىرىي ھوقۇقنى ئىگىلەش ئارقىلىق شەرقىي جىن ھاكىمىيىتىنى پەيدىنپەي كونترول قىلدى. مىلادىيە420 - يىلى ليۇ يۈي شەرقىي جىن سۇلالىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھى جىن گۇڭدى − سىما دېۋېننى تەختتىن چۈشۈرۈپ، ليۇ فامىلىلىكلەرنىڭ سۇڭ خانىدانلىقىنى قۇردى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودا ئۆتكەن سۇلالىلەر