UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودا ئۆتكەن سۇلالىلەرخەن ئىمپېرىيىسى

خەن ئىمپېرىيىسى

جۇڭگودا ئۆتكەن سۇلالىلەر مىلادىيە23 - يىلى ۋاڭ ماڭ ھاكىمىيىتى420 مىڭ كىشىلىك زور لەشكەر توپلاپ، نامدا مىليون كىشىلىك لەشكەر دەپ ئاتاپ، لۇلىنلىقلار قوزغىلاڭچى قوشۇنىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ھەيۋەت بىلەن جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، كۇنياڭ (ھازىرقى خېنەننىڭ يېشيەن ناھىيىسى) نى سۇمۇ ئۆتمەيدىغان دەرىجىدە قاتمۇقات مۇھاسىرىگە ئالدى. شەھەرنى پەقەت لۇلىن قوزغىلاڭچى قوشۇنىنىڭ8 -9 مىڭ كىشىلىك سەركەردە - لەشكەرلىرىلا ساقلاپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ۋەزىيەت ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى. ياش سەركەردە ليۇ شيۇ12 ئادەمنى باشلاپ كېچە قاراڭغۇسىدىن پايدىلىنىپ قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىپ، ياردەمچى لەشكەر باشلاپ كېلىپ، شەھەرنى قوغداۋاتقان قوزغىلاڭچى قوشۇن بىلەن ئىچكى - تاشقى جەھەتتىن قىستاپ زەربە بېرىپ، ۋاڭ ماڭنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى، دېھقانلار قوزغىلاڭچى قوشۇنى زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. مانا بۇ مەشھۇر «كۇنياڭ جېڭى» ئىدى. جەڭدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي، ۋاڭ ماڭ ھاكىمىيىتى يوقىتىلدى. ليۇ شيۇ غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ خان جەمەتىدىن، ئۇ لۇلىنلىقلار قوشۇنىغا قاتنىشىپ، قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ زوراۋان پومېشچىكلار كۈچىنى توپلاپ، مىلادىيە25 - يىلى ليۇ جەمەتىنىڭ خەن سۇلالىسىنى قايتىدىن قۇردى. بۇ سۇلالە لوياڭنى پايتەخت قىلغاچقا، «شەرقىي خەن سۇلالىسى»، يەنە «كېيىنكى خەن سۇلالىسى» دەپ ئاتالدى. شەرقىي خەن سۇلالىسىدە جەمئىي13 پادىشاھ196 يىل سەلتەنەت سۈردى، مىلادىيە220 - يىلى مۇنقەرز بولدى. شەرقىي خەن سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، پادىشاھلىق ھوقۇقىنى كۈچەيتىدىغان كۆپلىگەن تەدبىرلەر قوللىنىلىپ، ئەسلىدىكى پادىشاھقا ۋاكالىتەن كاتىبات ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان مىرزىبەگ ۋازارىتى سىياسىي پەرمانلارنى باشقۇرىدىغان ئورگانغا كېڭەيتىلىپ، پادىشاھنىڭ ھاكىمىيەتنى كونترول قىلىشى كۈچەيتىلدى. تۆھپىكار ئەمەلدارلارغا مول تەمىنات بېرىلدى، بىراق ئەمەلىي ھوقۇق بېرىلمىدى، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھاكىممۇتلەقلىق قىلىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى. يەرلىكتىكى ئەسكىرىي كۈچلەر ئازايتىلىپ، مەركەزنىڭ قوشۇنىنى كېڭەيتىش نەتىجىسىدە، مەركەزنىڭ يەرلىكنى كونترول قىلىشى كۈچەيتىلدى. ئىقتىسادىي جەھەتتە، قۇل - دېدەكلەرنى ئازاد قىلىش، باج - سېلىقنى كېمەيتىش، مالىيە چىقىمىنى ئازايتىش، سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش، بوز يەر ئېچىش قاتارلىق تەدبىرلەر قوللىنىلدى. تۆمۈر تاۋلاش، پولات تاۋلاش تېخنىكىسى تەرەققىي قىلغاچقا، تۆمۈردىن ياسالغان دېھقانچىلىق سايمانلىرى ياخشىلاندى ۋە ئومۇملاشتى. كالا بىلەن يەر ئاغدۇرۇش تېخىمۇ ئومۇملاشتى. بۇ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى، جەمئىيەت بىرقەدەر مۇقىم بولدى. مىللەتلەر مۇناسىۋىتى جەھەتتە، بەن چاۋنىڭ غەربىي يۇرتقا ئەلچى بولۇپ بېرىشى ئارقىلىق، شەرقىي خەن سۇلالىسى ھەرقايسى قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتتى. شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن، پادىشاھنىڭ شىرەم تۇغقانلىرى ھاكىمىيەتكە ئارىلاشتى، ھەرەمئاغىلىرى ھاكىممۇتلەقلىق قىلدى.4 - ئەۋلاد پادىشاھ خەن خېدىدىن باشلاپ پادىشاھنىڭ شىرەم تۇغقانلىرى باشچىلىقىدىكى بيۇروكراتلار گۇرۇھى بىلەن ھەرەمئاغىلىرى گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدا ئارقا - ئارقىدىن سىياسىي كۈرەش پارتلىدى. شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىگە كەلگەندە، ھاكىمىيەت ھەرەمئاغىلىرى گۇرۇھىنىڭ چاڭگىلىغا ئۆتۈپ، ھاكىمىيەت ئىنتايىن چىرىكلەشتى. بىر قىسىم ھەققانىي بيۇروكراتلار بىلەن خانلىق بىلىم يۇرتىنىڭ موللىلىرىمۇ ھەرەمئاغىلىرىنىڭ زۇلمەتلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قاينىمىغا كىرىپ قالدى، ئۇلار «پىرقىۋازلار» دەپ ئاتىلىپ، ھەرەمئاغىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق ئىسكەنجىگە ئېلىندى، بەزىلىرى ئۆلتۈرۈلدى، بەزىلىرى تەقىب قىلىندى، بەزىلىرى ئۆمۈرۋايەت ئەمەلدار بولالماي «پىرقىۋازلار ئاپىتى» يۈز بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ليۇ شيۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن سۇيۇرغاللىققا ئېرىشكەن زوراۋان پومېشچىكلارنىڭ كۈچىمۇ ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. ئۇلار ئۆزىنىڭ سۇيۇرغال يەرلىرىدە زوراۋانلىق قىلىپ، يەرلەرنى غالجىرلارچە يۇتۇۋېلىشقا باشلىدى، نۇرغۇن دېھقانلار ئۆي - ماكانىدىن ئايرىلىپ سەرگەردان بولۇپ، زوراۋان پومېشچىكلارنىڭ قۇلى ۋە ئىشلەمچىسىگە ئايلىنىپ قېلىپ، چوڭ پومېشچىكلارنىڭ قورۇقلىرىدا دەھشەتلىك زۇلۇمغا ئۇچرىدى. شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە ئىجتىمائىي زىددىيەت چوڭقۇرلاشقاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزاقتىن بۇيان غەربتىكى چاڭلارغا ھۇجۇم قىلىنغاچقا، شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ھاكىمىيىتى تېخىمۇ ئېغىر داۋالغۇپ، كىچىك كۆلەمدىكى دېھقانلار قوزغىلاڭلىرى ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ، ئاخىر مىلادىيە184 - يىلىغا كەلگەندە كەڭ كۆلەملىك سېرىق ياغلىقلىقلار قوزغىلىڭى پارتلىدى. دېھقانلار قوزغىلاڭچى قوشۇنىنىڭ زەربىسىدە، شەرقىي خەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتى ئىسمى بار، جىسمى يوق ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، كەينىدىنلا مىلىتارىستلار بۆلۈنمە كۈچلىرىنىڭ ئۆزئارا قالايمىقان ئۇرۇشلىرى باش كۆتۈردى. شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھى خەن شيەندى مىلىتارىست ساۋ ساۋنىڭ قولىدىكى قورچاققا ئايلىنىپ قالدى. مىلادىيە220 - يىلىغا كەلگەندە، ساۋ ساۋنىڭ ئوغلى ساۋ جى شەرقىي خەن ئىمپېرىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتىنى تارتىۋېلىپ ۋېي پادىشاھلىقىنى قۇردى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودا ئۆتكەن سۇلالىلەر