چىن ئىمپېرىيىسى
جۇڭگودا ئۆتكەن سۇلالىلەر
چىن سۇلالىسى جۇڭگو تارىخىدىكى بىرلىككە كەلگەن تۇنجى فېئودال سۇلالە، ئۇ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى221 - يىلى چىن بېگى يىڭ جېڭ تەرىپىدىن قۇرۇلغان. چىن بېگى يىڭ جېڭ ئۆزىنى «تۇنجى پادىشاھ» دەپ ئاتىغان، شۇڭا كېيىنكىلەر ئۇنى چىن شىخۇاڭ (تۇنجى پادىشاھ) دەپ ئاتىغان. چىن ئىمپېرىيىسى پەقەت ئۈچ ئەۋلاد ئۈچ پادىشاھ دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاران15 يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. ئۇنىڭ زېمىنى شەرقتە دېڭىزغا، غەربتە ھازىرقى گەنسۇ، سىچۇەنلەرگە، غەربىي جەنۇبتا ھازىرقى يۈننەن، گۇاڭشىلارغا، شىمالدا سەددىچىن سېپىلى ئەتراپلىرىغىچە كېڭەيگەنىدى.
چىنشىخۇاڭ دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ھوقۇقىنى ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈردى. ئوردىدا ۋەزىر، ئەمىر لەشكەر، باش تەپتىش قاتارلىق ئەمەل - مەنسەپلەر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئىشلىرىغا ياردەملىشەتتى؛ يەرلىكتە، غەربىي جۇ سۇلالىسىدىن بۇيانقى سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، ۋىلايەت، ناھىيە تۈزۈمىنى يولغا قويدى. پۈتۈن مەملىكەتنى36 ۋىلايەتكە بۆلۈپ (كېيىن40 نەچچە ۋىلايەتكە كۆپەيتتى)، ۋىلايەتنىڭ قارىمىقىدا بىرنەچچە ناھىيە تەسىس قىلدى، ئۇلارنى پادىشاھ ۋالىي ۋە ئامبال ئەۋەتىپ ئىدارە قىلدى.
چىن شىخۇاڭ چىن بەگلىكىنىڭ چاسا تۆشۈكلۈك يۇمىلاق يارمىقىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن پۇلى قىلىپ، شياۋجۈەن خەت شەكلىنى ئۆلچەملىك خەت شەكلى قىلىپ بېكىتتى ھەمدە ئۆلچەم بىرلىكلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. چىن سۇلالىسى يەنە پۈتۈن مەملىكەتتە نۇرغۇن يول ياسىدى، شەرقتىكى يەن، چى بەگلىكلىرى رايونىغا ۋە شەرقىي جەنۇبتىكى ۋۇ، چۇ بەگلىكلىرى رايونىغا بارىدىغان ئىككى چوڭ يولنى «راۋان يول» دەپ ئاتىدى.
چىن سۇلالىسى لىڭنەن رايونىنى بويسۇندۇرۇپ، نەچچە يۈز مىڭ ئاھالىنى لىڭنەنگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ جاينىڭ گۈللىنىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. چىن سۇلالىسى شىمالدا سەددىچىن سېپىلىنى سوقتۇردى ھەمدە لەشكەر تۇرغۇزۇپ قوغداپ، ھونلارنىڭ جەنۇبقا بېسىپ كىرىپ بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشىدىن مۇداپىئە كۆرۈپ، شىمالدىكى چېگرا رايونلارنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.
چىن شىخۇاڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، شەرقتىكى ئالتە بەگلىكنىڭ ئەسلىدىكى جەڭ قوراللىرىنى كۆيدۈرگۈزۈپ، كۆيدۈرۈلگەن جەڭ قوراللىرىدىن12 چوڭ مىس ئادەم ھەيكىلىنى قۇيدۇردى. ئۇ يەنە ئالتە بەگلىكنىڭ ئاقسۆڭەكلىرىنى پايتەخت شيەنياڭ ئەتراپىغا مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى كونترول قىلدى. ئىدىيىۋى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، چىن شىخۇاڭ ۋەزىر لى سىنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلىپ، چىن بەگلىكىنىڭ تارىخنامىلىرى، تېبابەت، پالچىلىق ۋە دەل - دەرەخ ئۆستۈرۈشكە ئائىت كىتابلاردىن باشقا، خەلق ئارىسىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان نەزمنامە، نەسرنامە ۋە ھەر خىل ئېقىملارنىڭ كىتابلىرىنى بىراقلا كۆيدۈرۈۋەتتى. چىن شىخۇاڭ يەنە پىتنە - ئىغۋا تارقىتىپ ئاۋامنى قايمۇقتۇرغان، دېگەن جىنايى بەتنام بىلەن460 تىن ئارتۇق كۇڭزىچى ئۆلىما، كىمياگەرنى تىرىك كۆمدى. مانا بۇ «كىتاب - نامەلەرنى كۆيدۈرۈپ، كۇڭزىچى ئۆلىمالارنى تىرىك كۆمۈش» ۋەقەسىدۇر.
چىن سۇلالىسىنىڭ باج - سېلىقى ئىنتايىن ئېغىر ئىدى. چىن شىخۇاڭ ئۆزىنىڭ تويماس نەپسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، كۆپلىگەن خەلقنى ھاشارغا سېلىپ ئۆزىگە ئوردا - قەسىر ياساتقۇزدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئېفاڭ ئوردىسىنى ياساشقا700 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ھاشارغا سېلىندى. ئۇ، لىشەن تېغىدا ئۆزىگە قەبرە ياساتقۇزۇپ، قەبرىنىڭ ئىچىگە مەرۋايىتتىن كۈن، ئاي، يۇلتۇزلارنى، سۈنئىي دەريا، دېڭىز، كۆللەرنى ياساتقۇزدى. چىن سۇلالىسىدە ئەينى ۋاقىتتا تەخمىنەن20 مىليون نوپۇس بار بولۇپ، ھەر يىلى2 مىليونغا يېقىن ئادەم ھاشارغا سېلىناتتى. ئەرلەر يېتىشمىسە، ئاياللار ھاشارغا تۇتۇلاتتى - دە، نۇرغۇن يەرلەر ئاق قالاتتى، كەڭ دېھقانلار ئېغىر ئالۋان - سېلىق، ھاشار دەستىدىن جاپا - مۇشەققەتلىك تۇرمۇش كەچۈرەتتى، سەللا قارشىلىق قىلسا دەھشەتلىك جازاغا تارتىلاتتى.
مىلادىيىدىن بۇرۇنقى210 - يىلى چىن شىخۇاڭ كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ، چىن Ⅱ تەختكە ۋارىسلىق قىلدى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى209 - يىلى شىمالدىكى چېگرىنى قوغداش ھاشىرىغا ئەۋەتىلگەن900 نەپەر دېھقان چېن شېڭ، ۋۇ گۇاڭلارنىڭ رەھبەرلىكىدە، دازېشياڭ يېزىسى (ھازىرقى ئەنخۇينىڭ سۇشيەن ناھىيىسى) دا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، «جاڭچۇ» ھاكىمىيىتىنى قۇردى. ئالتە بەگلىكنىڭ كۆپلىگەن كونا ئاقسۆڭەكلىرىمۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ لەشكەر تارتىپ چىن سۇلالىسىگە قارشى چىقتى. چېن شېڭ، ۋۇ گۇاڭ قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭچى قوشۇن ليۇ باڭ، شياڭ يۈينىڭ رەھبەرلىكىدە چىن سۇلالىسىگە قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇردى. مۇشۇ مەزگىلدە، چىن Ⅱ ۋەزىرى جاۋ گاۋ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى، ئارقىدىنلا چىن سۇلالىسىنىڭ شاھزادىسى زىيىڭ جاۋ گاۋنى ئۆلتۈرۈۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن چىن ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى چاك - چېكىدىن پارچىلاندى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى207 - يىلى10 - ئايدا، ليۇباڭ قوزغىلاڭچى قوشۇننى باشلاپ شيەنياڭغا كىردى، چىن ئىمپېرىيىسىنىڭ شاھزادىسى زىيىڭ تەسلىم بولدى، چىن ئىمپېرىيىسى ھالاك بولدى.