تاڭ ئىمپېرىيىسى
جۇڭگودا ئۆتكەن سۇلالىلەر
سۈي ئىمپېرىيىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان تاڭ ئىمپېرىيىسى مىسلىسىز گۈللەنگەن فېئودال ئىمپېرىيە. تاڭ ئىمپېرىيىسى ئەڭ گۈللەنگەن مەزگىلدە، زېمىنى شەرقتە دېڭىزغا، جەنۇبتا نەنخەي تاقىم ئاراللىرىغىچە تۇتاشقان، غەربتە بالقاش كۆلىدىن ھالقىپ، شەرقىي شىمالدا خېيلۇڭجياڭ دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى تاشقى ھىنگان تېغى ئەتراپلىرىغىچە كېڭەيگەنىدى. تاڭ گاۋزۇ − لى يۈەن مىلادىيە618 - يىلى دۆلەت قۇرغاندىن تارتىپ907 - يىلى تاڭ ئىمپېرىيىسى ھالاك بولغانغا قەدەر290 يىل سەلتەنەت سۈرۈپ،21 پادىشاھ دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى.
مىلادىيە618 - يىلى سۈي سۇلالىسى ھالاك بولغاندىن كېيىن لى يۈەن تاڭ ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ، چاڭئەننى پايتەخت قىلدى. كۆپ يىل ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق دېھقانلار قوزغىلاڭچى قوشۇنلىرىنى باستۇرۇپ، ھەرقايسى بۆلۈنمە ھاكىمىيەتلەرنى يوقىتىپ، مىلادىيە624 - يىلىغا كەلگەندە پۈتۈن مەملىكەتنى ئاساسىي جەھەتتىن بىرلىككە كەلتۈردى.
تاڭ سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئاساسىي جەھەتتىن سۈي سۇلالىسىنىڭ تۈزۈمىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۈچ ۋازارەت، ئالتە پىرقىدىن تەركىب تاپقان مەركىزىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنى قۇردى، ئەمەلدارلىق ئىمتىھان تۈزۈمى ۋە يەرلەرنى تەڭ تەقسىملەش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا، ھۆكۈمەتنىڭ باج - سېلىقىمۇ بىرقەدەر يېنىك بولدى. ئىككىنچى پادىشاھ تاڭ تەيزۇڭ − لى شىمىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان جېنگۇەن يىللىرى (مىلادىيە627 −649 - يىللار) دا ئادىل ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈلگەچكە، جەمئىيەت تىنچ بولدى، ئىقتىسادىي جەھەتتە گۈللىنىش مەنزىرىسى بارلىققا كېلىپ، «جېنگۇەن يىللىرىدىكى تۈزەش» دەپ ئاتالدى. تاڭ تەيزۇڭنىڭ ئوغلى تاڭ گاۋزۇڭ − لى جى پادىشاھ بولغاندا، خانىش ۋۇزېتيەن ھوقۇقنى قولىغا ئېلىۋالدى. مىلادىيە690 - يىلى، ۋۇ زېتيەن ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتاپ، دۆلەت نامىنى جۇغا ئۆزگەرتتى، بۇ، «ۋۇ فامىلىلىكلەرنىڭ جۇ سۇلالىسى» دەپمۇ ئاتالدى، ئۇ، جۇڭگو تارىخىدىكى تۇنجى ئايال پادىشاھ. ئۇ15 يىل پادىشاھ بولدى، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ياشىنىپ كېسەلچان بولۇپ قالغاچقا، تاڭ جۇڭزۇڭ − لى شيەن لى جەمەتىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. تاڭ شۈەنزۇڭنىڭ كەييۈەن يىللىرى (مىلادىيە713 -743 - يىللار) تاڭ سۇلالىسى ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرگە قەدەم قويدى، جەمئىيەت تىنچ بولدى، ئىقتىساد گۈللەندى، شۇڭا تارىختا «كەييۈەن يىللىرىدىكى مەمۇرچىلىق» دەپ ئاتالدى. تاڭ سۇلالىسى گۈللەنگەن دەۋردە، جۇڭگو دائىرىسىدىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىمۇ تەدرىجىي تەرەققىي قىلدى. چېگرا مۇداپىئەسى مۇستەھكەملەندى. مىلادىيە641 - يىلى تاڭ تەيزۇڭ مەلىكە ۋېن چېڭنى تۈبۈت خانى سۇڭزەن گەنبۇغا ياتلىق قىلىپ، خەنزۇلار بىلەن زاڭزۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتتى.
تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى100 نەچچە يىل ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىش دەۋرى بولدى، ئەينى دەۋردە ئىگىلىك گۈللىنىپ، دۆلەت كۈچى مىسلىسىز كۈچەيدى، مەدەنىيەت يۈكسەلدى، تاڭ سۇلالىسى خەلقئارادا ئىنتايىن يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە بولدى، ئاسىيا، ئافرىقىدىكى نۇرغۇن ئەللەر ئارقا - ئارقىدىن ئەلچىلەر، ئالىملارنى زىيارەتكە، ئىلىم تەھسىل قىلىشقا ئەۋەتتى. تاڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى خۇڭلۇ ئىبادەتخانىسى (كۈتۈۋېلىش سورۇنى) تەسىس قىلىپ، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئەلچىلىرى ۋە مېھمانلىرىنى مەخسۇس كۈتۈۋالدى، يەنە گۇاڭجۇدا سودا كېملىرىنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدار تەسىس قىلىپ، نۇرغۇن جايدا سودا مەھكىمىسى قۇرۇپ، تاشقى سودا پائالىيىتى ئېلىپ باردى. تاڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىمۇ ھەرقايسى ئەللەرنى زىيارەت قىلىشقا ئۈزلۈكسىز ئەلچى ئەۋەتتى. ئەينى ۋاقىتتا70 نەچچە دۆلەت جۇڭگو بىلەن ئۆزئارا ئەلچى ئەۋەتىشتى. گۈللەنگەن تاڭ سۇلالىسى ئاسىيا، ئافرىقىدىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزىگە ئايلاندى.
تاڭ شۈەنزۇڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، پىڭلۇ، فەنياڭ، خېدۇڭ ئۈچ قورغاننىڭ ھېراۋۇلى ئۆڭلۈك (ئەنلۇشەن) بىلەن ئۇلۇغ سانغۇن سۆيگۈن (شى سىمىڭ) ئارقا - ئارقىدىن توپىلاڭ كۆتۈردى. «ئۆڭلۈك - سۆيگۈن توپىلىڭى» سەككىز يىل داۋاملىشىپ،763 - يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن تىنجىتىلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تاڭ سۇلالىسى ئاخىرقى مەزگىلىگە قەدەم قويدى، پادىشاھ ھوقۇقى ئاجىزلىدى. بىر قىسىم ھېراۋۇللار قولىدىكى قوشۇنغا تايىنىپ ئوردا بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ، «ۋاسساللارنىڭ بۆلۈنمىچىلىك ۋەزىيىتى» نى شەكىللەندۈردى. ئوردىنىڭ ئىچكى قىسمىدا يەنە «ھەرەمئاغىلىرىنىڭ ھاكىممۇتلەقلىق قىلىشى» ۋە «پىرقىۋازلار كۈرىشى» يۈز بېرىپ، سىياسىي جەھەتتە بارغانسېرى چىرىكلەشتى، ئىجتىمائىي زىددىيەت كۈنسېرى كەسكىنلەشتى. مىلادىيە875 - يىلىنىڭ بېشىدا، ۋاڭ شيەنجى قوزغىلاڭ كۆتۈردى، خۇاڭ چاۋ قاتارلىقلار ئادەملىرىنى باشلاپ ئاۋاز قوشتى. بۇ قېتىمقى زور قوزغىلاڭ ئون يىل داۋاملىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭىيىپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قاقشاتقۇچ زەربە بەردى. مىلادىيە907 - يىلى تاڭ ئىمپېرىيىسى ئاخىر مىلىتارىست جۇ ۋېن تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلدى، تارىخ بەش دەۋر، ئون پادىشاھلىق مەزگىلىگە كىردى.