UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودا ئۆتكەن سۇلالىلەريەندى ۋە خۇاڭدى

يەندى ۋە خۇاڭدى

جۇڭگودا ئۆتكەن سۇلالىلەر جۇڭگولۇقلار، چەت ئەللەردىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە چەت ئەللەردىكى جۇڭگولۇقلار ھەمىشە ئۆزلىرىنىڭ يەن - خۇاڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىدۇ، بۇنىڭ تارىخىي ئاساسى بار. رىۋايەتلەردە يەندى بىلەن خۇاڭدى جۇڭگونىڭ ئىپتىدائىي جەمئىيىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئىككى مەشھۇر قەبىلە سەردارى بولۇپ، يەندىنىڭ فامىلىسى جياڭ، لەقىمى ليېشەن ئىكەن، ئۇ مېتال، ياغاچ، سۇ، ئوت، تۇپراقتىن ئىبارەت بەش ئاناسىر ئىچىدىكى ئوتقا چوقۇنغاچقا، يەندى (帝炎 ئوت پادىشاھى) دەپ ئاتالغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ، دېھقانچىلىق قىلىشتا كامالەتكە يەتكەن. خۇاڭدىنىڭ فامىلىسى جى، لەقىمى شۈەنيۈەن ياكى يۇشيۇڭ بولۇپ، تۇپراققا چوقۇنغان، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىدىكى تۇپراق سېرىق بولغاچقا، خۇاڭدى (帝黄 سېرىق پادىشاھ) دەپ ئاتالغان. يەندى ۋە خۇاڭدىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى قەبىلە ئەسلىدە ھازىرقى شەنشى چېگرىسى ئىچىدە ياشىغان، كېيىن خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنى بويلاپ شەرققە كېڭىيىپ، ھازىرقى سەنشى، خېبېي، خېنەن، شەندۇڭ ئەتراپلىرىغىچە يېتىپ بارغان. خۇاڭدى قەبىلىسى پەيدىنپەي قۇدرەت تېپىشقا باشلىغاندا، يەندى قەبىلىسى كۈندىن - كۈنگە زەئىپلىشىشكە باشلىغان. بۇ چاغدا مەملىكىتىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىدا ياشايدىغان جيۇلى قەبىلىسىنىڭ سەردارى چى يۇ دائىم باشقا قەبىلىلەرگە ھۇجۇم قىلغان. ئۇ قەبىلىسىدىكىلەرنى باشلاپ غەربكە يۈرۈش قىلىپ يەندى قەبىلىسىنى مەغلۇپ قىلغان، خۇاڭدى قەبىلىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغىمۇ تەھدىت سالغان. يەندى قەبىلىسى جولۇ (ھازىرقى خېبېي) غا قېچىپ كېلىپ خۇاڭدىدىن ياردەم سورىغان. خۇاڭدى خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىدىكى قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ، جولۇدا چى يۇ بىلەن كەسكىن جەڭ قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، چى يۇ81 قېرىندىشى بىلەن باتۇرلارچە جەڭ قىلىپ سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغان. چى يۇ شامال، يامغۇر پىرلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، بوران - چاپقۇن چىقارغۇزغان. يەندى - خۇاڭدى قەبىلىلىرىنىڭ بىرلەشمە قوشۇنى يولۋاس، يىلپىز، ئېيىق، قوڭۇر ئېيىق تۇغلۇق تۆت تارماق سەرخىل قوشۇننى تۇرشاۋۇل قىسىم قىلىپ، تاش پىچاق، تاش پالتىلار بىلەن قوراللىنىپ باتۇرلارچە جەڭ قىلغان. بوران چىقىپ يامغۇر ياغقاندا، خۇاڭدى ئايال ئىلاھ خەن بانى چاقىرىپ كېلىپ، كۈچلۈك قۇياش نۇرى ۋە قاتتىق شامال بىلەن بوران، يامغۇرنى توختاتقان. چى يۇ يەنە دەرھال تۇمان قويۇپ بېرىپ، قېچىپ كەتمەكچى بولغان. خۇاڭدى تەرەپ كۆرسەتكۈچ بىلەن يۆنىلىشنى يورۇتۇپ، جيۇلىلارنىڭ بارگاھىغا ھۇجۇم قىلىپ، چى يۇنى يوقىتىپ جەڭنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇ دەل رىۋايەتلەردىكى مەشھۇر چوڭ ئۇرۇش — جولۇ ئۇرۇشىدۇر. جولۇ ئۇرۇشىدىن كېيىن، يەندى قەبىلىسى خۇاڭدى قەبىلىسى بىلەن بەنچۈەن (ھازىرقى جولۇنىڭ شەرقىي جەنۇبى) دا چوڭ جەڭ قىلغان، يەندى جەڭدە يېڭىلگەندىن كېيىن خۇاڭدىنىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇنغان، ئىككى قەبىلە ئىتتىپاق تۈزۈپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىدىكى مۇنبەت زېمىندا كۆپىيىپ، خۇاشيا مىللىتىنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، خۇاڭدى تۇغۇلغاندىلا ئادەتتىن تاشقىرى ئەقىللىق ئىكەن. قەبىلە سەردارى بولغاندىن كېيىن، ئۇ كىشىلەرگە ئۆي سېلىشنى، ئۆي ھايۋانلىرىنى بېقىشنى، دانلىق زىرائەتلەرنى تېرىشنى ئۆگەتكەن. ئۇ كىشىلەرنى باشلاپ جۇڭخۇانى ئېچىش جەريانىدا، كېمە، مەشۇت، كىيىمنى ئىجاد قىلغان، ھەتتا يېزىق، چالغۇ ۋە قەدىمدە يىل - ئاينى خاتىرىلەشتە قوللىنىلغان «بۇرج - مۈچەل» خۇاڭدى دەۋرىدە پەيدا بولغان. شۇڭلاشقا، خۇاڭدى ئىزچىل تۈردە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى دەپ قارىلىپ، خۇاشيا مىللىتىنىڭ ئورتاق ئەجدادى سۈپىتىدە ھۆرمەتلىنىپ كەلمەكتە.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودا ئۆتكەن سۇلالىلەر