UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودا ئۆتكەن سۇلالىلەرياۋ، شۇنلەرنىڭ تەختنى ئۆتۈنۈپ بېرىشى

ياۋ، شۇنلەرنىڭ تەختنى ئۆتۈنۈپ بېرىشى

جۇڭگودا ئۆتكەن سۇلالىلەر رىۋايەت قىلىنىشىچە، يىراق قەدىمكى دەۋردە ياۋ70 يىلدىن ئارتۇق پادىشاھ بولۇپ، ياشىنىپ قالغاندا تەختتىن چۈشمەكچى بولغان، ئۇ ئىز باسار مەسىلىسىدە «تۆت تەرەپ ئاقساقاللىرى» دىن پىكىر ئالغان، «تۆت تەرەپ ئاقساقاللىرى» شۇننى تەختكە ۋارىسلىق قىلىشقا كۆرسەتكەن. ياۋ شۇننى ھەر تەرەپلىمە كۆزەتكەندىن كېيىن، ئاخىر تەختنى ئۇنىڭغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن. كېيىن، شۇنمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا ئۆز ئورنىنى يۈيگە ئۆتۈنۈپ بەرگەن. ياۋ، شۇنلەر تەختتىن چۈشكەندە كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلىپ، تەختنى ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇللىرىغا ئۆتۈنۈپ بەرمەستىن، «دانا، قابىللارنى تاللىغان». مانا بۇ، تەختنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتۇر. تەختنى ئۆتۈنۈپ بېرىش توغرىسىدىكى رىۋايەت جۇڭگونىڭ ئىپتىدائىي جەمئىيىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ھەربىي دېموكراتىيە تۈزۈمىنىڭ ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئەينى چاغدا، بىرنەچچە ئۇرۇق قەبىلىنى تەشكىل قىلىپ، قەبىلە ئاقساقىلىنى سايلاپ چىقاتتى؛ بىرنەچچە قەبىلە قەبىلە ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلىپ، ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئاقساقاللىرىدىن قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ سەردارىنى سايلاپ چىقاتتى. »تۆت تەرەپ ئاقساقاللىرى« ئىتتىپاققا قاتناشقان قەبىلە ئاقساقاللىرى ئىدى، ياۋ، شۇن، يۈيلەر قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ سەردارلىرى ئىدى. بۇنىڭدىن تەختنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنىڭ دېموكراتىك سايلام ۋە كۆزىتىش ئارقىلىق قەبىلىلەر ئىتتىپاقى سەردارىنىڭ ئىز باسارىنى سايلايدىغان تۈزۈم ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنىڭ پەيدىنپەي تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تەختنى ئۆتۈنۈپ بېرىش تۈزۈمىنىڭ ئورنىنى مىراسخورلۇق تۈزۈمى ئىگىلىدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، يۈي تەختتىكى چاغدا كۆپچىلىك گاۋ تاۋنى ۋارىسلىققا كۆرسەتكەن. گاۋ تاۋ بالدۇرلا ئۆلۈپ كەتكەچكە، كۆپچىلىك يەنە بويىنى ۋارىسلىققا كۆرسەتكەن. بىراق يۈي ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى چى ھوقۇق تارتىۋېلىپ، ئۆزى خان بولۇۋالغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تەختنى ئۆتۈنۈپ بېرىش تۈزۈمى ئەمەلدىن قالغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودا ئۆتكەن سۇلالىلەر
ياۋ، شۇنلەرنىڭ تەختنى ئۆتۈنۈپ بېرىشى | UyghurWiki | UyghurWiki