ئەمىنىيە ۋە يېغىلىق دەۋرى
جۇڭگودا ئۆتكەن سۇلالىلەر
شەرقىي جۇ سۇلالىسى قۇرۇلغان مەزگىل (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى770 - يىلى) دىن تارتىپ چىن شىخۇاڭنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى221 - يىلى) گىچە بولغان500 نەچچە يىل ئادەتتە ئەمىنىيە ۋە يېغىلىق دەۋرىدىن ئىبارەت ئىككى دەۋرگە بۆلۈنىدۇ. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى476 - يىلىدىن بۇرۇنقى دەۋر ئەمىنىيە دەۋرىدۇر. بۇ دەۋر كۇڭزى تۈزگەن لۇ بەگلىكىنىڭ تارىخى − «ئەمىنىيە» («چۈنچيۇ») نىڭ دەۋرى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش؛ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى475 - يىلىدىن چىن سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىگىچە بولغان دەۋر يېغىلىق دەۋرى بولۇپ، بۇ مەزگىلدە چىن، چى قاتارلىق يەتتە چوڭ بەگلىك ئوتتۇرىسىدا ئۇدا كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشلار يۈز بېرىپ تۇردى، ئەمىنىيە ۋە يېغىلىق دەۋرى جۇڭگو تارىخىدىكى داۋالغۇش ۋە ئۆزگىرىش دەۋرى ھېسابلىنىدۇ.
جۇپىڭۋاڭ پايتەختنى شەرققە كۆچۈرگەندىن كېيىن، جۇ سۇلالىسىنىڭ تەسىر كۈچى ئاجىزلىشىشقا يۈزلەندى. كۈچلۈك سۇيۇرغال بەگلىكلەر ئۈزۈلدۈرمەي قوشۇۋېلىش ئۇرۇشلىرىنى قوزغىغاچقا، بەگلىكلەرنىڭ ھاكىمبەگلىك تالىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. ئەمىنىيە دەۋرىدە، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ چى خۇەنگۇڭ، جىن ۋېنگۇڭ، چىن مۇگۇڭ، چۇ جۇاڭۋاڭ ۋە سۇڭ شياڭگۇڭدىن ئىبارەت بەش ھاكىمبەگ مەيدانغا كەلدى. ئۇرۇش غەربىي جۇ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇششاق بەگلىكلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇۋېلىشىدەك ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىپ، قىسمەن رايونلارنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، شۇنىڭدەك مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى رايون پاسىلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە قوشۇلۇشنى كۈچەيتىپ، كېيىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە ئاساس سالدى.
ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئۇرۇشقا قاتناشقان بەگلىكلەر ھاللىنىۋېلىشقا ئېھتىياجلىق بولغاچقا، ئۇرۇشنى توختىتىپ تىنچ ئۆتۈش ھەرىكىتى بارلىققا كەلدى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى546 - يىلى14 بەگلىك قاتناشقان «ئۇرۇش توختىتىش يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندىن كېيىن، ئاساسلىق جەڭگاھ چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىغا يۆتكىلىپ، جەنۇبتىكى چۇ، ۋۇ، يۆ بەگلىكلىرى ھاكىمبەگلىك تالىشىپ كۆپ قېتىم ئۆزئارا ئۇرۇش قىلدى.
ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، ئۇرۇشنىڭ ئازىيىشى، تۆمۈردىن ياسالغان دېھقانچىلىق سايمانلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە كالا بىلەن يەر ھەيدەش تېخنىكىسىنىڭ كېڭەيتىلىشى سەۋەبىدىن، ئىجتىمائىي ئىگىلىك خېلى تېز تەرەققىي قىلدى، كۆپلىگەن خۇسۇسىي يەرلەر ئېچىلدى، چاسا ئېتىز تۈزۈمى پەيدىنپەي يىمىرىلدى. ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشى جەمئىيەتنىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى، بىر قىسىم سۇيۇرغال بەگلىكلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۈچلەر باش كۆتۈرۈپ چىقىپ بەگ بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ، ھوقۇق تارتىۋېلىش كۈرىشى ئېلىپ باردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولغىنى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى453 - يىلى خەن، جاۋ، ۋېي ئۈچ جەمەت ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ جىن بەگلىكىنى بۆلۈشۈۋېلىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۈچ كۈچلۈك بەگلىكنى قۇرغانلىقى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، چىن، چۇ، چى، يەن، خەن، جاۋ، ۋېيدىن ئىبارەت يەتتە بەگلىكنىڭ تىركىشىپ تۇرۇشىدەك يېغىلىق دەۋرى ۋەزىيىتى رەسمىي شەكىللەندى.
يېغىلىق دەۋرىدە ھەرقايسى بەگلىكلەر ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئۆزگەرتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ بالدۇرقىسى − ۋېي بەگلىكىدىكى لى كۈينىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشى، ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغىنى − چىن بەگلىكىدىكى شاڭ ياڭنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشى ئىدى. شاڭ ياڭنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشى نەتىجىسىدە، چىن بەگلىكى بىر سەكرەپلا ئەينى دەۋردىكى ئەڭ كۈچلۈك بەگلىككە ئايلاندى. شەرقتىكى ئالتە بەگلىك چىن بەگلىكىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن سىياسىي ئىتتىپاق تۈزدى. بۇ، »ئۇزۇنىسىغا تۈزۈلگەن ئىتتىپاق« دەپ ئاتالدى. چىن بەگلىكى يىراقتىكىلەر بىلەن بىرلىشىپ يېقىندىكىلەرگە ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ئالتە بەگلىك ئىتتىپاقىنى تارمار قىلىش ئۈچۈن دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى. بۇ، «توغرىسىغا تۈزۈلگەن ئىتتىپاق» دەپ ئاتالدى.
مىلادىيىدىن بۇرۇنقى230 - يىلىدىن باشلاپ چىن بېگى يىڭ جېڭ قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خەن، جاۋ، يەن، ۋېي، چۇ، چىدىن ئىبارەت ئالتە بەگلىكنى يوقىتىپ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى221 - يىلىغا كەلگەندە پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جۇڭگودىكى تۇنجى بىرلىككە كەلگەن فېئودال سۇلالە − چىن سۇلالىسىنى قۇردى.
ئەمىنىيە، يېغىلىق دەۋرلىرىدە مەدەنىيەت مىسلىسىز گۈللىنىپ، كۇڭزىچىلار، موزىچىلار، تەرىقەتچىلەر، قانۇنچىلار، نامچىلار، دېھقانپەرەسلەر، ئەبجەشلەر، تەبىرچىلەر، مۇزەككەر - مۇھەننەسچىلەر ۋە ھېكايىچىلار قاتارلىق نۇرغۇن ئىلمىي ئېقىملار شەكىللىنىپ، «ھەممە ئېقىملار بەس - بەستە سايراش» ۋەزىيىتى شەكىللەندى. كۇڭزى، موزى، لاۋزى، شۈنزى، جۇاڭزى، مېڭزى، زۇيەن، خەن فېي قاتارلىقلار ھەرقايسى ئىلمىي ئېقىملارنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرى ئىدى.