بەنپو ۋە خېمۇدۇ مەدەنىيىتى
جۇڭگودا ئۆتكەن سۇلالىلەر
بۇنىڭدىن6 ~7 مىڭ يىللار ئىلگىرى، ھازىرقى جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدىكى ئىنسانلاردا توپ نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. بىر ئۇرۇقتىكى بىر توپ ئاكا - ئۇكىلار باشقا بىر ئۇرۇققا «ياتلىق قىلىنىپ» بىر توپ ئاچا - سىڭىللار بىلەن نىكاھلانغان، ئۆلگەندىن كېيىن يەنە ئۆز ئۇرۇقىغا قايتۇرۇپ كېلىنىپ دەپنە قىلىنغان. بۇنداق چوڭ ئائىلىدە بالىلار ئۆزىنىڭ ئانىسىنىلا بىلگەن، ئاتىسىنى بىلمىگەن، كىشىلەرنىڭ تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى ئانىنىڭ قان سىستېمىسىغا قاراپ بەلگىلەنگەن. شۇڭلاشقا، بۇ تارىخىي دەۋر ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ. ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق جامائەسىدە، كىشى بىلەن كىشى ئوتتۇرىسىدا ئېسىللىك ياكى پەسلىك پەرقى بولمايتتى، سىنىپىي پەرقمۇ يوق ئىدى. بەنپو ۋە خېمۇدۇ مەدەنىيىتى مانا مۇشۇ خىل تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرغان.
بەنپو خارابىسى شەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرىنىڭ بەنپو كەنتىگە جايلاشقان. چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكى ئوخشاشلا5 -6 مېتىر كېلىدىغان چوڭ بىر خەندەك ئۇرۇق ئەزالىرىنىڭ تۇرالغۇ رايونىنى ئوراپ تۇرىدۇ، تۇرالغۇ رايونىغا40 نەچچە ئېغىز ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى تۇرالغۇ ئۆي جايلاشقان، ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇق ئەزالىرى ئوپچە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان تىك تۆتبۇلۇڭ شەكىللىك سورۇن بار، ئۆينىڭ يېنىدا نەرسە - كېرەكلەرنى ساقلايدىغان نۇرغۇن گەمە جايلاشقان. گەمىلەر ساپال ۋە توپىدىن ياسالغان ھەرخىل قاچا - قۇچىلار بىلەن تولغان، ساپال قاچىلارغا قارا ياكى قىزىل رەڭدىكى گۈل نۇسخىلىرى ۋە نەقىشلەر سىزىلغان، ئادەم يۈزى، بېلىق، بۇغا، قۇش رەسىملىرى ۋە گېئومېتىرىيىلىك شەكىللەر چۈشۈرۈلگەن. بەزى ساپال قاچىلار ئىنتايىن نەپىس، كۆركەم ياسالغان.
بەنپولۇقلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى ئاساسلىقى سۈركەپ سىلىقلاپ ياسالغان تاش قوراللاردىن ئىبارەت. ئاياللار سۈركەپ سىلىقلانغان ئۆتكۈر تاش پىچاق، تاش ئوتىغۇچ ئارقىلىق كۆيدۈرۈلگەن قاقاس يەرلەردىكى توپىنى يۇمشىتىپ، يەرلەرنى تەكشىلەپ، زىرائەت تېرىش ئارقىلىق ئۆرتەپ - چوقۇلاپ تېرىقچىلىق قىلىشتەك ئىپتىدائىي دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، بەنپولۇقلار يەنە ئوقيا، قارماق قاتارلىقلار بىلەن ئوۋ ئوۋلىغان، بېلىق تۇتقان. ئۇلار يەنە چوشقا، ئىت، كالا، قوي قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلارنى كۆندۈرۈپ ئۆي ھايۋانلىرىغا ئايلاندۇرۇشنى ئۆگىنىۋالغانىدى. ئىپتىدائىي دېھقانچىلىق ۋە ئىپتىدائىي چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتى ئىنسانلارنى ئىشەنچلىك ئوزۇقلۇق مەنبەسى بىلەن تەمىنلەپ، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتقان.
خېمۇدۇ مەدەنىيىتى خارابىسى چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يۈيياۋ شەھىرىگە جايلاشقان.6 ~7 مىڭ يىللار ئىلگىرى، بۇ جايدا ياشىغان ئۇرۇق ئەزالىرى يەرگە نۇرغۇن قوزۇق قېقىپ، ئاندىن ئۈستىگە ياغاچلارنى كىرىشتۈرۈپ تىزىپ ئۆي سالغان. يەر يۈزىدىن كۆتۈرۈپ ئېگىز قىلىپ ياسالغان بۇ خىل ئۆي «سالاسۇنلۇق ئۆي» دەپ ئاتالغان. خېمۇدۇلۇقلار خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىدىكى بەنپولۇقلارغا ئوخشاش تېرىق، سۆك قاتارلىق دانلىق زىرائەتلەرنى تېرىماستىن، كەڭ كۆلەمدە شال تېرىپ، جۇڭگونى دۇنيا بويىچە شالنى ئەڭ بالدۇر ئۆستۈرگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان. ئۇلارمۇ بەنپولۇقلارغا ئوخشاش چوشقا، ئىت، كالا قاتارلىقلارنى كۆندۈرۈپ ئۆي ھايۋانلىرىغا ئايلاندۇرغان. ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى جەھەتتە تاش - قوراللارنى ئىشلىتىپلا قالماي، يەنە كۆپىنچە سۆڭەكتىن ياسالغان قوراللارنى ئىشلەتكەن. ساپال قاچىلاردىن قارا ساپال قاچىلارنى پىشۇرۇپ ياسىغان. تەرەققىيات سەۋىيىسى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىدىكى ياڭشاۋ مەدەنىيىتىدىن تۆۋەن ئەمەس ئىدى. ياڭشاۋ مەدەنىيىتىگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە خېمۇدۇ مەدەنىيىتىنىڭ بايقىلىشى چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭمۇ خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىغا ئوخشاش جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ ئوچىقى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.