UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودا ئۆتكەن سۇلالىلەرداۋېنكۇ مەدەنىيىتى

داۋېنكۇ مەدەنىيىتى

جۇڭگودا ئۆتكەن سۇلالىلەر ئارخېئولوگلار بەزى مەدەنىيەت خارابىلىرىدىن مۇنداق ئەھۋالنى بايقىدى: قەبرىدىكى ئەر پۇت - قولىنى سوزۇپ ئوڭدىسىغا ياتقان، يېنىدا بىر ئايال پۇت - قولىنى تۈگۈپ ئەرگە قاراپ ياتقان. بۇ خىل ئەھۋال: ئەينى ۋاقىتتىكى جەمئىيەتتە بىر ئەر، بىر خوتۇنلۇق نىكاھ تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى، ئەرلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەر - ئايالنى قوشۇپ دەپنە قىلىش بۇنىڭدىن4 -5 مىڭ يىللار ئىلگىرىكى ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق جامائەسىنىڭ ئىزناسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ تەيئەن ناھىيىسىدىكى داۋېنكۇ خارابىسى ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولغاچقا، ئومۇملاشتۇرۇلۇپ داۋېنكۇ مەدەنىيىتى دەپ ئاتالغان. داۋېنكۇ مەدەنىيىتى دەۋرىدە يۇقىرىدىكىدەك ھادىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىي ئىش ئەمەس. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەسلىدە ئاياللار ئۈستىگە ئالىدىغان ئىپتىدائىي دېھقانچىلىق ۋە باقمىچىلىق ئەمگىكى ئەرلەرنىڭ ئاساسلىق ئىشىغا ئايلىنىپ، ئەرلەر ئۇرۇقداشلىق چوڭ ئائىلىسىدىكى ئاساسلىق ئەمگەك كۈچى بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن، كىشىلەر ئەمدى ئەرلەرنى «ياتلىق قىلىش» نى خالىماي، باشقا بىر ئۇرۇقنىڭ قىزىنى ئېلىپ كىرىدىغان بولغان. ئەرلەر ئىقتىسادىي ھوقۇقنى تەدرىجىي ئىگىلىگەن، شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنىمۇ تەدرىجىي قولغا كەلتۈرگەن، ئاياللار پەقەت ئەرلەرگە بويسۇنغان، ھەتتا ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئەرلەرگە بېقىندۇرۇلغان. ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق جامائەسىنىڭ ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق جامائەسىنىڭ ئورنىنى ئېلىشى زور تارىخىي ئىلگىرىلەش، ئۇ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۇچقاندەك يۈكسەلدۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىمۇ زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى. داۋېنكۇ مەدەنىيىتى خارابىسىدىكى زىرائەت قاسىراقلىرى، زىرائەت دانلىرى، ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ سۆڭەكلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى ئاشلىقلاردىن مول ھوسۇل ئېلىنغان، ھەر خىل مال - چارۋىلار كۈندىن - كۈنگە ئاينىغان مەنزىرىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. قېزىۋېلىنغان تۈرلۈك يېڭىچە ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى، مەسىلەن، قاقاس يەرلەرنى ئېچىشتا ئىشلىتىلگەن چوڭ ھەم قېلىن تاش پالتا، يەر ئاغدۇرۇشتا ئىشلىتىلگەن نېپىز، ئۆتكۈر تاش ئوتىغۇچ، تۆشۈك تېشىپ ياغاچ ساپ بېكىتىلگەن يېرىم ئاي شەكىللىك تاش پىچاق، ئورغاق، بۇغا مۈڭگۈزىدىن ياسالغان ئوتىغۇچ قاتارلىقلار دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قېزىۋېلىنغان قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى ئىچىدىكى تۇخۇم شاكىلىدەك نېپىز قارا ساپال قاچا ۋە قاشتاش، كەھرىۋا، پىل چىشىدىن ئويۇپ ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلار ئەينى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ بىر قىسىم ئەمگەك كۈچىنى ئاجرىتىپ ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىغانلىقى ۋە گۈزەللەشتۈرگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. داۋېنكۇدىكى قەبرىلەردىن يەنە ھەمدەپنە بۇيۇمى قىلىنغان كۆپلىگەن چوشقا بېشى، چوشقىنىڭ ئاستىنقى جاغ سۆڭىكى قېزىۋېلىندى. بۇ ھەمدەپنە بۇيۇملار ئۆلگۈچىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى مال - مۈلكىنىڭ ئاز - كۆپلۈكىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، ھەمدەپنە بۇيۇملىرى قانچە كۆپ بولسا، ئۆلگۈچىنىڭ ھايات ۋاقتىدا شۇنچە باي - باياشات ئۆتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ھەمدەپنە بۇيۇملار ئەڭ كۆپ بولغاندا180 نەچچە پارچىغا يەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە زور مىقداردا چوشقا بېشى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە قاشتېشى بۇيۇملار، نەقىشلەنگەن پىل چىشى بۇيۇملىرى، قەدەھ قاتارلىقلارمۇ بار. بەزى قەبرىلەرگە پەقەت بىرنەچچە تال قوپال ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىلا ھەمدەپنە قىلىنغان، ھەتتا بەزىلىرىدە بىر تالمۇ ھەمدەپنە بۇيۇمى يوق. بۇ، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە باي - كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ ئاللىقاچان بارلىققا كەلگەنلىكىنى، ئۇزاققا سوزۇلغان ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ يىمىرىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى، كىشىنى كىشى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان جەمئىيەت − سىنىپىي جەمئىيەتنىڭ بارلىققا كېلەي دەپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودا ئۆتكەن سۇلالىلەر