جىن ئىمپېرىيىسى
جۇڭگودا ئۆتكەن سۇلالىلەر
مىلادىيە265 - يىلى سىما يىنىڭ نەۋرىسى سىما يەن ۋېي ھاكىمىيىتىنى تارتىۋېلىپ، جىن ئىمپېرىيىسىنى قۇردى، بۇ سۇلالە لوياڭنى پايتەخت قىلىپ، تارىختا غەربىي جىن سۇلالىسى دەپ ئاتالدى. غەربىي جىن سۇلالىسى مىلادىيە280 - يىلى ۋۇ پادىشاھلىقىنى يوقىتىپ پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىن بۇيانقى90 يىللىق بۆلۈنمىچىلىك ۋەزىيىتىگە خاتىمە بەردى. غەربىي جىن سۇلالىسى مىلادىيە316 - يىلى مۇنقەرز بولدى،52 يىل مەۋجۇت بولۇپ، تۆت پادىشاھ دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى.
جىن ۋۇدى − سىما يەن ۋۇ پادىشاھلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىنلا، يەر ئىگىلەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، دېھقانلارنىڭ قانۇن بويىچە يەر ئىگىلىسە بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى. بۇ بىر تۈرلۈك يېڭى يەر تۈزۈمى بولۇپ، ئىجتىمائىي ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە دېھقانلار تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا مەلۇم دەرىجىدە پايدىلىق ئىدى. شۇڭلاشقا، غەربىي جىن سۇلالىسى پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىنكى بىرنەچچە يىلدا جەمئىيەت بىرقەدەر مۇقىم بولۇپ، نوپۇس كۆپەيدى. بىراق ياخشى كۈنلەر ئۇزاققا بارمىدى، ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۈرەش ئۈزۈلمىگەچكە، دۆلەت ناھايىتى تېزلا زاۋاللىققا يۈز تۇتتى.
غەربىي جىن سۇلالىسى سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، پادىشاھ جەمەتىدىكى27 ئاقسۆڭەككە بەگ مەرتىۋىسى بەردى، بۇ بەگلەر بىر پارچە يەرنى باشقۇرۇپلا قالماي، يەنە لەشكىرىي قوشۇنغا ئىگە ئىدى، ئەمەلدارلارنى ئۆزلىرى تەيىنلەيتتى ۋە ئەمەلدىن قالدۇراتتى. شۇنداق قىلىپ، بەزى بەگلەر بارا - بارا بۆلۈنمە كۈچ بولۇپ شەكىللەندى. جىن خۇيدى زامانىسىدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سەككىز بەگ مەركىزىي ھاكىميەتنى تالىشىپ،16 يىلغا سوزۇلغان قالايمىقان ئۇرۇش ئېلىپ باردى، بۇ تارىختا «سەككىز بەگ يېغىلىقى» دەپ ئاتالدى. كۆپ يىللىق يېغىلىقلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خەلقىگە ئېغىر بالايىئاپەت ئېلىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يەنە غەربىي جىن سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتتى.
غەربىي جىن سۇلالىسىنىڭ ئاجىزلىشىشى ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن ئېسىلزادە چوڭ پومېشچىكلارنىڭ چرىكلىشىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. بۇ ئېسىلزادە پومېشچىكلارنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەلدار بولىدىغان سىياسىي ئىمتىيازى بار ئىدى، ئىقتىسادىي جەھەتتە تۈرلۈك تەمىناتلاردىن بەھرىمەن بولاتتى، تۇرمۇشى ئىنتايىن چىرىك، ھەشەمەتلىك بولۇپ، كەيپ - ساپا، ئەيش - ئىشرەت ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ئالايلۇق، جىن ۋۇدى − سىما يەننىڭ كۈيئوغلى ۋاڭ جى ئادەم سۈتى بىلەن چوشقا كۈچۈكىنى باققانلىقى ئۈچۈن، چوشقىنىڭ گۆشى ئىنتايىن تەملىك بولغاچقا، جىن ۋۇدىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن. بۇ ئېسىلزادە بيۇروكرات تۆرىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن، پۇقرالارنى دەھشەتلىك ئېكسپىلاتاتسىيە قىلدى.4 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، ئاخىر ھەر مىللەت خەلقىنىڭ غەربىي جىن سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭى پارتلىدى.
شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپ غەربىي شىمالىي چېگرا رايونلاردىكى ھونلار، سىيانپىيلار، كېشلار، دىلار، چاڭلار قاتارلىق مىللەتلەر ئارقا - ئارقىدىن ئىچكىرىگە كۆچۈپ ئولتۇراقلاشتى. مىلادىيە304 - يىلى، ھون ئاقسۆڭىكى ليۇ يۈەن لىشى (ھازىر سەنشىگە تەۋە) دا جىن سۇلالىسىگە قارشى لەشكەر تارتىپ، بۆلۈنمە ھاكىمىيەت قۇرۇپ، خەن پادىشاھلىقى دەپ ئاتالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىچۇەنگە ئېقىپ كىرگەن سەرگەردان خەلق لى شيۇڭنىڭ رەھبەرلىكىدە چېڭدۇنى ھۇجۇم بىلەن ئىگىلەپ، مىلادىيە304 - يىلى چېڭخەن ھاكىمىيىتىنى قۇردى. سەككىز بەگ يېغىلىقى بېسىقماي تۇرۇپلا، ئىككى بۆلۈنمە ھاكىمىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن، غەربىي جىن سۇلالىسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىلدى.
مىلادىيە311 - يىلى، ھونلارنىڭ ليۇ جەمەتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان خەن پادىشاھلىقى لەشكەرلىرى غەربىي جىن سۇلالىسىنىڭ پايتەختى لوياڭنى ئىگىلەپ، غەربىي جىن سۇلالىسىنىڭ بەگ، تۆرە، ئاقسۆڭەكلىرىدىن بولۇپ30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى قەتل قىلدى، جىن خۇەيدى ئەسىرگە چۈشتى. جىن خۇەيدىنىڭ يىلنامىسى يۇڭجيا بولغاچقا، بۇ دەۋردىكى مالىمانچىلىق تارىختا «يۇڭجيا مالىمانچىلىقى» دەپ ئاتالدى. لوياڭ قولدىن كەتكەندىن كېيىن، سىما يې (جىن مىندى) چاڭئەندە ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتىدى. مىلادىيە316 - يىلى، چاڭئەن يەنە ھون قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئىگىلەندى، جىن مىندى تەسلىم بولدى، غەربىي جىن سۇلالىسى مۇنقەرز بولدى.