UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگوچە جانىۋارلارنەزملەر

نەزملەر

جۇڭگوچە ژانىرلار نەزم (词 ic) مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىنىدىغان شېئىر، شۇڭا ئۇنىڭ كۈي نەزملىرى، ئارىلاش نەغمە، يۆفۇ دېگەندەك باشقا ناملىرىمۇ بار. ئۇنىڭ مىسرالىرى ئۇزۇن - قىسقا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاھاڭى گارمونىيىلىك، دولقۇنسىمان بولۇپ، مۇزىكىلىق گۈزەللىككە ئىگە. شەكىل جەھەتتە، نەزملەردە كۈينىڭ ئېنىق شەكلى بولۇش، مىسرالىرىنىڭ ئېنىق سانى بولۇش، خەتلىرىنىڭ ئېنىق تونى بولۇش، قۇرۇلمىسىدا دائىرە بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. نەزملەرنىڭ نۇرغۇن تۈرى بولۇپ، ھەربىر تۈرىنىڭ ئېنىق نامى بار، ئۇ نەزم تۈرى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، «شىجياڭيۆ، مەنجياڭخۇڭ، رۇمىڭلىڭ» دېگەندەك، نەزم ناملىرى دەسلەپتە نەزمنىڭ مەزمۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. كېيىنچە كىشىلەر نەزم تۈرلىرىگە نەزم يېزىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ نەزم مەزمۇنى بىلەن باغلىنىشىغا ئېتىبار بەرمەيدىغان بولدى. ئوخشاش بىر «مەنجياڭخۇڭ» دا يۆ فېي ئۆزىنىڭ مەردانە جاسارىتىنى، تاشقى دۈشمەنلەرنى قىرىش غەيرىتىنى ئىپادىلىگەن بولسا، سۇ شى دوستىنى سېغىنىش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن. شۇنداقتىمۇ نەزم تۈرلىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كەسىپ ئەھلىلىرى ئۇلارنى تاللاپ ئىشلىتىدۇ. ھەربىر نەزم تۈرىگە چۈشىدىغان كۈينىڭ ئېنىق بەلگىلىمىسى بولىدۇ. خۇددى ئەل ئارىسىدىكى ياڭگېر نەغمىلىرىگە ئوخشاش، ئۇنى ھەرقانچە ئۆزگەرتىپ ئېيتقان تەقدىردىمۇ، ئاھاڭنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ھەر خىل نەزم تۈرلىرىنىڭ ھەر خىل شەكلى بولىدۇ، ھەربىر شەكىلنىڭ مىسرا، خەت سانى ھەققىدە بەلگىلىمە بار. مەسىلەن، «پۇسامەن»44 خەت، «رۇمىڭلىڭ» 30خەت، «ۋەنشىشا» 42 خەت بولىدۇ ۋە باشقىلار. بەزىلەر نەزملەرنى خەت سانىغا قاراپ قىسقا، ئوتتۇرا، ئۇزۇن دەپ ئۈچ خىلغا بۆلىدۇ.58 خەتتىن قىسقىلىرى قىسقا نەزم،59 خەتتىن90 خەتكىچە بولغانلىرى ئوتتۇرا نەزم،91 خەتتىن ئۇزۇنلىرى ئۇزۇن نەزم بولىدۇ. بۇ ئومۇمىي جەھەتتىن بۆلۈش ئۇسۇلى، ئۇنىڭغا باغلىنىپ قېلىشقا بولمايدۇ. نەزم سۈي - تاڭ دەۋرلىرىدە ئەۋچ ئېلىپ، سۇڭ دەۋرىدە يۇقىرى پەللىگە يەتكەن، شۇ چاغلاردا سۇشى، لى چىڭجاۋ، شىن چىجىغا ئوخشاش داڭلىق نەزمچىلەر بارلىققا كەلگەن. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن بارا - بارا زاۋاللىققا يۈز تۇتقان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە نەزملەر مۇزىكىدىن ئايرىلىپ، ئەدىبلەر ئۆزىنى بەزلەيدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان. ئاھاڭغا سېلىنىپ ئېيتىلىدىغانلىرى كەمدىن - كەم ئىدى. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە نەزملەر يەنە باش كۆتۈرۈپ، نۇرغۇن ئېقىملار بارلىققا كەلگەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگوچە جانىۋارلار
نەزملەر | UyghurWiki | UyghurWiki