قەدىمكى شېئىرلار
جۇڭگوچە ژانىرلار
ئېلىمىز شېئىرىيىتىنىڭ تارىخى ئۇزاق، تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «نەزمنامە» دىن باشلاپ ھېسابلىغاندا3 مىڭ يىلدىن ئاشىدۇ. بىراق، قەدىمكى شېئىرلار ژانىر جەھەتتىن قەدىمكى ئۇسلۇبتىكى شېئىرلار ۋە يېقىنقى زامان ئۇسلۇبىدىكى شېئىرلار دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ.
قەدىمكى ئۇسلۇبتىكى شېئىرلار تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن بۇرۇنقى شېئىر شەكىللىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ تۆت سۆزلۈك، بەش سۆزلۈك، ئالتە سۆزلۈك، يەتتە سۆزلۈك بولىدۇ، ئومۇمەن قاپىيىلىنىدۇ، تونغا ئەھمىيەت بېرىلمەيدۇ، مىسراسى چەكلەنمەيدۇ، يېقىنقى زامان ئۇسلۇبىدىكى شېئىرلار سۈي - تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن يېڭى شېئىر شەكىللىرىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ تۆتلۈك ۋە سەككىزلىك دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. ھەر مىسراسى بەش سۆزلۈك ياكى يەتتە سۆزلۈك بولىدۇ، تونغا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. سەككىزلىكتە يەنە جۈپلەشكە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. مىسرا سانىغا چەك قويۇلىدۇ. قۇرۇلمىسى رەتلىك بولۇش، قاپىيىگە ئەھمىيەت بېرىش ئېلىمىز قەدىمكى شېئىرلىرىنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكىدۇر.
ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى شېئىرلىرىدا بەش سۆزلۈك، يەتتە سۆزلۈك ئاساس قىلىنىدۇ. سۆز سانى كۆپ بولمىسىمۇ، ھەر مىسراسى مۇرەككەپ مەنىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ. تېخى جەنۇبىي سۇلالىلەر دەۋرىدە كىشىلەر خەنزۇچە خەتلەردە تۆت تون بولىدىغانلىقىنى بايقىغان، ھەر مىسرادا تونلار قانۇنىيەتلىك گىرەلىشىپ، ماسلاشقان يېقىملىق رىتىم شەكىللەندۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، تاڭ دەۋرىدىكى شېئىرلار قەدىمكى ئۇسلۇبتىكى شېئىرلارغا ئوخشاشمايدىغان نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان:
ئۇنىڭدا مىسرالارنىڭ سانى مۇقىم، قاپىيىلەرنىڭ ئورنى مۇقىم، خەتلەرنىڭ تونى مۇقىم، باغلىنىشتا جۈپلەش مۇقىم بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
ئەسلىدە قەدىمكى ئۇسلۇبتىكى شېئىرلارنىڭ خەتلىرى رەتلىك بولسىمۇ، مىسرا سانىغا چەك قويۇلمايتتى، ئاز بولسىمۇ، كۆپ بولسىمۇ بولۇۋېرەتتى. يېقىنقى زامان ئۇسلۇبىدىكى شېئىرلاردا ئېنىق بەلگىلىمە بولۇپ، تۆتلۈكلەردە4 مىسرا، سەككىزلىكلەردە8 مىسرا بولۇشى كېرەك، لېكىن قىستۇرما مىسرالاردا بۇ چەك بولمايدۇ.
يېقىنقى زامان ئۇسلۇبىدىكى شېئىرلارنىڭ قاپىيىسىنىڭ ئورنى مۇقىم بولىدۇ. سەككىزلىكتە جۈپ مىسرالارنىڭ ئاخىرقى خېتى چوقۇم قاپىيىلىنىشى ھەمدە ئاخىرغىچە شۇ قاپىيىدە داۋاملىشىشى كېرەك، ئوتتۇرىدا قاپىيە ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ، ئادەتتە بىرىنچى توندىلا قاپىيىلىنىدۇ، قوشنا مىسرالار ئارىلاش قاپىيىلەنسىمۇ بولىدۇ، ئوتتۇرىدىكى ئىككى مىسرا چوقۇم جۈپلەش ھاسىل قىلىشى كېرەك. تۆتلۈكلەر سەككىزلىكلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇنىڭ قاپىيىلەش تەلىپى سەككىزلىككە ئاساسەن ئوخشايدۇ، لېكىن تۆتلۈكلەرنىڭ ئىككىنچى، ئۈچىنچى، تۆتىنچى تونلاردا قاپىيىلىنىدىغانلىرىمۇ بار. سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندە، قەدىمكى ئۇسلۇبتىكى شېئىرلارنىڭ قاپىيىلەش تەلىپى كەڭرەك، بىرىنچى توندا قاپىيىلىنىدىغانلىرىمۇ، قالغان تونلاردا قاپىيىلىنىدىغانلىرىمۇ بار، بىر قاپىيە ئاخىرغىچە داۋاملىشىدىغانلىرىمۇ، ئوتتۇرىدا قاپىيە ئالمىشىدىغانلىرىمۇ بار، مىسرالىرىمۇ گاھ ئۇزۇن، گاھ قىسقا بولۇۋېرىدۇ.
يېقىنقى زامان ئۇسلۇبىدىكى شېئىرلاردا ھەرقايسى خەتلەرنىڭ تونلىرى ئاساسەن مۇقىم بولۇپ، گىرەلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، شېئىر يارقىن مۇزىكىدارلىققا ئىگە قىلىنىدۇ. بۇ، يېقىنقى زامان ئۇسلۇبىدىكى شېئىرلارنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى.