UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگوچە جانىۋارلارتاڭ - سۇڭ قىسسىلىرى

تاڭ - سۇڭ قىسسىلىرى

جۇڭگوچە ژانىرلار ھېكايە - رومان ژانىرى جىن سۇلالىسى دەۋرىدىلا دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولغان، تاڭ دەۋرىگە كەلگەندە، يازغۇچىلارمۇ، ئەسەرلەرمۇ كۆپەيگەن، پەقەت ئۇ چاغدا «ھېكايە - رومان» دېيىلمەي، «قىسسە» دېيىلەتتى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن فېي شىڭ سىرلىق ئەزىمەتلەرگە دائىر نۇرغۇن قىسسىلەرنى يازغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى «قۇرۇم (كۇئېنلۇن) قۇلى» دا ماھارەتتە كامالەتكە يەتكەن قۇرۇم قۇلى مۇلې زوراۋانلاردىن قورقماي، باشقىلارنىڭ ئازاب دېڭىزىدىن قۇتۇلۇپ، بەختلىك ئائىلە قۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ؛ «نيې يىننياڭ» دا تامدىن تامغا ئۇچۇپ يۈرىدىغان بىر ئايال ئەزىمەت خوجايىننى غەمدىن خالاس قىلىش يولىدا كارامەت ئىشلارنى قىلىدۇ. فېي شىڭ بۇ ھېكايىلەرنى توپلاپ «قىسسىلەر» دەپ ئات قويغان، بۇ قىسسىلەر جەمئىيەتتە زور شۆھرەت قازانغان. ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن يازغۇچىلار جىن - ئالۋاستىلارنى يوقىتىپ، ئەلگە ئەمىنلىك ئېلىپ كەلگەن مەردلەرنى تەسۋىرلەپ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى رام قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، «قىسسە» ئەينى چاغلاردا ھېكايە ژانىرىنىڭ نامى ئورنىدا قوللىنىلغان. قىسسىلەرنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى «ۋەقەلىكىنىڭ ئاجايىپ - غارايىپلىقى». يازغۇچى قىسسىلەرنىڭ ئاجايىپ ۋەقەلىكى ۋە خىلمۇخىل پېرسوناژلار تەسۋىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى رەزىل ھادىسىلەرگە بولغان نارازىلىقى ۋە غەزىپىنى بايان قىلىدۇ، شۇنىڭدەك گۈزەل شەيئىلەر ھەققىدىكى ئارزۇ - ئىستەكلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. تېما جەھەتتىن قارىغاندا، تاڭ سۇلالىسى قىسسىلىرىدە جىن - ئالۋاستىلار، مۇھەببەت، تارىخ، مەرد - ئەزىمەتلىك قاتارلىق خىلمۇخىل ۋەقەلىكلەر تەسۋىرلەنسىمۇ، رېئال تۇرمۇشتىن ماتېرىيال ئېلىنغان ئەسەرلەر يەنىلا كۆپ. ئىجادىيەت ئۇسۇلى جەھەتتىن قارىغاندا، تاڭ سۇلالىسى قىسسىلىرىنىڭ ئاپتورلىرى رېئالىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا باشلىغان، تاڭ دەۋرىدىكى رېئال تۇرمۇشنى مەقسەتلىك ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، باش تېمىسى خېلى چوڭقۇر. بەزى ئەسەرلەردە تۇرمۇشنى ئومۇملاشتۇرۇشقا، مەركەزلەشتۈرۈشكە دىققەت قىلىنغان ۋە تىپىكلەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولۇپ، پېرسوناژلار ئوبرازى بىرقەدەر روشەن، جانلىق، يەنە بەزىلىرىدە سۇژىت قۇرۇلمىسىنىڭ باش - ئاخىرى مۇكەممەل، تىلدىن ماھىرلىق بىلەن جانلىق پايدىلىنىلغان. تاڭ دەۋرى قىسسىلىرى ئېلىمىزنىڭ كلاسسىك ھېكايىچىلىقىنىڭ يىرىكلىكتىن نەپىسلىككە ئۆتۈشىدىكى مۇھىم باسقۇچ بولۇپ، ئەدەبىيات تارىخىدا مۇئەييەن ئورۇنغا ئىگە. تاڭ دەۋرى قىسسىلىرىنىڭ مۇھىملىرىدىن ۋاڭ دۇنىڭ «كونا ئەينەك»، جاڭ جۇنىڭ «ئالۋاستىلار غارىغا زىيارەت»، شېن جىجىنىڭ «ياستۇق ئىچىدە»، لى گۇڭزونىڭ «نەنكې ۋالىي قىسسىسى»، دۇ گۇاڭتىڭنىڭ «ئەجدىھا ساقاللىق ئەزىمەت»، لى چاۋۋېينىڭ «ليۇيى قىسسىسى»، بەي شىڭجيەننىڭ «لى ۋا قىسسىسى»، يۈەن جېننىڭ «تورغاي قىسسىسى»، نيۇ سېڭرۇنىڭ «سېھىرگەر»، لى فۇيەننىڭ «سېھىرگەرنىڭ داۋامى» قاتارلىقلار بار. سۇڭ دەۋرى قىسسىلىرى تاڭ دەۋرى قىسسىلىرىنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىدە تەرەققىي قىلغان. بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇتاشلىق بار. شۇڭا، كىشىلەر تاڭ - سۇڭ دەۋرلىرىدىكى ھېكايىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ «تاڭ - سۇڭ قىسسىلىرى» دەپ ئاتىشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگوچە جانىۋارلار