UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگوچە جانىۋارلاربيەنۋېن

بيەنۋېن

جۇڭگوچە ژانىرلار كۇەيبەن (تېز ئېيتىلىدىغان قوشاق)، قىسسە، دۇمباق نەزمىسى، داستان قاتارلىق مەدداھلىق ئەدەبىياتلىرىنىڭ ھەممىسى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بيەنۋېن (文变) نى مەنبە قىلغان. بيەنۋېن بۇددا دىنىنى تارقىتىش مەقسىتىدە بارلىققا كەلگەن. بۇددا نوملىرىدا نەسر بىلەن نەزم بىرلەشكەن بولۇپ، نەسر قىسمىنى سۆزلەشكە، نەزم قىسمىنى ئاھاڭغا سېلىپ ئېيتىشقا بولىدۇ. تاڭ راھىبلىرى بۇددا نوملىرىدىكى ئاجايىپ - غارايىپ ھېكايىلەرنى سۆزلەش بىلەن ئېيتىشنى بىرلەشتۈرۈپ ئاممىغا بۇددا دىنىنى تەشۋىق قىلاتتى، سۆزلەش جەريانىدا رەسىملەرنىمۇ كۆرسىتەتتى. ھېكايە سۆزلەشتە ئاساسلىنىدىغان تېكىستلەر «بيەنۋېن» دېيىلەتتى. بيەنۋېنلەر دەسلەپ راھىبلارنىڭ بۇددا دىنىنى تەشۋىق قىلىشىدا ئاساس قىلىنغان، كېيىنچىرەك تارىخىي رىۋايەتلەر ۋە تۇرمۇش ھېكايىلىرىنى سۆزلەشكە كېڭەيگەن. شۇنىڭ بىلەن بارا - بارا مۇستەقىل ئەدەبىي ژانىر بولۇپ شەكىللەنگەن. مۇنداق ئەدەبىي ژانىردا گەپمۇ بار، ناخشىمۇ بار، گەپ بىلەن ناخشا بىرلەشكەن بولۇپ، تىلى ئاددىي، ئېغىز تىلىغا يېقىن، ئەدەبىي تۈسى قويۇق بولغاچقا، ئۇ ئاممىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. ئەمما، فېئودال ئەدىبلەر ئۇنى كۆرەلمەيتتى، ھەتتا سۇڭ سۇلالىسىنىڭ جېنزۇڭ پادىشاھى جاۋ خېڭ پەرمان جاكارلاپ، بيەنۋېن سۆزلەشنى چەكلىگەن. شۇڭا، سۇڭ دەۋرىدە بيەنۋېنلەر يوقالغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈي يىللىرىغا كەلگەندە، دۇنخۇاڭ غارلىرىدىن ساقلىنىپ قالغان بەزى بيەنۋېن ئەسەرلىرى بايقالغان. دۇنخۇاڭ بيەنۋېنلىرى مەزمۇن جەھەتتىن ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بىر تۈرى بۇددا نوم ھېكايىلىرى سۆزلىنىدىغانلىرى بولۇپ، بۇددا دىنىي ئەقىدىلىرى ۋە فېئوداللىق ئەخلاق قاراشلىرى تەشۋىق قىلىنغان. يەنە بىر تۈرى خەلق بيەنۋېنلىرى بولۇپ، تارىخىي ھېكايىلەر سۆزلەنگەن. مەسىلەن، «ۋۇ زېشۈي»، «ۋاڭ جاۋجۈن» قاتارلىق بيەنۋېنلەردە تارىخىي شەخسلەرنىڭ قىسمەتلىرى ئارقىلىق ھۆكۈمرانلارنىڭ رەھىمسىزلىكى پاش قىلىنغان؛ خەلق رىۋايەتلىرى سۆزلىنىدىغانلىرىمۇ بار، مەسىلەن، «مېڭ جياڭنۈ» دە قەيسەر مېڭ جياڭنۈنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش روھى مەدھىيىلەنگەن، ئىدىيىۋىلىكى ناھايىتى روشەن؛ يەنە زور ئىجتىمائىي ۋەقەلەر سۆزلىنىدىغانلىرىمۇ بار. مەسىلەن، «جاڭ يىچاۋ، جاڭ خۇەيشېن» لەردە ئەينى چاغدىكى خەلقنىڭ يات مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى كۈرەشلىرى مەدھىيىلىنىپ، باش قەھرىمانلارنىڭ ساداقەتمەنلىكى ۋە پەم - پاراسىتىگە ئاپىرىن ئوقۇلغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگوچە جانىۋارلار