UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگوچە جانىۋارلارسەنچۈي تىياتىرى

سەنچۈي تىياتىرى

جۇڭگوچە ژانىرلار سەنچۈي (曲散) تىياتىرى يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە زاجۈيلەر بىلەن بىر ۋاقىتتا بارلىققا كەلگەن، بۇ ئىككىسىنىڭ رولى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ، زاجۈي تىياتىرىدا ۋەقەلىكنى بايان قىلىش ئاساس قىلىنىدۇ؛ سەنچۈي تىياتىرىدا ھېسسىياتنى ئىزھار قىلىش ئاساس قىلىنىدۇ؛ زاجۈي ئەسەرلىرى سەھنىدە ئوينىلىدۇ؛ سەنچۈي ئەسەرلىرىنى كىشىلەر ناخشا قىلىپ ئېيتىدۇ ياكى دېكلاماتسىيە قىلىدۇ. شۇڭا، بەزىلەر بۇ ئىككىسىنى ئاچا - سىڭىل سەنئەت دەپ قارايدۇ. سەنچۈيلەر نەزمدىن تەرەققىي قىلغان. نەزم جىن - يۈەن سۇلالىلىرى دەۋرىدە «خەلق ناخشا - قوشاقلىرى» دىن ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇزىكىلىرىدىن ئوزۇق ئېلىپ سەنچۈي دەپ ئاتىلىدىغان ئەدەبىي ژانىرغا تەرەققىي قىلغان. سەنچۈيلەردىمۇ خۇددى نەزمگە ئوخشاش، كۈي نامى ۋە رىتىم بويىچە يېزىلىشى، لېكىن بەلگىلەنگەن خەت سانىدىن سىرت يەنە بەزى قوشۇمچە قىستۇرما سۆزلەرنى قوشۇپ، مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ئېيتىشقا ماسلاشتۇرۇلۇشى كېرەك. سەنچۈيلەرنىڭ تىلى جانلىق ۋە ئەركىن، ئېغىز تىلىغا يېقىن بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگوچە جانىۋارلار
سەنچۈي تىياتىرى | UyghurWiki | UyghurWiki