UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگوچە جانىۋارلارزاجۈي تىياتىرى

زاجۈي تىياتىرى

جۇڭگوچە ژانىرلار زاجۈي (剧杂) ئېلىمىزنىڭ كلاسسىك درامىلىرى ئىچىدە مۇكەممەل دراما شەكلىگە ئىگە تىياتىر ھېسابلىنىدۇ. بۇ ساھەدە نۇرغۇن مۇنەۋۋەر يازغۇچىلار ۋە نادىر سەھنە ئەسەرلىرى بارلىققا كەلگەن. مەسىلەن، گۇەن خەنچىڭنىڭ «دۇئېنىڭ ئۇۋال دېلوسى»، ۋاڭ شىفۇنىڭ «غەربىي ھۇجرىدىكى مۇھەببەت» قاتارلىقلار. زاجۈي تىياتىرى يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە بارلىققا كېلىپ، ئېلىمىزنىڭ شىمالىدا كەڭ تارالغان. زاجۈي تىياتىرى قۇرۇلما جەھەتتە ئادەتتە تۆت پەردىگە بۆلۈنىدۇ. ھەربىر پەردە مۇزىكا كىرىشتۈرۈلگەن بىرلىك، شۇنىڭدەك درامىنىڭ نىسبەتەن چوڭ بىر بۆلىكى ھېسابلىنىدۇ. تۆت پەردە بىرلىشىپ مۇكەممەل بىر ھېكايىنى تەشكىل قىلىدۇ، بۇ دراما ۋەقەلىكىنىڭ باشلىنىش، راۋاج، كولمىناتسىيە ۋە يېشىمىدىن تەركىب تېپىش تەرتىپىگە ماس كېلىدۇ. بەزى زاجۈيلەردە بىرىنچى پەردىنىڭ ئالدىغا ياكى پەردە بىلەن پەردىنىڭ ئارىلىقىغا »شىنا« قېقىلىپ، ۋەقەلىكنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى چۈشەندۈرۈلىدۇ. يەنە بەش پەردە، ئالتە پەردىگە بۆلۈنگەن ئايرىم زاجۈيلەرمۇ بار. زاجۈيلەرنىڭ ئاخىرىدا ۋەقەلىك ئادەتتە ئىككى مىسرالىق، تۆت مىسرالىق ياكى سەككىز مىسرالىق شېئىر بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ، بۇ پۈتۈن درامىنىڭ مەزمۇنىنى ئومۇملاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. مۇزىكا ۋە ناخشا ئېيتىش شەكلى جەھەتتە، ھەربىر پەردىدە ئوخشاش بىر ئاھاڭدىكى بىرنەچچە ناخشا بولىدۇ، ناخشىنى باشتىن - ئاياغ بىرلا كىشى ئېيتىدۇ، قالغانلىرى ھەرىكەتلا قىلىدۇ ياكى گەپ قىلىدۇ. بەزى زاجۈيلەرنىڭ پېيسىلىرىدە «موبىن» ۋە «دەنبىن» دەپ ئەسكەرتىپ قويۇلىدۇ. «مو» (末) ئەر رولچىنى، «دەن» (旦) ئايال رولچىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، ئاساسىي ناخشىنى «موبىن» لەردە ئەر ئارتىس، «دەنبىن» لەردە ئايال ئارتىس ئېيتىدۇ. زاجۈي پېيسىلىرى غەزەل ۋە دىئالوگ - مونولوگلاردىن تەركىب تاپىدۇ، غەزەلدە ھېسسىيات ئىزھار قىلىنىدۇ، دىئالوگ - مونولوگلاردا ۋەقەلىك بايان قىلىنىدۇ، ئۇلارغا مۇزىكا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، دراما ۋەقەلىكىنى قانات يايدۇرۇش، پېرسوناژلارنىڭ بەدىئىي ئوبرازىنى يارىتىشقا ياردەم بېرىدۇ. زاجۈي تىياتىرى ئېلىمىزنىڭ ئەدەبىيات تارىخىدا ناھايىتى يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە. تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، ئىسىم فامىلىسىنى تەكشۈرۈپ تەھقىقلەش مۇمكىن بولغان زاجۈي يازغۇچىلىرى80 دىن، خاتىرىگە ئېلىنغان ئەسەرلەر500 دىن ئاشىدىكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغانلىرى150 تىن كۆپ ئىكەن. زاجۈي يازغۇچىلىرىدىن ئەڭ مۇھىملىرى: گۇەن خەنچىڭ، ۋاڭ شىفۇ، ما جىيۈەن، بەي پۇ، جېڭ گۇاڭزۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگوچە جانىۋارلار