نەنشى تىياتىرى
جۇڭگوچە ژانىرلار
نەنشى (戏南) ئېلىمىزنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى تىياتىر شەكلى. ھازىرغىچە900 يىللىق تارىخى بار، ئۇنى ئېلىمىزدىكى360 تىن ئارتۇق يەرلىك تىياتىرلار ئىچىدە يېشى ئەڭ چوڭى دېيىش مۇمكىن.
نەنشى تىياتىرلىرى كۆرۈنۈشلەرگە ئايرىلمايدۇ، مەيدان بىرلىك قىلىنىدۇ، تاكى تىياتىرنىڭ ئاخىرىغىچە بىر مەيدان يەنە بىر مەيدانغا ئۇلىنىپ كېلىدۇ، بۇ ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تىياتىرلىرى ئىچىدىكى ئۆزگىچە قۇرۇلما شەكلىدۇر. بىر مەيدان تىياتىردا ئاھاڭ بىرلا خىل بولمايدۇ، بىرلا خىل قاپىيە بىلەن چەكلەنمەيدۇ، سەھنىگە چىققان ئارتىسلارنىڭ ھەممىسى ناخشا ئېيتسا بولۇۋېرىدۇ، ئۆز ئالدىغا يالغۇز ئېيتسىمۇ، باشقىلارنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىسىمۇ، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ ئېيتسىمۇ بولۇۋېرىدۇ، سەھنە كەيپىياتى تولىمۇ جانلىق، قىزغىن بولۇپ، ئەگرى - توقاي ۋەقەلىك ۋە مۇرەككەپ ھېسسىياتنى ئىپادىلەشكە شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.
نەنشى تىياتىرى يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، مىڭ سۇلالىسىنىڭ بېشىغا كەلگەندە ئۆزىگە خاس ئەندىزە شەكىللەندۈرگەن: پەردە ئېچىلىشتىن بۇرۇن ئىككى ناخشا ئېيتىلىپ، ئاپتورنىڭ بۇ درامىنى يېزىش مۇددىئاسى چۈشەندۈرۈلىدۇ، ئاندىن ئارتىسلار سەھنىگە چىقىپ ھەر خىل ھېكايە ۋەقەلىكىنى ئورۇندايدۇ. ھەر مەيدان درامىدا مۇھىم پېرسوناژ سەھنىگە چىققاندىمۇ ئاۋۋال كىرىش سۆز ئورنىدا ناخشا ئېيتىدۇ، ئاندىن سەھنىگە چىقىش غەزىلىنى ئېيتىدۇ، مەيدان ئاخىرلاشقاندا شۇ مەيدانغا ئاتالغان شېئىر ئوقۇلىدۇ.
نەنشى تىياتىرىنىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن «ئەلىيۇلئەلا جاڭ شىيې»، «ئورنىنى تاپمىغان مەنسەپدار بالىسى» قاتارلىقلار بار، بۇلار ئېلىمىزنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى نەنشى سەھنە ئەسەرلىرىدۇر. تەسىرى ئەڭ چوڭلىرى يۈەن - مىڭ دەۋرلىرىدىكى «بەرباب خاتىرىسى» دۇر. ئۇنىڭدىن باشقا بىرقەدەر داڭلىق بولغانلىرىدىن يەنە «چاچ قىسقۇچ»، «ئاق توشقان»، «ئاي شىپاڭى»، «ئىت ئۆلتۈرۈش» قاتارلىق تۆت سەھنە ئەسىرى بار. بۇ ئەسەرلەردىكى نۇرغۇن ئېپىزوتلار كېيىنكىلەر تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلىپ پىششىقلىنىپ، سىلىقلىنىپ، ھازىرغىچە ئوينالماقتا.