UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگوچە جانىۋارلارفۇ

فۇ

جۇڭگوچە ژانىرلار فۇ (赋) − ئېلىمىز ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئالاھىدە بىر ژانىر. ئۇ ھەم شېئىرغا، ھەم نەسرگە ئوخشايدۇ. قاپىيىلىك بولغاچقا شېئىرغا، مىسرالىرى ئەركىن بولغاچقا نەسرگە ئوخشاپ كېتىدۇ. مىسرالىرى شېئىرغا ئوخشاش ئانچىۋالا تاۋلىنىپ كەتمەيدۇ. ئۇ خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى بەش خەتلىك شېئىرلار مەيدانغا كېلىشتىن ئىلگىرى، ئىككى خەن دەۋرىدىكى تۆت يۈز يىللار جەريانىدا ئەدىبلەرنىڭ ئاساسىي ئەدەبىي ئىجادىيەت شەكلى بولغانلىقتىن، «خەن فۇلىرى» دەپ ئاتالغان. فۇ يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدا بارلىققا كېلىپ، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە پىشىپ يېتىلگەن. ئۇ «جۇدالىق زارى» ئۇسلۇبىدىكى فۇلار، نەسر ئۇسلۇبىدىكى چوڭ فۇلار، لىرىك كىچىك فۇلار دېگەن ئۈچ باسقۇچنى بېسىپ ئۆتتى. «جۇدالىق زارى» ئۇسلۇبىدىكى فۇلارنىڭ مۇنەۋۋەر يازغۇچىسى جيا يى، ۋەكىللىك ئەسەرلىرى «چۈي يۈەنگە تەزىيە، ھۇۋقۇش»، ئۇ بۇ فۇلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغانلىقى، ئەتىۋارلانمىغانلىقى، خارلانغانلىقىدىن شىكايەت قىلغان. بۇ فۇلاردا شېئىرىي تۈس قويۇق بولۇپ، چۇ نەزملىرىدىن فۇغا ئۆتۈش جەريانىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. نەسر ئۇسلۇبىدىكى چوڭ فۇلار تىپىك خەن فۇلىرى ھېسابلىنىدۇ. خەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ۋۇدى چوڭ فۇلارنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى. ئەدىبلەر فۇ يېزىپ ياخشىچاق بولۇپ، ئەمەل تۇتۇش تەمەسىدە فۇلارنى يازاتتى. شۇنىڭ بىلەن چوڭ فۇلار ئەۋج ئالغان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك يازغۇچىسى سىما شياڭرۇ. ئۇنىڭ «ئەلچى زى شۈي ھەققىدە»، «شاڭلىن بېغى ھەققىدە» دېگەن ئەسەرلىرىدە پادىشاھ، بەگلەرنىڭ دەبدەبىلىك ئوۋ قىلىش ئەھۋالى ۋە ئوردا ھەشەمىتى ئالاھىدە مۇبالىغە قىلىنىپ، خەن ۋۇدىنىڭ كەيپ - ساپاغا ھېرىسمەنلىك پسىخىكىسىغا ماسلاشقان. پەقەت بېيىتنىڭ ئاخىرىدا پادىشاھقا تېجەشلىك بولۇش، سىياسىينى ياخشىلاش ھەققىدە بىرئاز نەسىھەت قىلىنغان. «جۇدالىق زارى» ئۇسلۇبىدىكى فۇلارغا سېلىشتۇرغاندا، چوڭ فۇلاردا شېئىرىي تۈس كېمىيىپ، نەسر تۈسى ئاشقان، ئەھۋاللارنى بايان قىلىش تەرتىپى كۆپەيگەن. خەن دەۋرىدىكى ياڭ شيۇڭ، بەن گۇ، جاڭ خېڭلار سىما شياڭرۇنىڭ يېزىش ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلغان. لېكىن، چوڭ فۇلار ئۇزۇن، قۇرۇق، ھەشەمەتلىك سۆزلەر كۆپ، مەزمۇنى پۇچەك، چىنلىقى يېتەرسىز بولغانلىقتىن، شەرقىي خەن دەۋرىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىنى لىرىك كىچىك فۇلار ئىگىلىدى. ئەينى چاغدىكى نەسرچىلەر شەيئىلەرنى تەسۋىرلەپ، ئاستا - ئاستا ئىدىيىۋى ھېسسىياتنى ئىزھار قىلىشقا يۈزلەندى، شۇنىڭ بىلەن لىرىك كىچىك فۇلار بارا - بارا ئەۋج ئالدى. لىرىك كىچىك فۇلار چوڭ فۇلارغا قارىغاندا قىسقا، سۆزى ئېنىق بولۇپ، ئادەمنىڭ ھېسسىياتىنى ئىزھار قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. بەزىلىرىدە ناھەق ئىشلار كىنايە قىلىنىدۇ، رېئاللىق ئېچىپ تاشلىنىدۇ، شۇنداق قىلىپ، تەدرىجىي ئوردا ئەدەبىياتى كاتېگورىيىسىدىن يىراقلاشقان. جاڭ خېڭنىڭ «يۇرتىغا قايتىش»، جاۋ يىنىڭ «زامانغا لەنەت»، مى فېڭنىڭ «شاتۇتى» دېگەن فۇلىرى لىرىك كىچىك فۇلارنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى ھېسابلىنىدۇ. خەن فۇلىرى شەكىللىنىش، تەرەققىي قىلىش جەريانىدا ھەر خىل باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، نەسر ئۇسلۇبىدىكى چوڭ فۇلار خەن فۇلىرىنىڭ تىپى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ كۆپىنچىسى ھۆكۈمرانلار ھۇزۇرلىنىدىغان مەدھىيەنامىلەردىن ئىبارەت. بەزىلىرىدە ئاز - تولا كىنايە پۇرىقى بولسىمۇ، ئۆتكۈر تەنقىد يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەكلى قاتمال، سۆزلىرى غەلىتە - چۈشىنىكسىز بولۇپ، ئوقۇپ چۈشىنىشكە كۆپ كۈچ كېتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، خەن فۇلىرىنىڭ ئەدەبىيات تارىخى ساھەسىدىكى ئورنى يۇقىرى ئەمەس، ھەتتا خەن فۇلىرىنى يېزىش ماھىرى ياڭ شيۇمۇ فۇلارنى «قۇرت - قوڭغۇزلارنى تەسۋىرلىگەندەك» ئەرزىمەس ماھارەت، ئۇلۇغۋار ئىشلارنى يېزىشقا يارىمايدۇ دەپ ھېسابلىغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگوچە جانىۋارلار