UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگوچە جانىۋارلارخۇابېن ۋە بابلىق رومانلار

خۇابېن ۋە بابلىق رومانلار

جۇڭگوچە ژانىرلار چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر - بازارلاردا ھېكايە سۆزلەيدىغان مەدداھلارنى ھەمىشە كۆرگىلى بولاتتى. بۇ سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بەكمۇ ئومۇملاشقان ئەھۋال ئىدى. ئەينى چاغدا بۇ «سۆزلەش» دېيىلەتتى، «خۇابېن» (本话) مەدداھلار سۆزلەشتە پايدىلىنىدىغان كىتابچە بولۇپ، ئۇ ئېلىمىزنىڭ كلاسسىك رومانچىلىقىنىڭ بىر خىل ئاساسىي شەكلى ئىدى. خۇابېنلار ئادەتتە «ھېكايە»، «تارىخ سۆزلەش» دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. «ھېكايە» خۇابېنلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھەجمى كىچىك بولۇپ، ئادەتتە رېئال تۇرمۇش تېما قىلىنىپ، تۆۋەن قاتلام شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلەتتى، ئۇلارنىڭ ئەخلاق - پەزىلىتى مەدھىيىلىنىپ، فېئوداللىق جەمئىيەتنىڭ زۇلمەتلىكلىكى پاش قىلىناتتى. مۇنداق خۇابېنلارنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنى ئېنىق، تۇرمۇش پۇرىقى قويۇق بولاتتى؛ «تارىخ سۆزلەش» خۇابېنلىرىنىڭ ھەجمى چوڭ بولۇپ، كۆپىنچىسىدە تارىخ ئاساس قىلىنىپ، تارىختىكى ئىشلار سۆزلىنەتتى، گەپ - سۆزلىرى رەڭدار، بايانلىرى قىزىقارلىق، قۇرۇلمىسى ھەيۋەتلىك بولاتتى، مۇنداق خۇابېنلار كېيىنكى بابلىق رومانلارنىڭ شەكىللىنىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن. مەيلى «ھېكايە» خۇابېنلىرى بولسۇن ياكى «تارىخ سۆزلەش» خۇابېنلىرى بولسۇن، ھەممىسىنىڭ تىلى ئەينى چاغدىكى ئېغىز تىلىنى ياكى ئەدەبىي تىلنى قوللىناتتى، ئاممىباب ۋە چۈشىنىشلىك ئىدى؛ قۇرۇلمىسى جەھەتتە، رەسمىي ھېكايىگە كىرىشتىن ئىلگىرى نەزم بولاتتى ياكى بىر - ئىككى كىچىك ھېكايە بىلەن گەپ باشلىناتتى؛ پېرسوناژلار ۋە ۋەقەلەر قاپىيىلىك سۆزلەر بىلەن تەسۋىرلىنىپ، كۆرۈنۈش ۋە شەيئىلەر جانلاندۇرۇلۇپ كەيپىيات يارىتىلاتتى، بەزىدە ئاپتورنىڭ تەسۋىرلىنىۋاتقان پېرسوناژ ۋە ۋەقەلەر ھەققىدىكى باھاسى قاپىيىلىك سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنەتتى؛ تۈگەنچىسىدە پۈتۈن ھېكايىنىڭ مەزمۇنىمۇ نەزم بىلەن يىغىنچاقلىنىپ، تەربىيە - ساۋاق بېرىلەتتى. «تارىخ سۆزلەش» خۇابېنلىرىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى ھەجىمىنىڭ چوڭلۇقى. مەدداھلار ئۇنى بىر قېتىمدا سۆزلەپ تۈگىتەلمەيدۇ، بىرنەچچىگە بۆلۈپ سۆزلەيدۇ. ئاڭلىغۇچىلارنىڭ باش - ئاخىرىنى باغلاپ چۈشىنىشى ئۈچۈن، ھەر قېتىم سۆزلىگەندە تېما چىقىرىپ، ئالدىدا سۆزلىگەن مەزمۇنلارنى يىغىنچاقلايدۇ. ئېلىمىزنىڭ بابلىق رومانلىرى مۇشۇ ئالاھىدىلىكنى قوبۇل قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ئىجادىي يۈكسەلدۈرۈپ، ئۆزىگە خاس ئەدەبىي ژانىر بولۇپ شەكىللەنگەن. بابلىق رومانلارنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى پۈتۈن كىتاب بىرنەچچە بابقا بۆلۈنىدۇ. بابلىق رومانلارنىڭ ھەر بابىدا بىرقەدەر مۇكەممەل بىر ھېكايە بۆلىكى سۆزلىنىدۇ، ئۇ نىسپىي مۇستەقىل بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بابلارنىڭ ئالدى - كەينى بىر - بىرىگە باغلىنىپ، پۈتۈن ھېكايە ئورگانىك بىر پۈتۈنلۈككە ئايلىنىدۇ، بابلىق بىر روماندا كەم دېگەندە ئون نەچچە باب، نەچچە ئون باب، كۆپلىرىدە يۈز نەچچە باب، نەچچە يۈز باب بولىدۇ. ھەربىر بابقا «جۈپلەش» شەكلىدىكى ئىككى جۈملە ماۋزۇ قىلىنىدۇ. بۇ ماۋزۇلار شۇ بابنىڭ ھېكايە مەزمۇنىنى ئومۇملاشتۇرۇش رولىنى ئويناپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھېكايىنىڭ باش - ئاخىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا ياردەم بېرىدۇ. بابلىق رومانلارنىڭ ھەربىر بابى ئادەتتە «ئەلقىسسە» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن باشلىنىدۇ، باب ئاخىرى «داۋامىنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلاڭ» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن چۈشۈرۈلىدۇ. بۇمۇ «تارىخ سۆزلەش» خۇابېنلىرىدىن قوبۇل قىلىنغان ئالاھىدىلىك بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى ئەنسىرىتىش، قىزىقتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگوچە جانىۋارلار