UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلارلياۋنىڭ - شېنياڭ جېڭى

لياۋنىڭ - شېنياڭ جېڭى

جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار لياۋنىڭ - شېنياڭ جېڭى «لياۋ - شېن جېڭى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شەرقىي شىمال دالا ئارمىيىسى لياۋنىڭنىڭ غەربىي قىسمى ۋە شېنياڭ، چاڭچۇن رايونلىرىدا گومىنداڭ ئارمىيىسىگە قارشى ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك جەڭ.1948 - يىلى9 - ئايدا شەرقىي شىمالدىكى گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ تەخمىنەن480 مىڭغا يېقىن ئەسكىرى شەرقىي شىمال دالا ئارمىيىسى تەرىپىدىن چاڭچۇن، شېنياڭ، جىنجۇ قاتارلىق يەككە - يېگانە تايانچ نۇقتىلىرىدا ئايرىم - ئايرىم قورشىۋېلىندى. لىن بياۋ، لو رۇڭخۇەنلەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن شەرقىي شىمال دالا ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى باشلاپ جەنۇبتىكى شىمالىي لياۋنىڭ لىنىيىسىگە يۈرۈش قىلىپ، جىنجۇغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق دۈشمەننى شەرقىي شىمالدا قاپسىۋېلىپ، لياۋنىڭ - شېنياڭ جېڭىنى قوزغىدى. جىنجۇ جېڭى لياۋنىڭ - شېنياڭ جېڭىدىكى ھالقىلىق بىر جەڭ. ئەگەر شەرقىي شىمال دالا ئارمىيىسى جىنجۇنى ئىگىلىسە، شەرقىي شىمالدىكى دۈشمەننىڭ قېچىش ئىشىكى ئېتىۋېلىناتتى.9 - ئاينىڭ12 - كۈنى لياۋنىڭ - شېنياڭ جېڭى رەسمىي باشلاندى. شەرقىي شىمال دالا ئارمىيىسى ئالدى بىلەن يىشيەن ناھىيىسىنى ئىگىلەپ، جىنجۇنى سىرتتىن قورشاپ تۇرغان دۈشمەننى يوقاتتى، ئارقىدىنلا تاشەندە گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ10 نەچچە مىڭ كىشىلىك ياردەمچى قىسىمىنى يوقاتتى.10 - ئاينىڭ15 - كۈنى جىنجۇنى ئېلىپ، گومىنداڭ ئارمىيىسى شەرقىي شىمال «قورشاپ يوقىتىش باش قوماندانلىق شتابى» نىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى فەن خەنجيېنى ئەسىرگە ئېلىپ، جەمئىي120 مىڭدىن ئارتۇق دۈشمەن ئەسكىرىنى يوقاتتى. جىنجۇ جېڭىدىن كېيىن شەرقىي شىمالدىكى گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ چېكىنىش يولى ئۈزۈپ تاشلاندى. شەرقىي شىمالنىڭ ئۇرۇش ۋەزىيىتىدىمۇ جىددىي ئۆزگىرىش يۈز بەردى. چاڭچۇندە قورشاۋدا قالغان دۈشمەننىڭ60 - جۈنىنىڭ جۈنجاڭى زېڭ زېشېڭ يەككە - يېگانە، ياردەمسىز قالغانلىقتىن، قىسىمىنى باشلاپ ھەقىقەتكە قايتىش، شەرقىي شىمال «قورشاپ يوقىتىش باش قوماندانلىق شتابى» نىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى جېڭ دۇڭگو قالدۇق قىسىملىرىنى باشلاپ نائىلاج تەسلىم بولدى. چاڭچۇن ئازاد قىلىندى. ئۇزاق ئۆتمەي جياڭ جيېشى9 - بىڭتۇەننىڭ سىلىڭى لياۋ ياۋشياڭغا قىسىمنى باشلاپ جىنجۇغا ھۇجۇم قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، شەنخەيگۇەننىڭ ئىچى - سىرتىنىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى. شەرقىي شىمال دالا ئارمىيىسى ئۇشتۇمتۇت قايتۇرما زەربە بېرىپ، دۈشمەن ئارمىيىسىنى خېيشەن، داخۇشەن ئەتراپىدا قورشىۋالدى. ئىككى كۈن كەسكىن جەڭ قىلىش ئارقىلىق، گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ10 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمى پۈتۈنلەي يوقىتىلىپ، لياۋ ياۋشياڭ ئەسىرگە چۈشتى. ئارقىدىنلا شەرقىي شىمال دالا ئارمىيىسى غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەپ،11 - ئاينىڭ1 - كۈنى شېنياڭنى،2 - كۈنى يىڭكۇنى ئازاد قىلدى. لياۋنىڭ - شېنياڭ جېڭى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى. لياۋنىڭ - شېنياڭ جېڭى جەمئىي52 كۈن داۋاملاشتى، گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ جەمئىي470 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمى يوقىتىلىپ، پۈتكۈل شەرقىي شىمال ئازاد قىلىندى ھەمدە بېيپىڭ، تيەنجىن ۋە پۈتكۈل شىمالىي جۇڭگونىڭ ئازاد قىلىنىشىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىلدى
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار
لياۋنىڭ - شېنياڭ جېڭى | UyghurWiki | UyghurWiki