UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلارخۇڭشيەن يىلىدىكى پادىشاھلىق تۈزۈم

خۇڭشيەن يىلىدىكى پادىشاھلىق تۈزۈم

جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار چىڭ سۇلالىسى پادىشاھى شۈەنتۇڭ خان − فۇيى تەختتىن چۈشۈپ ئۇزاق ئۆتمەي، دازۇڭتۇڭ يۈەن شىكەي پادىشاھ بولۇش نىيىتىدە، پادىشاھلىق تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنى جىددىيلەشتۈردى، بىرەيلەن «بىرلىشىپ جۇمھۇرىيەت قۇردۇق، سۇن جۇڭشەن جۇڭخۇانىڭ ئويغاتقۇچىسى بولۇشقا مۇناسىپ، زۇڭتۇڭ پادىشاھ بولماقچى، يۈەن شياڭچىڭ (يۈەن شىكەي خېنەن شياڭچىڭلىق ئىدى) مىنگونىڭ مەڭگۈلۈك جىنايەتكارى» دەپ مەسنەۋى يازدى. قارشىلىق سادالىرى ئىچىدە يۈەن شىكەينىڭ پادىشاھ بولۇش ئويۇنىنىڭ پەردىسى ئېچىلدى.1912 - يىلى شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن، يۈەن شىكەي جۇڭخۇا مىنگونىڭ دازۇڭتۇڭى بولدى. ئۇ چۈشىدىمۇ ئېرىشىشنى ئويلاپ كەلگەن پادىشاھلىق تەختىگە چىقىش ئۈچۈن، ياپونىيىنىڭ جۇڭگونى مۇنقەرز قىلىدىغان «21 ماددا» سىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ياپونىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ پادىشاھ بولۇشىنى ھىمايە قىلىدىغان تەييارلىق كۆرۈش كومىتېتى قۇردى، ھەتتا قەلەندەر ۋە پاھىشىلەرنىمۇ ئۆز تەرىپىگە تارتىپ، «قەلەندەرلەر تەلەپ قويۇش ئۆمىكى، پاھىشىلەر تەلەپ قويۇش ئۆمىكى» تەشكىللىدى.1915 - يىلى12 - ئايدا ئۇ يەنە جېدەلخور لۈكچەكلەرنى ياللاپ، ئۇلارنى «دۆلەت مەجلىسى» گە قوراللىق بېسىم ئىشلىتىش ۋە سېتىۋېلىش يولى بىلەن ھەرقايسى ئۆلكە ۋەكىللىرىنى ئۆزىنى پادىشاھ قىلىپ سايلاشقا قىستىدى.1915 - يىل12 - ئاينىڭ11 - كۈنى ئاۋام پالاتاسى «خەلق رايى» دېگەن ۋىۋىسكىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، يۇقىرىغا ئۇنى پادىشاھ قىلىشقا دەۋەت قىلىپ مەكتۇپ سۇندى. يۈەن شىكەي يالغاندىن بىرئاز ۋاقىت باش تارتقاندەك قىلىپ قويۇپ «پادىشاھ بولۇشقا دەۋەت قىلىش مەكتۇپى» نى قوبۇل قىلدى. ئۇ تاج كىيىپ پادىشاھ بولۇش باياناتىنى جاكارلاپ، تەپ تارتماستىن ئۆزىنىڭ دۆلەت ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇش، »دۆلەت ۋە مىللەتنى قۇتقۇزۇش« ئۈچۈن پادىشاھ بولغانلىقىنى ئېيتتى.12 - ئاينىڭ13 - كۈنى ئۇ جۇڭخۇا مىنگونىڭ5 - يىلىنى «خۇڭشيەن» نىڭ تۇنجى يىلى قىلىپ ئۆزگەرتكەنلىكىنى جاكارلاپ، يېڭى يىل كۈنى پادىشاھلىق تەختىگە چىقىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، پادىشاھ خۇڭشيەن بولۇشقا تەييارلاندى. يۈەن شىكەي پادىشاھ بولۇش چۈشىنى كۆرۈۋاتقان ۋاقىتتا، يۈەن شىكەيگە قارشى كۈچلەر ئاللىبۇرۇن يالقۇندەك لاۋۇلداپ دۆلەتنى ھىمايە قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىۋەتتى.1915 - يىل12 - ئاينىڭ25 - كۈنى سەي ئې، لى ليېجۈن قاتارلىقلار يۈننەندە مۇستەقىللىق جاكارلاپ، پۈتۈن مەملىكەتكە تېلگېرامما يوللاپ، يۈەن شىكەينىڭ پادىشاھ بولۇشىغا قارشى تۇردى. ئارقىدىنلا گۇيجۇ، گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭ، جېجياڭ قاتارلىق ئۆلكىلەرمۇ بەس - بەستە ئاۋاز قوشتى. پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان يۈەن شىكەينىڭ پادىشاھلىقنى تىرىلدۈرۈشىگە قارشى غەزەپ سادالىرى ئىچىدە، يۈەن شىكەي1916 - يىلى يېڭى يىل كۈنى تەختكە چىقىپ پادىشاھ بولغان بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى تېزلا ئاۋامنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچراپ،3 - ئاينىڭ22 - كۈنى پادىشاھلىق تۈزۈمنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ ئاران83 كۈن تەختتە ئولتۇرالىدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار
خۇڭشيەن يىلىدىكى پادىشاھلىق تۈزۈم | UyghurWiki | UyghurWiki