ئون ئۈچىنچى ئاۋغۇست ۋەقەسى
جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار
1937 - يىلى ياپون جاھانگىرلىكى لۇگۇچياۋ ۋەقەسىنى قوزغىغاندىن كېيىن، يەنە شاڭخەيگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلدى، جەنۇب - شىمالدىن تەڭ قىستاپ، تېز جەڭ قىلىپ تېز غەلىبە قىلىش ئارقىلىق مىللىي ھۆكۈمەتنى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلماقچى بولدى.8 - ئاينىڭ9 - كۈنى ياپونىيىنىڭ ئىككى ھەربىي ئەمەلدارى ھەربىي ماشىنىسى بىلەن شاڭخەي خۇڭچياۋ ئايرودرومىغا ئۈسۈپ كىرىپ، جۇڭگولۇق بىر مۇھاپىزەتچى ئەسكەرنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. جۇڭگونىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچى ئەترىتى قايتۇرما زەربە بېرىپ، ياپونىيىنىڭ ئىككى ھەربىي ئەمەلدارىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. ياپونىيە مۇشۇنى باھانە قىلىپ،8 - ئاينىڭ13 - كۈنى شاڭخەيگە زور كۆلەملىك ھەربىي ھۇجۇم قوزغىدى. جۇڭگو ئارمىيىسى قايتۇرما زەربە بەردى. مانا بۇ «13 - ئاۋغۇست» ۋەقەسىدۇر. بۇ ۋەقە «ۋۇسۇڭ - شاڭخەي ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى جېڭى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ۋەقەدىن كېيىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى «ئۆزىنى قوغداش» باياناتى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئىلگىرى - كېيىن400 مىڭ كىشىلىك قوشۇن توپلاپ شاڭخەينى قوغدىدى.9 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ياپونىيىمۇ ئارمىيىسىنى100 نەچچە مىڭ كىشىگە كۆپەيتتى. جۇڭگو ئارمىيىسى باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىنى بىرپەس چېكىندۈردى. باۋشەن ناھىيە بازىرىنى قوغداۋاتقان500 ئەسكەر ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ شىددەتلىك توپقا تۇتۇشى ئاستىدا ئىككى كېچە - كۈندۈز جەڭ قىلىپ، ھەممىسى قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى.10 - ئاينىڭ ئاخىرىدا ياپونىيە زور كۆلەمدە ئەسكەر يۆتكەپ، شاڭخەي شەھەر رايونىغا ھۇجۇم قىلدى. تۇەنجاڭ شيې جىنيۈەن800 ئەسكەرگە قوماندانلىق قىلىپ سىخاڭ ئامبىرىنى مەھكەم ساقلاپ، ئاساسىي قىسىمنىڭ چېكىنىشىنى مۇھاپىزەت قىلدى. ئۇلار تۆت كېچە - كۈندۈز جەڭ قىلىپ ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىنى كۆپ قېتىم چېكىندۈرۈپ، ئاساسىي قىسىمنىڭ چېكىنىشىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغاندىن كېيىن چېكىندى.11 - ئاينىڭ9 - كۈنى ياپونىيە ئارمىيىسى شاڭخەينى ئىشغال قىلىۋالدى.