UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلارخۇەيخەي جېڭى

خۇەيخەي جېڭى

جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار خۇەيخەي جېڭى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك دالا ئارمىيىسى ۋە شەرقىي جۇڭگو دالا ئارمىيىسى قاتارلىق قىسىملىرى شۈيجۇنى مەركەز قىلغان خۇەيخەي رايونىدا گومىنداڭ ئارمىيىسىگە قارشى ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك جەڭ.1948 - يىلى11 - ئايدا گومىنداڭ ئارمىيىسى800 نەچچە مىڭ ئەسكىرىنى توپلاپ خۇەيخەي رايونىدا مۇستەھكەم مۇداپىئە ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىشىنى توسماقچى بولدى. شەرقىي جۇڭگو ئارمىيىسى ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك دالا ئارمىيىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ليۇ بوچېڭ، چېن يى، دېڭ شياۋپىڭ، سۇ يۈي، تەن جېنلىنلارنىڭ بىر تۇتاش قوماندانلىقىدا، شەرقتە دۇڭخەي دېڭىزىدىن غەربتە شاڭچيۇ، شىمالدا لىنچېڭ (ھازىرقى شۆچېڭ)، جەنۇبتا خۇەيخې دەرياسىغىچە بولغان كەڭ رايوندا گومىنداڭ ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، زور كۆلەملىك خۇەيخەي جېڭىنى قوزغىدى.11 - ئاينىڭ6 - كۈنىدىن22 - كۈنىگىچە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئالدى بىلەن شۈيجۇنىڭ شەرقىدىكى نيەنجۇاڭ رايونىدا گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ خۇاڭ بوتاۋ بىڭتۇەنىنى يوقاتتى.11 - ئاينىڭ23 - كۈنىدىن12 - ئاينىڭ15 - كۈنىگىچە يەنە شۇاڭدۈيجى رايونىدا خۇاڭ ۋېي بىڭتۇەنىنى يوقاتتى. خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى شۈيجۇنى ئىگىلىگەندىن كېيىن يەنە داۋاملىق باتۇرلارچە قوغلاپ زەربە بېرىپ، چېنگۇەنجۇاڭ رايونىدا غەربىي جەنۇبقا قېچىۋاتقان دۈشمەن قوشۇنىنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، سۇن يۈەنلياڭ بىڭتۇەنىنى يوقاتتى.1949 - يىل1 - ئاينىڭ6 - كۈنى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى قورشاۋدا قالغان گومىنداڭ ئارمىيىسىگە ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغاپ دۈشمەن قوشۇنىنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ، «باندىتلارنى يوقىتىش» مۇئاۋىن باش قوماندانى دۇ يۈيمىڭنى تىرىك تۇتتى. خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى بۇ قېتىمقى ھەل قىلغۇچ جەڭدە تولۇق غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. خۇەيخەي جېڭى جەمئىي66 كۈن داۋاملاشتى، جەڭدە گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ550 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمى يوقىتىلدى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى شەرقىي جۇڭگو، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى ئاساسىي جەھەتتىن ئازاد قىلىندى، گومىنداڭنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەركىزى − نەنجىڭغا بىۋاسىتە تەھدىت سېلىنىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ئازاد قىلىنىشىغا ئاساس سېلىندى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار