UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلارچاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش جېڭى

چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش جېڭى

جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش جېڭى — جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ مىليون كىشىلىك قۇدرەتلىك قوشۇنى جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ چاڭجياڭ دەرياسى مۇداپىئە سېپىنى بىتچىت قىلىپ، گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان جەڭ.1949 - يىلى1 - ئايدا خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمى ئاستىدا، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى بىر تەرەپتىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن يالغاندىن «تىنچلىق سۆھبىتى» ئۆتكۈزمەكچى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن توپلىغىلى بولىدىغانلىكى قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ ھەممىسىنى توپلاپ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدا مۇداپىئە سېپى قۇرۇپ، چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئىبارەت تەبىئىي توسۇققا تايىنىپ خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىشىنى توسۇشقا ئۇرۇندى.4 - ئاينىڭ20 - كۈنى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى مەملىكەت ئىچى تىنچلىق كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلدى.4 - ئاينىڭ21 - كۈنى ماۋ زېدۇڭ ۋە جۇ دې خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ جەڭ قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش جېڭىنى قوزغىدى.4 - ئاينىڭ21 - كۈنى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ مىليون كىشىلىك قۇدرەتلىك قوشۇنى جياڭشىنىڭ خۇكۇ دېگەن يېرىدىن جياڭسۇنىڭ جياڭيىن دېگەن يېرىگىچە بولغان500 نەچچە كىلومېتىرلىق ئۇرۇش سېپىدە ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ، چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ جەڭ قىلدى. چۈشتىن كېيىن خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىنى ھۇجۇم بىلەن ئېلىپ، گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ چاڭجياڭ دەرياسى مۇداپىئە سېپىنى بىتچىت قىلدى.23 - كۈنى مىليون كىشىلىك زور قوشۇننىڭ ھەممىسى چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتتى. شۇ كۈنى كەچتە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى نەنجىڭنى ئالدى، جۇڭگو خەلقىگە22 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان گومىنداڭ ھاكىمىيىتى گۇمران بولدى. چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش جېڭىدە، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ جەمئىي430 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى يوقاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى خۇددى كۈز شامىلى غازاڭلارنى سۈپۈرگەندەك ھەيۋە بىلەن گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ قالدۇق قىسىملىرىنى قوغلاپ يوقىتىپ، خاڭجۇ، شاڭخەي، جيۇجياڭ، نەنچاڭ، ۋۇخەن قاتارلىق چوڭ شەھەرلەر ۋە كەڭ رايونلارنى ئارقا - ئارقىدىن ئىگىلىدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار