UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلارئىككىنچى قېتىملىق ئەپيۈن ئۇرۇشى

ئىككىنچى قېتىملىق ئەپيۈن ئۇرۇشى

جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار 2 - قېتىملىق ئەپيۈن ئۇرۇشى —1856 - يىلىدىن1860 - يىلىغىچە ئەنگلىيە - فرانسىيە ئىككى دۆلەت بىرلىشىپ قوزغىغان جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىدۇر. شۇڭلاشقا، «ئەنگلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.1856 - يىلى (شيەنفېڭنىڭ6 - يىلى)3 - ئايدا فرانسىيە كاتولىك دىنى پوپى ئاۋگۇست چاپدېلائىن گۇاڭشىنىڭ شىلىن رايونىغا قانۇنسىز سوقۇنۇپ كىرىپ خالىغانچە ئەسكىلىك قىلغاچقا، يەرلىك ئەمەلدارلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنىدى.10 - ئايدا گۇاڭدۇڭ دېڭىز ئارمىيىسى جۇڭگونىڭ »يالو« ناملىق سودا كېمىسىدە دېڭىز قاراقچىلىرىنى قولغا ئالدى، ئەنگلىيىنىڭ گۇاڭجۇدا تۇرۇشلۇق كونسۇلى باسىل (礼夏巴) بۇ كېمىنىڭ شياڭگاڭدا تىزىمغا ئالدۇرۇلغانلىقىنى باھانە قىلىپ (بۇ چاغدا ئاللىبۇرۇن ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنىدى) كېمىنى ئەنگلىيىنىڭ كېمىسى دەپ، قەستەن جېدەل - ماجىرا تېرىدى.10 - ئاينىڭ23 - كۈنى ئەنگلىيە فلوتى جۇجياڭ دەرياسىغا ئۈسۈپ كىرىپ گۇاڭجۇنى توپقا تۇتۇپ، ئۇرۇش ئىغۋاگەرچىلىكى قوزغىدى. فرانسىيىمۇ «پوپ ئاۋگۇست چاپدېلائىن ۋەقەسى» نى باھانە قىلىپ، ئەنگلىيە بىلەن بىرلىكتە جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش بىرلەشمە قوشۇنىنى تەشكىللىدى.1857 - يىلى12 - ئايدا ئەنگلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى گۇاڭجۇنى ئىشغال قىلدى، «جەڭ قىلماسلىق، سۈلھىلەشمەسلىك، مۇداپىئە قىلماسلىق، قۇربان بەرمەسلىك، تەسلىم بولماسلىق، قاچماسلىق» نى تەشەببۇس قىلغان گۇاڭدۇڭ - گۇاڭشى باش ھەربىي ۋالىيسى يې مىڭچېن ئەسىرگە چۈشتى.1858 - يىلى5 - ئايدا ئەنگلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى ئۇدۇل تيەنجىنگە قىستاپ كېلىپ، بېيجىڭ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىمىز دەپ داۋراڭ سالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا، روسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ فلوتىمۇ تيەنجىن دېڭىز تەۋەلىكىدە مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، ئەنگلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ ھەيۋىسىنى ئاشۇردى. ئالاقزادە بولۇپ كەتكەن شيەنفېڭ خان تيەنجىنگە ئادەم ئەۋەتىپ، تاجاۋۇزچىلار بىلەن يارىشىپ قېلىشنى تەلەپ قىلدى. روسىيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنى «ئەيخوي شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلىپ، جۇڭگونىڭ كەڭ زېمىنىنى بېسىۋالدى.6 - ئايدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە، ئامېرىكا بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا «تيەنجىن شەرتنامىسى» نى ئىمزالىدى، شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى تيەنجىندىن چېكىنىپ چىقىپ كەتتى.1859 - يىلى6 - ئايدا ئەنگلىيە، فرانسىيە ئەلچىلىرى شەرتنامە ئالماشتۇرۇشنى باھانە قىلىپ ھەربىي فلوتنى باشلاپ، داگۇ ئېغىزى ۋە سۇبەيخې دەرياسى ئارقىلىق ئۇدۇل بېيجىڭغا بېرىشتا چىڭ تۇرۇۋالغاندا، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەت قىلىندى. ئەنگلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى داگۇ ئېغىزدىكى زەمبىرەك سۇپىسىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغىدى. بۇ جاينى قوغداۋاتقان جۇڭگو ئارمىيىسى زەمبىرەك ئېتىپ قايتۇرما زەربە بەردى ھەمدە بىر كېچە - كۈندۈز كەسكىن جەڭ قىلىپ، ئەنگلىيە - فرانسىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىنىڭ ئون نەچچە ھەربىي پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋەتتى ۋە ئېغىر زەخىملەندۈردى. تاجاۋۇزچى ئارمىيىنىڭ400 نەچچە ئادىمىنى ئۆلتۈردى ۋە يارىدار قىلدى.1860 - يىلى8 - ئايدا ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە قوشۇنىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىپ، داگۇ ئېغىزى ۋە تيەنجىننى قايتىدىن ئىشغال قىلىپ، بېيجىڭغا قىستاپ كەلدى. شيەنفېڭ خان ئالاقزادىلىككە چۈشۈپ، ئىنىسى گۇڭ چىنۋاڭ − يى شىننى ئەنگلىيە، فرانسىيىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قالدۇرۇپ، ئۆزى چېڭدېغا قاچتى.10 - ئاينىڭ13 - كۈنى ئەنگلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى بېيجىڭنى ئىشغال قىلىۋالدى. تاجاۋۇزچىلار بېيجىڭ شەھىرىنى غالجىرلارچە بۇلاپ - تالىدى، يەنە تېخى خان جەمەتى باغچىسى — يۈەنمىڭيۈەن باغچىسىغا ئۈسۈپ كىرىپ، باغچىدىكى سان - ساناقسىز بىباھا جاۋاھىرات ۋە قىممەتلىك بۇيۇملارنى بۇلاپ - تالاپ قۇرۇقداپ قويدى. ئاخىردا يەنە بۇ ھەيۋەتلىك، كۆركەم خان جەمەتى باغچىسىنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتتى.10 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە - فرانسىيىلەر بىلەن «تيەنجىن شەرتنامىسى» نىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى ئالماشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جۇڭگو - ئەنگلىيە، جۇڭگو - فرانسىيە «بېيجىڭ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولدى.11 - ئايدا روسىيىمۇ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنى «بېيجىڭ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇرلاپ، جۇڭگونىڭ يەنە كۆپلىگەن زېمىنىنى بېسىۋالدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنى غەربتىكى كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەتلەر ئەپيۈن ئۇرۇشىدا ئېرىشكەن تاجاۋۇزچىلىق ھوقۇق - مەنپەئەتلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش غەرىزىدە قوزغىغاچقا،2 - قېتىملىق ئەپيۈن ئۇرۇشى دەپ ئاتالدى. بۇ ئۇرۇش جۇڭگونى تېخىمۇ كۆپ زېمىنىدىن ۋە ھوقۇق - مەنپەئىتىدىن مەھرۇم قىلدى. ماركس بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنى ئىنتايىن ئادالەتسىز ئۇرۇش، دەپ ئاتىغانىدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار