UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلاريىگىرمە سەككىزىنچى يانۋار ۋەقەسى

يىگىرمە سەككىزىنچى يانۋار ۋەقەسى

جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار «28 - يانۋار» ۋەقەسى ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ شاڭخەيگە قوراللىق تاجاۋۇز قىلىش ۋەقەسىدۇر. «18 - سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن، تاجاۋۇزچىلىق خورىكى تېخىمۇ ئۆسكەن ياپون جاھانگىرلىكى تاجاۋۇزچىلىق ئىبلىس چاڭگىلىنى شاڭخەيگە سوزدى. بىر قاتار ئىغۋاگەرچىلىكلەرنى پەيدا قىلغاندىن كېيىن،1932 - يىل1 - ئاينىڭ28 - كۈنى شاڭخەيگە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىدى.1932 - يىل1 - ئاينىڭ18 - كۈنى بەش ياپون راھىبى شاڭخەيدىكى مايۈيشەن يولىدا نەچچە ئونلىغان جۇڭگو ئىشچى پىدائىي ئەسكەرلىرىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىقتىن، ئىككى تەرەپ قاتتىق توقۇنۇشۇپ قالدى. ياپونىيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىشنى چوڭايتىپ، ياپون سەرگەردانلىرىنى جۇڭگو سەنيۇ سودا - سانائەت جەمئىيىتىنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈشكە كۈشكۈرتۈپ، نۇرغۇن جۇڭگو ساقچىلىرىنى ئۆلتۈردى ۋە يارىلاندۇردى. باشقىلارنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن ياپونىيە ئىشپىيونلۇق ئورگىنى يەنە ياپونىيىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنىڭ تۇرالغۇسىنى كۆيدۈرۈپ، بۇ ئىشنى جۇڭگولۇقلار قىلدى دەپ بىلجىرلىدى. ئارقىدىنلا ياپونىيە باش كونسۇلى گومىنداڭنىڭ شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمىتىگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ، تۈرلۈك يولسىز تەلەپلەرنى قويدى. شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەت چىداپ تۇرۇپ يول قويۇپ، ياپونىيە تەرەپنىڭ يولسىز تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلدى. بىراق1 - ئاينىڭ28 - كۈنى ياپونىيە دائىرىلىرى يەنە مۇھاجىرلارنى قوغداشنى باھانە قىلىپ، جۇڭگو قوشۇنلىرىنىڭ جابېيدىن دەرھال چېكىنىپ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى ھەمدە شۇ كۈنى كەچتىلا شاڭخەيدىكى ياپونىيە كونسېسسىيىسى ئەسكەر چىقىرىپ جابېي ئەتراپىغا ھۇجۇم قىلدى. ئەينى ۋاقىتتا، گومىنداڭنىڭ شاڭخەينى ساقلاۋاتقان19 - يول ئارمىيىسى سەپەرۋەرلىككە كېلىپ قارشىلىق كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن شاڭخەي جېڭى پارتلىدى. ئۇرۇش ئەمدىلا باشلانغاندا، ياپون جاھانگىرلىرى «تۆت سائەت ئىچىدە شاڭخەينى ئىشغال قىلىمىز» دەپ داۋاراڭ سالدى. بىراق، شاڭخەيدىكى ئىشچىلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە شەھەر خەلىقنىڭ قوللىشىدا،19 - يول ئارمىيىسى سەي تىڭكەي، جاڭ گۇاڭنەي قاتارلىق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى گېنېراللارنىڭ قوماندانلىقىدا باتۇرلارچە قارشىلىق كۆرسىتىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى ئارقا - ئارقىدىن چېكىندۈرۈپ، ياپونىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىنىڭ10 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى تالاپەتكە ئۇچرىتىپ، ياپونىيە ئارمىيىسىنى ئۈچ قېتىم قوماندانىنى ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى.3 - ئاينىڭ باشلىرىدا، ياپونىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىنىڭ ئادىمى100 مىڭغا كۆپەيدى. لېكىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئاران40 مىڭچە ئادىمى بار19 - يول ئارمىيىسىگە ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتىشنى، تەمىنات ۋە قورال - ياراغ بېرىشنى رەت قىلدى ھەمدە شاڭخەيدىكى پىدائىيلار قوشۇنىنى تارقىتىۋەتتى. بىر ئايدىن ئارتۇق قانلىق جەڭدىن كېيىن19 - يول ئارمىيىسىنىڭ ئوق - دورىلىرى ۋە ئاشلىقى تۈگەپ، شاڭخەيدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى.1932 - يىل5 - ئاينىڭ5 - كۈنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ياپون تاجاۋۇزچىلىرى ئوتتۇرىسىدا «ۋۇسۇڭ - شاڭخەي ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى» ئىمزالاندى، ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنىپ، جۇڭگو ئارمىيىسى پەقەت شاڭخەيدىن سۇجۇ، كۇنشەنگىچە بولغان جايلارنىڭ ئەتراپىدىلا مۇداپىئەدە تۇرىدۇ ھەمدە ياپونىيىگە قارشى ھەرىكەتلەر چەكلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەندى. شۇنىڭ بىلەن ياپونىيە يەنە شاڭخەيدە جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشتىكى كۆۋرۈك ئىستىھكامى قۇرۇۋالدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار